تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا ]خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، خەلق قەلبى ئىللىدى

​− ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (3)

ئوقۇغۇچىلار قومۇل شەھەرلىك خېنەن - قومۇل تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدىن چىقماقتا (9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تارتىلغان). بۇ مەكتەپ 2019 - يىلى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر مەيدانى تەخمىنەن 133 مو كېلىدۇ، ھازىر 2200دىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچى بۇ يەردە ئوقۇماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ، لى لىن، جاۋ شىيا

خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ.

بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئاساسى پۇختىلاندى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنى ئىناق تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش»تىن ئىبارەت خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.

10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، يەكەن ناھىيەسى چارەك بازىرىنىڭ بازار كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ يانو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر سېخىدا، كەنت ئاھالىسى ئايتۇخان غوپۇر ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى جىددىي قۇراشتۇرۇۋاتاتتى. ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش، مۇقىم كىرىمى بولۇش، ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولۇش ئايتۇخاننىڭ غەيرىتىنى ئاشۇردى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق ئىستېمال بۇيۇملىرى، ئاياغ، باش كىيىم، سومكا، چامادان قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنت قۇرغان زاۋۇتلارغا قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ (سانائەت) باغچە رايونلىرىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، سىجىل ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئۇزاق مۇددەت ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، بارغانسېرى كۆپ ئەمگەك كۈچى ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، ماھارەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ماھارەت ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش، ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىغا ماڭدى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىز يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق قايتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى؛ توردا تەكلىپ قىلىش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇردى؛ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى بالدۇر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياخشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بالدۇر پىلانلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، لايىھە تۈزۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتتى. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، سەمىمىي ياردەم بېرىش - يۆلەش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى.

ئەمەلىي ئىش ياخشى قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى نەپكە ئېرىشتۈرۈلدى

خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى يوق، پەقەت ئۈزۈلمەي بارلىققا كېلىدىغان يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىلا بار.

2019 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايونىمىز 898 يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا، 8602 كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بىلەن تولۇق قاپلاشنى تاماملاپ، داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرى «يوق نۇقتا»لارنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، ھەممە كەنتتە لاياقەتلىك كەنت دوختۇرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش شارائىتى ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2016 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئامبۇلاتورىيە، كېسەلخانا، ئاممىۋى سەھىيە، ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، تەكشۈرۈش - خىمىيەلىك ئانالىز قىلىش، جۇڭيىچە فىزىكىلىق داۋالاش قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلارنى تەسىس قىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئوپېراتسىيەخانا قۇرۇپ، رەڭلىك Bچاۋ، تولۇق ئاپتوماتلاشقان بىيوخىمىيەلىك ئانالىز ئۈسكۈنىسى، قان ھۈجەيرىسىنى ئانالىز قىلىش ئۈسكۈنىسى، سۈيدۈكنى ئانالىز قىلىش ئۈسكۈنىسى، مەركەزدىن قاچما ماشىنا، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى تولۇق سەپلەپ، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىش ئىمكانىيىتى بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئارقىلىق، «كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىش»تىن «خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى مەركەز قىلىش»قا ئۆزگىرىش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، ئاپتونوم رايونىمىز كېسەللەرنى «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش»نى ئىشقا ئاشۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىق ساپاسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى.

10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى يار بويى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاينۇر ئوبۇل ئۆيىگە تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئائىلە دوختۇرىنى كۈتۈۋالدى. ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتە تۇغما يۈرەك كېسىلى بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھەم ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالانغاندىن كېيىن، ئاينۇرنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش ساغلاملىق ئارخىپى ساغلاملىق ئارخىپى ۋە ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئائىلە دوختۇرى ئۇنىڭ ئۆيىگە قەرەللىك كېلىپ تەكشۈرەتتى.

ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز مۇكەممەل، سىستېمىلىق ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىك چوڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىلمىي ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان سالامەتلىك جەھەتتىكى بىنورماللىق ھەم يۇقىرى قان بېسىم، جىگەرنى ياغ قاپلاش قاتارلىق ئالدىنقى ئون قاتارغا تىزىلغان كېسەللىكلەرگە قارىتا مەخسۇس كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەتقىقاتى ۋە ئارىلىشىشنى قانات يايدۇردى ھەم ئىجادىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردى، بۇنىڭ بىلەن بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر توپى نەپكە ئېرىشتى.

ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانى يولغا قويۇلۇپ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىسىدىن بىرتۇتاش غەملەش باشلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش ۋە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنى بىر تالون شەكلىدە بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، بەش يىلدا يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 1 مىليون 169 مىڭ 800 ئۆي، شەھەر - بازارلاردا 1 مىليون 293 مىڭ 600 يۈرۈش كاپالەتلىك ئۆي سېلىنىپ، شەھەر - بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەردە 1 مىليون 122 مىڭ يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلىپ، 10 مىليونغا يېقىن ئامما خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى...

«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم، بىر دەقىقىمۇ ئايرىلالمايمىز...» بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىدا، توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق بازارلىق 1 - يەسلىدىكى بالىلار دۆلەت بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، ئاتا - ئانىلارنى ئىختىيارسىز ھاياجانلاندۇردى، بالىلار يەسلىگە كىرگەندىن كېيىن بىلىم ئۆگىنىپلا قالماي، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىمۇ ئومۇميۈزلۈك يېتىلدى.

2017 - يىلى 9 - ئايدا، ئاپتونوم رايونىمىز 4408 يېزا يەسلىسىنى يېڭىدىن قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇشنى تاماملىدى ھەم ئىشقا كىرىشتۈردى، بۇنىڭ بىلەن يېزا ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش يېشىغا يەتكەن 1 مىليون 176 مىڭ 200 بالىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى بويىچە بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98تىن ئاشتى.

دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىلدى

10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتە، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ كۇيا بازىرىدىكى يېزا بەخت چوڭ قورۇسىدا، ياشانغانلار تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تەخسىگە تىزىلغان مېۋە - كۆكتات سالات ۋە پىشۇرۇلغان مەززىلىك قوي گۆشى يەۋاتاتتى. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ بىزنى ئاخىرقى ئۆمرىمىزنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىغا رەھمەت» دېدى بۇ قورۇدا تۇرۇۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بوۋاي مەمتىمىن مەنسۇر.

قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۆزلەپ، تۆۋەن كىرىملىك قىيىنچىلىقى بار ئامما، ئىگە - چاقىسىز ياشانغانلار، يېتىم، مېيىپ بالىلار، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈپ، تۈرلۈك غەمخورلۇق قىلىش، قوغداش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈردى.

«بەشتە كاپالەتلىك» ياشانغانلارنى مەركەزلىك كۈتۈش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش تۈزۈمى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئامما ئىچىدىكى «ياشانغانلار، بالىلار» مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. 2017 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «<بەشتە كاپالەتلىك> ياشانغانلارنى مەركەزلىك كۈتۈش ۋە يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە «مەركەزلىك كۈتۈنۈشنى خالايدىغان <بەشتە كاپالەتلىك> ياشانغانلارنى مەركەزلىك كۈتۈش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش؛ يېتىم بالىلارنى مەركەزلىك بېقىش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈش»(قىسقارتىلىپ <قوش مەركەزلەشتۈرۈش> دېيىلىدۇ)نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئىشنى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىش، يانداش مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نىشان مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالاش قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قوش مەركەزلەشتۈرۈش» نىشانىنى قەرەلىدە تاماملىدى.

2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزىلاردا بەخت قورۇسى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. 60 كۈندىلا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ناھىيە يېزا بەخت قورۇسىدىن 207نى قۇردى، يېزىلاردىكى يالغۇز تۇرىدىغان، قارىغۇچىسى يوق، ئۆيدە قالغان، چوڭ ياشلىقلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارغا مەركەزلىك ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ بەردى.

ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ئاممىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى يىلمۇيىل ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلار ئىچىدىكى ياشانغانلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ئېغىر مېيىپلەر، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت سوممىسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

گۇچۇڭ ناھىيەسى شىبېيۋەن بازىرى تۇتۇن 6 - كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جى لۇڭيىڭ ياشىنىپ قالغان، كېسەلچان، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق بولۇپ، تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ياشانغان جى لۇڭيىڭ تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بولدى، شۇڭا مېنىڭ تۇرمۇشۇم كاپالەتكە ئىگە بولدى. بۇ بىرقانچە يىلدا تۆۋەن كاپالەت سوممىسى يىلمۇيىل ئۆسۈپ، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ».

ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەبلىغىنى 2016 - يىلىدىكى 2 مىليارد 790 مىليون يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 7 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە كۆپەيتتى، 2019 - يىلىلا 4 مىليون 800 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈپ، «بىرمۇ ئوقۇغۇچىنى ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشسىز قويماسلىق» دېگەن ۋەدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. 60 ياشتىن ئاشقان نامراتلارغا تارقىتىشقا تېگىشلىك ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىنى تولۇق تارقاتتى، نامراتلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى بىردەك %100كە يېتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.