تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

«كەتمەن»دىن «تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ»غىچە

​− ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدىن شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا نەزەر

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شاڭ شېڭ، دۇڭ بوتىڭ

يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق چاڭلاشتۇرۇش، يوپۇق يېپىپ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، پاختا يىغىش ماشىنىسى... شىنجاڭنىڭ بىپايان ئېتىزلىرىدا، ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىن كۈزلۈك يىغىمغىچە، ماشىنىلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى تۆۋەنلىدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى. بىر قاتار ئىلغار پەن - تېخنىكا ئامىللىرى داۋاملىق «ئادەتتىكى پۇقرالار ئائىلىسىگە تېز كىرىپ»، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

ئالتۇن كۈزدىكى 10 - ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا «پاختا دېڭىزى» كەينى - كەينىدىن ھوسۇل يىغىش ئاۋات مەزگىلىگە قەدەم قويدى. بۇ پەسىل ئەسلىدە پاختىكارلار ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىدىغان ۋاقىت ئىدى. لوپنۇر ناھىيەسىدىكى تۇتاش كەتكەن كېۋەزلىكتە، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىملاردىن باشقا، ئاساسەن دېھقانلارنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولمايتتى.

بۇ پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ مەشغۇلات ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، بىر ماشىنا ئەسلىدە نەچچە يۈز ئادەم قىلىدىغان خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. بۇ ماشىنا بولغاچقىلا كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى دىلشات مەمەت ئىلگىرى بىر پەسىلدە ئاران يىغىپ بولالايدىغان پاختىلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە بىر كۈندىلا يىغىۋېلىپ ھەممىسىنى «ئامبار»غا كىرگۈزدى.

مەشغۇلات قىلغاندا، بۇ پاختا يىغىش ماشىنىسى بىر تەرەپتىن پاختىلارنى سۈمۈرۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن پاختىلارنى تەخمىنەن ئىككى توننا ئېغىرلىقتا تايلاپ، غايەت زور تۇخۇم شەكلىگە كىرگۈزەتتى، قارىماققا خۇددى بىر «تۇخۇم تۇغۇش ماشىنىسى»غىلا ئوخشايتتى.

دىلشات ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچ ئەۋلاد كېۋەز تېرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. دادىسى يەر تېرىغاندا، كەتمەن قولغا ئەڭ ئەپ كېلىدىغان دېھقانچىلىق قورالى ھېسابلىناتتى، يەر ئاغدۇرغاندا، چۆنەك تارتقاندا پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا تايىناتتى. دادىسىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ماشىنىلاشقان كېۋەز تېرىشنىڭ تەمىنى تېتىغان دىلشات ھەمكارلىق ھەمراھى بىلەن بىر يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت شىركىتى قۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، مەخسۇس تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا دورا چېچىشقا، ماشىنىدا پاختا يىغىشقا ئېھتىياجى بار يەرلىك دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق پۇل تېپىپ بېيىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ماشىنىدا كېۋەز تېرىش، پاختا يىغىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى، شوپۇرسىز تىراكتور قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېزا ئىگىلىك ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزدى. بۇنىڭ پايدىسىدا، يەر تۈزلەش، تۈجۈپىلەپ تېرىش، يوپۇق يېپىش، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، پاختا يىغىش ماشىنىسى بىلەن يىغىۋېلىش قاتارلىق پۈتۈن جەرياندا ماشىنىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلدى، بۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى پاختا رايونلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستى.

ئىلگىرىكى ئېتىزلاردىكى «باش قەھرىمان» كەتمەن ھازىر مۇزېينىڭ كۆرگەزمە ئىشكاپىغا قويۇلدى، «ئادەم سۆرەيدىغان، يۈدىدىغان» تېرىقچىلىق شەكلى تەدرىجىي چېكىنىپ چىقتى، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىش بولۇپ، بارغانسېرى «پەن - تېخنىكا تۈسى»نى ئالدى.

شىنجاڭ تيەنيې گۇرۇھى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسى كېۋەز، كۆممىقوناق، بۇغداي، شال قاتارلىق 40 نەچچە خىل زىرائەتتە قوللىنىلىپ، يېڭى تىپتىكى سۇ تېجەپ ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يولىنى ئاچتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىپ شال ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى ئەنئەنىۋى شال تېرىشتىكى «سۇدا مەشغۇلات قىلىش» ئەندىزىسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، %60تىن كۆپرەك سۇنى تېجەپ قالدى.

