تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى گۈزەل، بەخت تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن»

− بېيجىڭ داشۆدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ

«قەشقەر، خوتەنگە كېلىپ، ماڭغاچ كۆرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ گۈزەل، بەخت تۇيغۇسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم!» قىسقىغىنا ئۈچ كۈنلۈك جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرىدە، كومورودىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى يۇنو شىنجاڭنى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ۋە تەسىراتلىرىمدىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىمەن».

6-ئاينىڭ 21-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭ داشۆدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى ھەقىقىي جۇڭگونى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئوي-پىكرى ۋە تەسىراتىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلب رىشتىسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئويناشقا ئىلھاملاندۇردى.

10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، كامېرون، بېنگال، ئافغانىستان، بۇرۇندى، ئۇگاندا، رۇسىيە، پاكىستان، كورېيە، موڭغۇلىيە، سىرى لانكا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق 16 دۆلەتتىن كەلگەن بېيجىڭ داشۆدىكى 20 چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىگە كېلىپ، شىنجاڭدا ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولغانلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللەنگەنلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، دىنلارنىڭ ئىناق ئىكەنلىكى، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە تىنچ-ئىناق بولغان، گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرىنى كۆردى.

«مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا». چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭدىكى ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەردە ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، شىنجاڭ ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارىتا تېخىمۇ ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولدى.

شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرى تىنچ-ئىناق مەنزىرىگە تولغان

10-ئايدىكى جەنۇبىي شىنجاڭدا، كۈز شامىلى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ ھىدى ئەتراپنى قاپلىغانىدى.

ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى كەڭ ھېيتگاھ مەيدانىدا بالىلار ئاق كەپتەرلەرنى قوغلاپ، ئوماق كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغانىدى، ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرى مەيداندا خاتىرجەم، ئەركىن-ئازادە سەيلە قىلىۋاتاتتى، ئارام ئېلىۋاتاتتى.

كېچىدىكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىغان، ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى. قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ چوڭ ـ كىچىك كوچىلىرىدا سەيلە قىلغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار كۈندۈزدىكىگە ئوخشاش بولمىغان گۈزەللىكتىن ھۇزۇرلاندى.

ئايرىلىشقا كۆزى قىيمايۋاتقان ساياھەتچىلەر سۈرەتكە تارتىپ، سىنغا ئېلىپ، دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن كورېيەدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى لى دىڭخې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنىڭ بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىكەنمەن! مەيلى ساياھەتچى ياكى سودىگەر بولسۇن، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرۇپتۇ، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ».

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ زور مەبلەغ سېلىپ، «كونا قىياپىتى بويىچە رېمونت قىلىش، ئەسلىدىكى ئورنىدا قايتا سېلىش» بويىچە ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، پاكىستاندىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ياسىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەت بېرىپتۇ.

قەشقەر ئىپارخان باغچىسى مەنزىرە رايونىدا ھەر كۈنى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرچە خاسلىققا ئىگە توي مۇراسىمى ئويۇنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار «ئىپارخان» بىلەن بىر مەيدان تاسادىپىي بولغان گۈزەل ئۇچرىشىش ئويۇنىغا قاتناشتى. تۈركمەنىستاندىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ساپۇر بىلەن رۇسىيەدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ئالىكىس كۈيۈئوغۇل بىلەن كېلىنچەكنىڭ رولىنى ئېلىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشقا تەكلىپ قىلىندى. توي مۇراسىمى يىگىت تەرەپنىڭ قىز كۆچۈرۈش، تۇز سۈيىگە چىلانغان ناننى يېيىش، خەلق ئۇسسۇلى ئويناش، يۈزىنى ئېچىش، كېلىنچەكنىڭ چوغداندىن ئاتلىشى، ھۇجرا ئۆيدە قىزىقچىلىق قىلىش ھەمدە يېڭى قىز-يىگىتنىڭ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ مېھمانلارغا رەھمەت ئېيتىشى قاتارلىق جەھەتلەردە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەرگە قىزغىن، يۇمۇرىستىك ئۇيغۇر توي مۇراسىمىنى نامايان قىلىپ بەردى.

«شىنجاڭغا كېلىپ بىر قېتىم <كۈيۈئوغۇل> بولدۇم، بۇ قېتىمقى كەچۈرمىشىم ناھايىتى ئۇنتۇلغۇسىز بولدى.» ساپۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپتۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بۇ يەردە يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىپتۇ، كىشىلەر مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خۇشال، بەختلىك تۇرمۇشىنى ھېس قىلدىم.

چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار خوتەن كەچلىك بازىرىدا، بىر مەيدان ھەقىقىي شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل كاتتا زىياپىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى − ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ سېھرىي كۈچىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.

«ئويۇن بەك قالتىس بولدى! مەن يان تېلېفوندا ھەممىسىنى سۈرەتكە تارتىپ ئۆيدىكىلەرگە، دوستلىرىمغا كۆرسىتىمەن!» دېدى سىرى لانكىدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ماشادى.

ناخشا-ئۇسسۇل ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار سەھنىنىڭ چۆرىسىگە يىغىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يان تېلېفونىنى كۆتۈرۈپ سىنغا ئالدى، بەزىلىرى رىتىمغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، خۇشال كۈلكە-سادالىرى ئارىسىغا چۆمدى.

شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئاممىنى ئەمەلىي نەپتىن بەھرىمەن قىلماقتا

«كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، بۇ خۇرۇج قوشۇلمىغان، پىگمېنت قوشۇلمىغان، پۇراقلىق ماددا قوشۇلمىغان، بۇلغانمىغان خوتەن گۈلقەنتى، ھازىر زاكاز قىلغان ئوماقلارغا ئېتىبار بار...» شىنجاڭ ئازۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىدە، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ئالىكىس ۋاقىتلىق مېھمان رىياسەتچى بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى.

شىركەت مەسئۇلى زۇلپىقار مۇختەرنىڭ 2015-يىلى شەندۇڭ مالىيە ـ ئىقتىساد داشۆسىنى پۈتكۈزگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، 2018- يىلى ئۆزىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا شىركىتىنى قۇرغانلىقى، بۇ يىللىق سېتىش سوممىسىنىڭ 3 مىليون يۈەن بولغانلىقى، يەنە ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە باش بارمىقىنى چىقىرىپ ماختىشىپ كەتتى.

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى كەنت قۇرغان زاۋۇتتا، زاۋۇت رايونىدا ياپيېشىل دەل-دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، كەنتتىكى ئايال ئىشچىلار زاكاز قىلىنغان كىيىم-كېچەكلەرنى تىكىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، سېخ ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى؛ شىنجاڭ مىللىي چالغۇلار كەنتىدە ھۈنەرۋەنلەر ئۆزگىچە خاس مىللىي چالغۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ياساۋاتاتتى.

چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار يەنە چوڭ تىپتىكى زاۋۇت، سېخلارغا كىردى. شىنجاڭ كوئېنلۇن بىيو پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە، كۆپچىلىك شۇنچە چوڭ زاۋۇت ئۆيى ۋە زامانىۋى سېخلارنى كۆردى، شىركەتنىڭ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئەتراپتىكى ئون يېزا ـ بازاردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ناھايىتى ھەيران قالدى.

ئەرمېنىيەدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى لۇسىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى دېھقانلار ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھەر كۈنى سەككىز سائەت خىزمەت قىلىپ، ئۆيدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپلا قالماي، ئۆزىنىڭمۇ بىر كىشىلىك مائاش كىرىمى بار بوپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت مۇھىتى شۇنداق ياخشى، ھەقىقەتەن بەك بەختلىك ئىكەن.

شىنجاڭدا يېڭى يېزىلار گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان قىلىپ قۇرۇلغان

كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىدىكى قاتار ـ قاتار ئەمىن ئۆيلەر قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بولۇپ، كوچىلىرى كەڭ، يوللىرى پاكىز، ئۆيلىرى گۈزەل، كىشىلىرى خۇشال، مۇھىتى يېقىشلىق ئىدى.

ئۆزىنىڭ پاكىز، رەتلىك ھويلىسىدا، كەنت ئاھالىسى ئابدۇراخمان ئىمىن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆزىنىڭ ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىنكى خۇشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بىلەن 80 كىۋادرات مېتىرلىق چوڭ ئۆي سالدىم، 25 مو يەرگە ئەنجۈر، ئۈزۈم، كۆممىقوناق، كۆكتات قاتارلىقلارنى تىكتىم، تېرىدىم، ئۆيدە تېلېۋىزور، سافا، ساجى قاتارلىقلار بار، ئۈچ بالامنىڭ ھەممىسىنىڭ خىزمىتى بار، ھازىر كەنتتە ئاپتاپسىنىپ بىكار يۈرىدىغانلار ئازلاپ كەتتى، كۆپچىلىك شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش ۋاقتىدا ئىشقا بېرىپ-كېلىپ، پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش.

خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى سەكسەن كەنتىدە، ياڭاق دەرەخلىرى كۈز شامىلىدا ئىرغاڭلاپ تۇراتتى، شاخلار مېۋىگە تولغان، بالىلار كەنتتە ئويناۋاتقان بولۇپ، كەنت ئىناق مەنزىرىگە تولغانىدى.

«شىنجاڭنىڭ يېڭى يېزىلىرىنىڭ بۇنداق گۈزەل قۇرۇلغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىيىنىشى چىرايلىق، ئىشىك ئالدى، كوچا-كويلار پاك-پاكىز ئىكەن.» چادنىڭ يېزىسىدىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى توما ھەۋەس بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئېكىسكۇرسىيە، زىيارەتتە شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچىنى كۆردۈم، ئۆز يۇرتۇمدىكى دېھقانلارنىڭمۇ مۇشۇنداق ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى، شۇنداقلا مۇشۇنداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خوتەن قۇملۇق توغراق ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونىدا، تەبىئىي كۆلنى قۇم دېڭىزى ئوراپ تۇراتتى، قۇم بىلەن سۇ بىر-بىرىگە ياندىشىپ، زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى، ئاجايىپ مەنزىرە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى؛ ئۇلار خوتەن تۇەنچېڭدا، كوناشەھەر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى ئىگىلىدى؛ قەشقەردىكى 100 يىللىق كونا چايخانىدا چاي ئىچىپ، نان يەپ، ئون ئىككى مۇقامنى ئاڭلاپ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار مېھرىنى ئۈزەلمەي قالدى... كۆپچىلىك ھاياجانلىنىپ «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» ئىكەن دېيىشتى.

يول بويى ماڭغاچ سۈرەتكە تارتىپ، تەسىراتلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىزنى ھەقىقىي جۇڭگونى چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىلھاملاندۇردى، بۇ قېتىم قەشقەر، خوتەننى ئېكسكۇرسىيە، زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئىگىلىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا جۇڭگو مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىمىز ھەم شىنجاڭدا كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزۈپ، دۇنياغا ھەقىقىي شىنجاڭنى بىلدۈرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.