تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا ]يەككە كەسىپتىن يۇغۇرما كەسىپكىچە

− شىنجاڭ نېنىدىكى ئۆزگىرىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك خەۋەرلەر (1)

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

10 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، شىئەندىن قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەن ۋاڭ لۇمياۋ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالايىتەن قەشقەر شەھىرى نان مەدەنىيىتى باغچىسىغا كېلىپ، نان يېقىش ھۈنىرىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئېكسكۇرسىيە قىلىپلا قالماي، يەنە ئون نەچچە خىل تەمدىكى نان سېتىۋالدى. «سۈرەتنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغاندىن كېيىن ناھايىتى قىزىپ كەتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ كۆرۈپ باققۇسى كەلدى.» ۋاڭ لۇمياۋ بىر تەرەپتىن ساياھەت قىلىپ سۈرەتكە تارتقاچ، بىر تەرەپتىن توختىماي دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تۈرى بەك كۆپ ئىكەن، مەن دوستلىرىمنىڭ تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن ئازراقلا ئېلىۋالدىم».

3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان قەشقەر شەھىرى نان مەدەنىيىتى باغچىسىدا، ھەر كۈنى باغچىغا 2000غا يېقىن ساياھەتچى كىرىدۇ. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە شىنجاڭ نېنىنىڭ راسلىنىش جەريانىنى تاماشا قىلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشنى ھېس قىلالايدۇ. مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىللە، ھەر خىل نان مەھسۇلاتلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ خاس مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىيالايدۇ، بۇ، ئەمەلىيەتتە كۆرۈش سېزىمى ۋە تەم سېزىمى جەھەتتىن قوش ھۇزۇرلىنىش ھېسابلىنىدۇ.

«نان مەدەنىيىتى باغچىسى <نان>نى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، نانچىلىق كەسپىنى ساياھەت، مەززىلىك تائاملار قاتارلىق ساھەلەرگە ئۇزارتىپ، ئۆزگىچە <قەشقەر نام كارتىسى> بەرپا قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ يەنە بىر ساياھەت بەلگىسى بولۇپ قالدى.» قەشقەر نان مەدەنىيىتى باغچىسىنىڭ مەسئۇلى لۈ يۈەنخۇڭ مۇنداق دېدى: كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، قەشقەر شەھىرى نان مەدەنىيىتى باغچىسى «نان يېقىش + ساياھەت + خاس ھەمراھ سوۋغا + ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش»تىن ئىبارەت كۆپ مەنبەلەشكەن تىجارەت ئەندىزىسى بويىچە، قەشقەرنىڭ مەززىلىك تائام مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، خاس سۈپەتلىك ماركا يارىتىش، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلىپ، قەشقەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.نۆۋەتتە، قەشقەر ۋىلايىتى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىن 13نى بەرپا قىلىپ، نانچىلىق كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، بازىلاشتۇرۇپ، يېمەكلىكلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ياڭاق، بادام، كۈنجۈت قاتارلىق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ قاپلاش كۆلىمىنى كېڭەيتتى.

نانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، شىنجاڭ كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى.

نان نوقۇل ھالەتتىكى ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائامدىن سانائەت، ساياھەت، مەدەنىيەت بىلەن بىرلىشىپ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىي قىلغان يەرلىك خاس ئەۋزەل كەسىپكە ئايلىنىپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر بىلەن زامانىۋى كەسىپ تېخنىكىسىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

10 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى(2 ـ قارارلىق)دىكى 1200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «回» خېتى شەكىللىك ئېكسكۇرسىيە يولىدا خېمىر يۇغۇرۇش، خېمىر بولدۇرۇش، نان راسلاش، پىشۇرۇش قاتارلىق نان يېقىشنىڭ پۈتۈن جەريانى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، 30 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، نان مەدەنىيىتى مۇزېيى، ئاساسلىق ئېكسكۇرسىيە يولى، «نان+» ھۇزۇرلىنىش رايونى، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق 12 رايوننى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆرۈنۈش تۇيغۇسى، قاتلام تۇيغۇسى، ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى ۋە زوقلىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ئامىللىرىنى سىڭدۈردى.

نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ كەسىپ ھالىتىنى يەنىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن، بورتالا شەھىرى شۇ جايدىكى داڭلىق مەھسۇلاتلاردىن سايرام كۆلى سوغۇق سۇ بېلىقى، تيەنلەي شياڭنيۇ كالا گۆشى قېقى، جىڭ ئالقىتى قاتارلىقلارنى نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى مەنزىرە رايونىغا كىرگۈزۈپ، كەسىپلەر باغچىسىنىڭ كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ساياھەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

شىنجاڭنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ئامال تېپىپلا قالماي، يەنە يۇقىرى ئېقىندىكى زەنجىرنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

«ئاپتونوم رايون نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تۇتقىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا <1 ـ كەسىپنى ئۇلاش، 2 ـ كەسىپنى مەۋقە قىلىش، 3 ـ كەسىپ بىلەن قول تۇتۇشۇش>نىڭ نەتىجە ـ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.» شىنجاڭ نانچىلىق كەسپى تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى پولات ھوشۇر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نانچىلىق كەسپى كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە باغ ـ ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆممىقوناق، قارا بۇغداي، تۇخۇم، سۈت، كۈنجۈت، ئۆسۈملۈك يېغى، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم، ئەتىرگۈل قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىدە، ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 70كە يېقىن نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلدى. نانچىلىق كەسپىنىڭ 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، خام ماتېرىيال بازىسى قۇرۇلۇشى، قېلىپ پىششىقلاش، يېمەكلىكلەرنى ئوراش ھەمدە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، پارچە سېتىش، زەنجىرسىمان سېتىش، ئامباردا ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى قاتارلىق يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مەدەنىيەت، ساياھەت، يېمەك ـ ئىچمەك، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپ بىلەن ماس تەرەققىي قىلىش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىنىڭ «نان مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، ساياھەتچىلەر تاماشا قىلىش، ھېس قىلىش، مىللىي ئۆرپ ـ ئادەت تەسىراتى، توردا ئالقىشلانغانلار بىۋاسىتە تارقىتىپ تونۇشتۇرۇش» قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، «سانائەت + مەدەنىيەت + ساياھەت»تىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

پولات ھوشۇر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، نان + سەرخىل ساياھەت لىنىيەسىنى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق مەنزىرە رايونلىرىدا نان ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئوبراز دۇكىنى، ھېس قىلىش دۇكىنى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى نان يېقىش خۇشاللىقىدىن ھۇزۇرلىنىشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنى نان مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى مەززىلىك تائاملار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.