تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى

تۇرپان شەھىرى:

خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ رۇيلىن

«كۆكتات پارنىكىغا بارىدىغان يول ياسىلىپ بولدى، سودىگەرلەرنىڭ يۈك ئاپتوموبىلى بىۋاسىتە بارالايدىغان بولدى، كۆكتات سېتىش تېخىمۇ قولايلاشتى» دېدى 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى لۈزۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رىسالەتخان مۇتەللىپ خۇشال ھالدا.

تۇرپان شەھىرى «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى چىن قەلب بىلەن ئۆگىنىش، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشكە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى.

خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىندى

ئىدىقۇت رايونى ئىدىقۇت يولى كوچا باشقارمىسى گۇڭجيەن يولى مەھەللىسىدە ياشاۋاتقان جۇ رۇڭتىڭ ئەر ـ خوتۇن مەھەللىنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تىلغا ئېلىپ ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى: «بىز ياشانغان ئەر ـ خوتۇن يالغۇز ياشايمىز، مۇلازىمەت ئەترىتى ئۆيىمىزگە پات ـ پات كېلىپ ياردەم بېرىدۇ».

جۇ رۇڭتىڭ ئەر ـ خوتۇننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان «چوڭ ئانا» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ 100دىن ئارتۇق ئەترەت ئەزاسى بار بولۇپ، ھەر يىلى قىلغان ياخشى ئىشى، ئەمەلىي ئىشى 10 مىڭدىن ئاشتى.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۇرپان شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتى بازىلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركەزلىرى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركەزلىرىگە تايىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، پارتىيە ئەزالىرىنى تايانچ قىلغان، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان پىدائىيلار مۇلازىمەت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، 2100دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ، مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈپ دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، قەلبلەرنى ئىللىتىپ خەلققە قولايلىق يارىتىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمەت پائالىيىتىدىن جەمئىي 9200 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق قانات يايدۇردى.

پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى

«مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىزنى باشلاپ ئولتۇراق رايوندىكى پىيادىلەر يولىنى رېمونت قىلىپ، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ھېسسىياتىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇردى» دېدى 9 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى توقسۇن ناھىيەسى توقسۇن بازىرى جىنچۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى لى جۈچياڭ.

بۇ يىل توقسۇن ناھىيەسىدىكى 3076 نەپەر خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزاسى مەھەللىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، 3389 خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى؛ 2091 نەپەر خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزاسى ئورۇنلارنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنت(مەھەللە)تە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، 2099 خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

تۇرپان شەھىرىدە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئامما ئىنكاس قىلغان «مەسىلە تىزىملىكى»نى «مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇپ، «ئاممىنىڭ كېلىشىنى ساقلاش»نى «ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش»قا ئۆزگەرتىپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بېجىردى.

توقسۇن ناھىيەسىنىڭ غولبويى يېزىسى قارا بۇلاق كەنتىدىكى فۇۋەنجيا تۈرلۈك ماللار دۇكىنىنىڭ يېنىغا بىر بىۋاسىتە ئىچىدىغان سۇ ماشىنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇنى كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئوسمان ئۆمەر ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان.

«پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىمەن» دېدى ئوسمان.

خەلق ئۈچۈن قىلىنغان 15 ئەمەلىي ئىش ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈمى كۆرۈلدى

بۇ ئىككى يىلدا، ئىدىقۇت رايونى لۈيۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ تاملىرى ئاقارتىلدى، يوللىرى كېڭەيتىلدى، ئاپتوموبىل توختىتىدىغان ئورۇن بار بولدى، ئاھالە سىدىق كېرەم مۇنداق دېدى: «ھازىر ئولتۇراق رايوننىڭ مۇھىتى ياخشىلاندى، پائالىيەت قىلىدىغان جايلارمۇ كۆپەيدى، تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ».

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى. بۇ يىل تۇرپان شەھىرى يېزىلاردا 650 ھاجەتخانىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى، مەسىلە بار ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى، نۆۋەتتە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ 18 مىڭ ھاجەتخانىسى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلۈپ، مەسىلە بار ھاجەتخانىدىن 1291ى رەتكە تۇرغۇزۇلدى، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان 948 ھاجەتخانا ئۆزگەرتىلدى.

تۇرپان شەھىرى يەنە «پوچتا تېز يەتكۈزۈش بىلەن ھەمكارلىشىش، تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش» ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كوچا باشقارما (مەھەللە)لىرىدا شەھەر تېز يەتكۈزۈش ئاخىرقى ئۇچ تور نۇقتىسىدىن توققۇزنى قۇردى، پۈتۈن شەھەردىكى 168 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ 121ىگە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى تۇتاشتۇرۇلدى؛ پۈتۈن شەھەردە بىر گەۋدىلەشكەن تور ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلدى، نۆۋەتتە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت تۈرىدىن 71 مىڭ 160ى بېجىرىلدى، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىش تۈرىدىن 15 مىڭ 383ى بېجىرىلدى؛ «بىر كەنت(مەھەللە)تە بىر قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش» خىزمەت مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، ئىككىدىن ئۈچكىچە كەنت(مەھەللە)كە بىر ئادۋوكات ياكى ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمەت خىزمەتچىسى سەپلەندى؛ شەھەر ـ يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەرقايسى مەمۇرىي كەنتلەردە يېزا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈزەشنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %100كە يەتتى...

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇرپان شەھىرى تۈرلەشتۈرۈش، تىزىملىك شەكلىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تۈر تۇرغۇزۇش، ئالغا سىلجىتىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ يېپىق ھالقا ھالىتىنى شەكىللەندۈردى، خەلق ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن 15 ئەمەلىي ئىش تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈمى كۆرۈلدى. «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.