«كۆزىتىش» ژۇرنىلى ماقالە ئېلان قىلدى:
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى ئىززەتلەش ھېسسىياتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى نەشر قىلىنغان «كۆزىتىش» ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 40 − 41 سانىدىكى نوپۇزلۇق سەھىپە − «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش خاتىرىسى» مەخسۇس ئىستونىدا مۇخبىر چېن يەن يازغان «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى ئىززەتلەش ھېسسىياتى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يەرلىكتىن مەركەزگىچە ئىزچىل تۈردە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى ئىززەتلەش ئىدىيەسى بايان قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتى، ياشانغانلارنى ئىززەتلەش ئەمەلىيىتى، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش خىسلىتى، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى نامايان قىلىندى. مۇھىم مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۇڭياڭ بايرىمى. جۇڭگولۇقلارنىڭ قىممەت قارىشىدا ئاتا - ئانىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش تەكىتلىنىدۇ، بۇ، گۈزەل ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقتۇر.
«قەدىمكىلەر مۇنداق ئېيتقان: <ۋاپادارلىق ئەخلاق - پەزىلەتنىڭ ئاساسى>. قەدىمدىن بۇيان، جۇڭگولۇقلار ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، ئاتا - ئانىلارنى سۆيۈشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن، ئۆز ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى، ئۆز پەرزەنتلىرىنى بېقىش، تەربىيەلەش بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ بېقىش، تەربىيەلەشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن، دۆلىتىمىز ياشانغانلار كۆپىيىش جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى. ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشى، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇشى، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇشى، ياشانغاندا خاتىرجەملىكى بولۇشى جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك.» 2019 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى «ۋاپادارلىق» ۋە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى ئىززەتلەشتەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنى مۇشۇنداق بايان قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىتاب جازىسىغا ئىككى پارچە سۈرەت قويۇلغان: بىرى، ئۇ دادىسى شى جۇڭشۈن ئولتۇرغان چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە مېڭىۋاتقان سۈرەت؛ يەنە بىرى، ئۇ ئاپىسى چى شىننى قولىدىن يېتىلەپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ سەيلە قىلىۋاتقان سۈرەت. ھۆكۈمەت ئىشى ئالدىراش بولغان تەقدىردىمۇ، ھەر قېتىم ۋاقتى چىققاندا ئاپىسى بىلەن بىللە تاماق يەپ، تاماقتىن كېيىن شى جىنپىڭ ئاپىسىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ سەيلە قىلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدۇ.
كىچىك ۋاپادارلىق ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادار بولۇش، چوڭ ۋاپادارلىق دۆلەتكە سادىق بولۇشتۇر. ياشانغانلارنى ئىززەتلەپ، ئىقتىدارلىقلارنى ھۆرمەتلەشنى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.
1984 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئەينى ۋاقتىدا خېبېي جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم «خەلق گېزىتى»دە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش» باش تېما قىلىنغان ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلغان.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، شى جىنپىڭ جېڭدىڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، شەھەردىن چىقمىسىلا ئۆزى ۋېلىسىپىت مىنىپ، جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى بىردىنبىر 212 تىپلىق جىپ ماشىنىنى پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سەپلەپ بەرگەن.
...
باش شۇجى بولغاندىن كېيىن، يەرلىككە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا شى جىنپىڭ يېزا - كەنتلەر، مەھەللىلەر، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت پونكىتلىرىغا بېرىپ، ياشانغانلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشنى تاپىلىدى.
سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟ داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش قانداقراق؟ تاماق ئېغىزىڭىزغا تېتىۋاتامدۇ؟ بۇ يەردە تۇرسىڭىز قانچە پۇل تاپشۇرىسىز؟ ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ مۇلازىمىتى ۋە تۇرمۇشىدىن رازىمۇسىز؟... باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھەربىر مەسىلە قارىماققا كىچىك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ھەممىسى ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ئىدى.
ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كەسپىنى ئالغا سىلجىتىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت چىقىرىش، ئائىلىنى ئاساس، مەھەللىنى تايانچ، ئاپپاراتنى تولۇقلىما قىلغان، داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە پائال يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك، ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى بېسىپ تارقىتىش... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى بىلەن، بىر يۈرۈش كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن «جۇڭگوچە» ياشانغانلار كۈتۈنۈش لايىھەسى ئايدىڭلاشتى.
ئولتۇرۇش ئالدىدا كۈن زەپ ئۇز كۆرۈنەر، جاھاندىكى كىشىلەر كەچكى ھاۋانىڭ قەدرىنى بىلەر.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۆز ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ياشانغانلارنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئۇلارغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق»تىن ئىبارەت ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارنى ئىززەتلەش ھېسسىياتى پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە كۆرسىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاتا - ئانىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتىن ئىبارەت جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى ئارقىلىق يۈز مىليونلىغان جۇڭگولۇقنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، بارلىق ياشانغانلارنى ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش، ياشانغاندا خۇشاللىقى بولۇش، ياشانغاندا خاتىرجەملىكى بولۇش، گۈزەل ۋە بەختلىك تۇرمۇشتىن خاتىرجەم بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە كۈچەپ ئىگە قىلدى.