تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەڭچى ھەر ۋاقىت جەڭ قىلىش ھالىتىنى ساقلايدۇ

غالىپجان سىراجىدىن:

جەڭچى ھەر ۋاقىت جەڭ قىلىش ھالىتىنى ساقلايدۇ

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ خەيپىڭ

مۇشۇنداق بىر قوشۇن باركى، كۆپ، مۇرەككەپ يىپ ئۇچىدىن خۇددى پىلە غوزىسىدىن مەشۇت تارتىپ چىقارغاندەك، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، تەھلىل قىلىپ، ھەربىر گۇمانلىق ئەھۋالنى جايىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدۇ، يىپ ئۇچىنى كېڭەيتىپ ئىز قوغلايدۇ؛ تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىلىشتىن بۇرۇن تورنى بىراقلا يىغىپ، ئاپەتنى يوقىتىدۇ. مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى غالىپجان سىراجىدىن دەل شۇلارنىڭ بىرى.

غالىپجان بۇ يىل 39 ياش، 2005-يىلى 5-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. 16 يىلدىن بۇيان، ئۇ ۋە سەپداشلىرى زوراۋان-تېررورچىلار بىلەن قانچە قېتىم ھايات-ماماتلىق كەسكىن ئېلىشقانلىقىنى بىلمەيدۇ.

بىر قېتىملىق زوراۋان-تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىدە، زوراۋانلار: «پارتلاتقۇچ بار، كىم كەلسە شۇنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرىمىز!» دەپ جار سالدى. غالىپجان ۋە سەپداشلىرى قىلچە ئىككىلەنمەي، بېكىتىلگەن لايىھە بويىچە ياخشى ماسلىشىپ، تېزلىكتە زوراۋانلارنى بويسۇندۇرۇپ، ۋەزىپىنى چىرايلىق ئورۇندىدى.

يەنە بىر قېتىم، بىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنىڭ جىنايەت ئۇچۇرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، غالىپجان ۋە سەپداشلىرى ئۇدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاخىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىسىنىڭ كاتتىبېشى يوشۇرۇنغان جاينى رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقتى. «مەن ئالدىدا ماڭاي، سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار!» ھەرىكەت باشلانغاندا غالىپجان تۇتۇش نەق مەيدانىغا بىرىنچى بولۇپ ئېتىلىپ كىرىپ، سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇش ھەرىكىتىنى تاماملىدى.

بىر يىلى، خەلق ساقچىلىرى رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىر جىنايەت گۇرۇھىنىڭ نەچچە ئون ئادەمنى توپلاپ، ئادەم كۆپ توپلاشقان بىرنەچچە رايوندا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ. ھۇجۇم قوزغاش ۋاقتى كۈنسېرى يېقىنلاشقان بولسىمۇ، دېلونىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى تېخى ئىگىلەنمىگەنىدى...

ۋاقىت مىنۇت-سېكۇنت ئۆتمەكتە، بېسىم خۇددى تاشتەك ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاتتىق باسماقتا ئىدى. ئارقا سەپتە سوراق گۇرۇپپىسى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلدى؛ ئالدىنقى سەپتە غالىپجان سەپداشلىرى بىلەن يېقىندىن ماسلاشتى، جىنايەت گۇماندارلىرى ئارقا-ئارقىدىن تورغا چۈشۈپ، قوراللىرىنى تاپشۇردى، دېلو ئەھۋالى كۈنسېرى ئايدىڭلاشتى. ئاخىرىدا، تەلۋىلەرچە ئېغىر، زور تالاپەت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان بۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق گۇرۇھى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلدى.

غالىپجاننىڭ خىزمىتىدە، بىرىنچى سەپتە دۈشمەن سېپىگە قارشى ئاتاكىغا ئۆتىدىغان، ھايات-ماماتى بىلەن ھېسابلاشماي تىغمۇتىغ ئېلىشىدىغان ئىشلارمۇ، سوراق ئۈستىلى ئالدىدا ئەقىل-پاراسىتى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن پىسخىك كۈرىشى قىلىدىغان ئىشلارمۇ بار.

شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر تۈركۈم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر تارتىپ چىقىرىلدى. بىر ئېغىر، زور دېلونى رازۋېدكا قىلىشقا قاتنىشىش جەريانىدا، گۇماندارلار جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئورنىمىز بار، دەپ ئۆزلىرىگە تەمەننا قويۇپ، پوزىتسىيەدە ھەددىدىن ئاشتى. ئۇلارنى جىنايىتىنى تونۇپ قانۇنغا بويسۇنىدىغان قىلىشتا، سوراق قىلىشقىلا تايىنىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك ئىدى.

جىنايەت پاكىتلىرىنى بېكىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش قارا نىيىتى، سۇيىقەستىنى ۋاقتىدا ئېچىپ تاشلاش ۋە بىتچىت قىلىش ئۈچۈن، غالىپجان ۋە سەپداشلىرى ئۈچ ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدىكى ئون نەچچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە 500دىن ئارتۇق ئادەمنى زىيارەت قىلىپ، نۇرغۇن دەلىل ـ ئىسپاتنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېلونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىنىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان غالىپجان ۋە سەپداشلىرىنىڭ خىزمىتى، نەتىجىسى ۋە جاپاسىنى كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ، ئۇلار سۈكۈت ئىچىدە چىڭ ساقلاش، سۈكۈت ئىچىدە جاپاغا چىداپ ئىشلەشكە كۆنۈپ كەتكەن.

خىزمەت ئۈچۈن، غالىپجان ئۇدا ئۈچ قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كەتتى، سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، قىزلار بۇ يىگىتنى تۇرمۇشتا ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ قارىغان، ئەسلىدىنلا ئۇچرىشىشقا چىقىدىغان ۋاقتى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ھەمىشە ئۇچرىشىشقا چىقالماي قالاتتى. غالىپجانمۇ بۇنىڭغا ئامالسىز ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆزىگە تەۋە ئەمەس بولۇپ، ئۇچرىشىشتىن بىرنەچچە مىنۇت بۇرۇن، بىر بۇيرۇق كەلسىلا دەرھال كېتىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.

2014-يىلى غالىپجان ئاخىر ئۇنى چۈشىنىدىغان، قوللايدىغان بىر قىزنى تاپتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدى. 2015-يىلى، خوتۇنى دوختۇرخانىغا كىرىپ، تۇغۇش ئالدىدا تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما غالىپجان سەپداشلىرى بىلەن قاچقۇنلارنى تۇتۇش يولىغا ئاتلاندى. غالىپجان ھەر قېتىم خىزمەتداشلىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئائىلىسىدىكىلەرنى تىلغا ئالسىلا، ھەمىشە سەمىمىي كۈلۈپ تۇرۇپ: «جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى تاللاش قۇربان بېرىش، ئۆزىنى بېغىشلاشتىن دېرەك بېرىدۇ، بىز قىز-ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ۋاقتىنچە پەقەت قەلبىمىزدە پىنھان ساقلايمىز» دەيتتى.

غالىپجاننىڭ قارىشىچە، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەتەننىڭ مەنپەئىتى مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەر ۋاقىت جېنىدىن تويغان ئۇنسۇرلار ئالدىدا، ھەر كۈنى ھايات-ماماتلىق رەھىمسىز كۈرەشكە دۇچ كەلگەندە، خىزمەتنى كەسىپ قىلىش ئەقىدە، دۆلەت مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان مەسئۇلىيەتچان روھ بولۇشى كېرەك.

غالىپجان ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر تۈركۈم زور، مۇھىم دېلولارنى پاش قىلىشقا قاتنىشىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، يۈزبېرىشتىن ئىلگىرىلا توستى.

جەڭچى ھەر ۋاقىت جەڭ قىلىش ھالىتىنى ساقلايدۇ. ھازىر، شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، ھەر مىللەت ئامما تىنچلىق، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ پايدىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇۋاتقان چاغدا، غالىپجان ۋە سەپداشلىرى قىلچە بوشاڭلىق قىلماي، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە ھېلىھەم جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.