تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شەرەپلىك ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق يارىتايلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«تەيۋەن مەسىلىسى مىللەتنىڭ ئاجىزلىشىشى، پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، جەزمەن مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ ھەل بولىدۇ. بۇنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىش چوڭ يۈزلىنىشى بەلگىلىگەن، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى»، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، «ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شەرەپلىك ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى، «ۋەتەننى تولۇق بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، شۇنداقلا چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ» دەپ تەكىتلىدى.

مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ھەققانىيلىقنىڭ مەنبەسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى باشتىن-ئاخىر دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنى پارچىلايدىغان، مىللەتنى پارچىلايدىغان بارلىق سەپسەتە ۋە قىلمىشلارغا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇردى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى مۇنداق دېگەنىدى: «جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن دۆلەت، بۇ نۇقتا دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي ئېڭىغا مەھكەم ئورناپ كەتكەن، دەل مۇشۇنداق ئاڭ بولغاچقىلا بىز بىر دۆلەت سۈپىتىدە ساقلىنىپ تۇرالىدۇق.» ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىگەنىدى: «<بىرلىككە كېلىش> جۇڭگودىكى بارلىق خەلقنىڭ ئۈمىدى. بىرلىككە كەلسە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى راھەت كۆرىدۇ؛ بىرلىككە كەلمىسە، زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.» سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ ئەڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى، ئەڭ سادىق ھەمكارلاشقۇچىسى، ئەڭ سەمىمىي ۋارىسى بولغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا سادىق بارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ۋە شىنخەي ئىنقىلابى پېشۋالىرىنىڭ ئۇلۇغ غايىسىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. ۋەتەن جەزمەن بىرلىككە كېلىشى كېرەك، شۇنداقلا مۇقەررەر بىرلىككە كېلىدۇ، بۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تىنچ ئۇسۇل بىلەن ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە ئەڭ ئۇيغۇن» «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى. بىز «تىنچ بىرلىككە كېلىش، بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. تەيۋەننىڭ ئىستىقبالى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە باغلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتى مىللەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ئارزۇسى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، مىللەت گۈللىنىپ، دۆلەت قۇدرەت تاپسا، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئاندىن باياشات، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە ئاتلىنىش مۇساپىسىدە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مۇقەررەر كەم بولمايدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە بولۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش شان-شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك.

بىرلىككە كېلىش تارىخىي چوڭ يۈزلىنىش، توغرا يول؛ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تارىخىي تەتۈر ئېقىم، تۇيۇق يول. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، بىرلىكنى قوغداشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە. <تەيۋەن مۇستەقىللىقى> بۆلگۈنچىلىكى ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپ.» «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، پەقەت ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئومۇمەن ئەسلىنى ئۇنتۇغان، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان، دۆلەتنى پارچىلىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەزەلدىن ياخشى بولغان ئەمەس، جەزمەن خەلقنىڭ لەنىتى ۋە تارىخنىڭ سوتلىشىغا ئۇچرايدۇ! ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرقانداق «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» سۇيىقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك. تەيۋەن مەسىلىسى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەرقانداق ئادەم جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك غەيرىتى، قەتئىي ئىرادىسى، قۇدرەتلىك ئىقتىدارىنى سەل چاغلىمىسۇن!

تارىخنى تاللىغىلى بولمايدۇ، ھازىرنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ، كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ! جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق شان-شەرىپى، شۇنداقلا بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق بۇرچى. يېڭى مۇساپىدە، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئورتاق ھالدا ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى چوقۇم ئورۇندىيالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش گۈزەل كەلگۈسىنى چوقۇم ئورتاق يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.