نەشپۈت چېچىكىنى چاڭلاشتۇرۇشتا يېڭى «خاسىيەتلىك قورال» بار بولدى. كورلا نەشپۈتى چىقىدىغان بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ئىلگىرىكى يىللاردا نەشپۈت چېچىكى ئاساسلىقى ئادەم كۈچى ياكى ھەسەل ھەرىسىگە تايىنىپ چاڭلاشتۇرۇلاتتى. ھازىر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇيۇقلۇقتا چاڭلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى ئىجرا قىلىدىغان بولدى.

نەشپۈت دەرىخىنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى بىر ھەپتە ئەتراپىدىلا بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا دائىم چاڭ - توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەچكە، چاڭلاشتۇرۇش ۋاقتى قىس، بۇ تېخنىكا ئۈنۈمى يۇقىرى، مېۋىلىتىشى تەكشى ۋە تەننەرخى تۆۋەن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھەسەل ھەرىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىر سائەتتە 40 مو باغنى چاڭلاشتۇرالايدىكەن، ئۈنۈمى ئادەم كۈچى ئارقىلىق چاڭلاشتۇرۇشنىڭ 60 - 50 ھەسسىسىچىلىك بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاڭلاشتۇرۇش تېخنىكىسى نەشپۈتنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتىنى 500 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئاشۇرالايدىكەن. تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ بىلەن نەشپۈت دەرىخىنى چاڭلاشتۇرۇش تېخىمۇ كۆپ نەشپۈتچى دېھقاننىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

10 - ئاي قىزىلچىدىن ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل. دۆلىتىمىزدىكى قىزىلچا شېكىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدا تېرىلغان قىزىلچا كۆلىمى 1 مىليون مو بولۇپ، جۇڭگونىڭ قىزىلچا شېكىرى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %45ىنى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش باشقۇرۇش شەكلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ قىزىلچا شېكىرى كەسپىدە دۆلىتىمىزدىكى ئوخشاش كەسىپلەر ئىچىدە يەر تۈزلەش، تېرىش، چاغلاش، ھوسۇلنى يىغىشنىڭ پۈتۈن جەرياندا ماشىنىلاشقان مەشغۇلات ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ۋە كەسىپلەشكەن تىجارەتمۇ شىنجاڭنىڭ قىزىلچا شېكىرى كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئايلاندى. جۇڭلياڭ تۈنخې شېكەرچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى «قىزىلچا شېكىرى زاۋۇتى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت يۇقىرى دەرىجىدە زاكازلاشقان ئەندىزىنى قوللاندى، كارخانا قىزىلچا تېرىغۇچىلارغا ئىشلەپچىقىرىش مەبلىغى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى، ماشىنا ياردەم تولۇقلىمىسى، ئېتىز پەرۋىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە «ئېتىز خىزمەتچىسى» شەكلىدە مۇلازىمەت قىلدى ھەم بىرتۇتاش كاپالەتلىك باھادا سېتىۋېلىش ۋە يەر ئوبوروتى بويىچە پايدا تەقسىملەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ بازار داۋالغۇشى خەۋپ - خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ئىلگىرى دېھقان ئائىلىلىرى تېرىغان قىزىلچىلىرىنى ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە سېتىپ بېرەتتى، باھاسى ئەرزان ئىدى، يەنە كېلىپ ئاسان سېتىلمايتتى. قىزىلچا شېكىرى كارخانىلىرى بىرتۇتاش تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغان، بىرتۇتاش ئوغۇتلىغان، بىرتۇتاش يېشىل ئالدىنى ئالغان، تىزگىنلىگەن، بىرتۇتاش ساتقاندىن باشلاپ، دېھقانلار تېرىغان قىزىلچىنىڭ ھوسۇلى ئاشتى ۋە باھاسى ئۆستى، سېتىش يولىدىنمۇ غەم قىلمايدىغان بولدى» دېدى جۇڭلياڭ تۇنخې شېكەرچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى قىزىلچا شېكىرى بۆلۈمى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور چېن خەيجۈن.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى بىپايان ئېتىزلاردا ماشىنىلاشقان تېرىقچىلىق يۈكسەك دەرىجىدە ئومۇملىشىپ، ئىلغار پەن - تېخنىكا جابدۇقلىرى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىللاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش، خاسلاشتۇرۇش تېز ئالغا سىلجىتىلدى، كەسىپلەر كۈچەيدى، دېھقانلار بېيىدى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.