تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا ]يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىقتىسادتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى

− ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (2)

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

بەش يىل ۋاقىتنىڭ ئۆلچىمى، شۇنداقلا تەرەققىياتنىڭ ئىسترېلكىسى.

«ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بۇ بەش يىلغا نەزەر سالساق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.

بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا بىر قالتىس جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى: خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ زورايتىلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى سىجىل كۈچەيتىلدى، ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە شەھەر ـ يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت ئۆز قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىلدى.

يېڭى مۇساپىگە قايتا ئاتلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ پۇختا بولدى، مۇھىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىش

يېڭى ئىدىيە تەرەققىياتنى يېڭى يۆنىلىشكە يېتەكلىدى.

2016 ـ يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ماھىرلىق بىلەن تەدبىر قوللىنىلدى.

1 ـ كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاشلىق مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، كېۋەز سورتى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، چارۋىچىلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، باغۋەنچىلىك كۈچەيتىلىپ، خاس كەسىپلەر گۈللەندۈرۈلۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى ۋە تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى.

2 ـ كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، نېفىت ـ خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلىپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى پائال يېتىلدۈرۈلدى.

3 ـ كەسىپنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنى زورايتىش، ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلەتتى، ساياھەت كەسپى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى، 2019 ـ يىلى كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش ئىگىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە تولدى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى موتورىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاتتى.

«<13 - بەش يىل>مەزگىلىدە، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ خۇڭيۈن ئاپتونوم رايون ئاچقان «13 ـ بەش يىل»دىكى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم 2021 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا «ئىشنى باشلاش» ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.بەش يىلغا نەزەر سالساق، تەرەققىياتنىڭ ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 930 مىليارد 688 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 1 تىرىليون 379 مىليارد 758 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2010 ـ يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئەلالاشتى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئاساسى سىجىل پۇختىلاندى، سانائەت ئىگىلىكى بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سالمىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، 2020 ـ يىلى 3 ـ كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن سالمىقى %51.2كە يەتتى.

تەرەققىياتنىڭ ئاساسى رېڭى تېخىمۇ گۈزەللەشتى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيە كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدى.

تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئۆستى، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %5.8، %8.3 ئېشىپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 34 مىڭ 838 يۈەن، 14 مىڭ 56 يۈەنگە يەتتى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قويۇپ بېرىش

ئاقىل مەھەللە خەلققە نەپ يەتكۈزدى، ئاقىل ھۆكۈمەت ئىشلىرى خەلققە پايدا يەتكۈزدى، ئاقىل مۇلازىمەت خەلققە قولايلىق يارىتىپ بەردى ... 2020 ـ يىلىدىن ھازىرغىچە، بورتالا شەھىرى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردى.

جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلىش بىلەن بىللە، ئىسلاھاتتا يەنە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، خەلق تۇرمۇشى ساھەسى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈلمىسى، تەشۋىقات ـ مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىندى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ تىجارەت تۈزۈلمە ـ مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى 12 سائەتتىن ئالتە سائەت ئىچىگە قىسقارتىپ، تىرانسپورت تەننەرخىنى %60 تۆۋەنلەتتى، «يىغىپ توپلاش، يىغىپ توشۇش» ئەندىزىسى يۈكسىز يۈرۈش نىسبىتى ۋە ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتتى، تەجرىبىسى پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆرنەك قىلىنىپ كېڭەيتىلدى.

تاغ ـ دەريالار بېسىپ ئۆتۈلدى، يەنە داۋاملىق تاغلارنى ھالقىش، دەريالارنى كېچىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلاردا يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قاراپ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى −

بۇ بەش يىلدا، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوكسىگېنلىق دومنا پېچىغا ئوت يېقىلدى ھەم 1 ـ باسقۇچلۇق سانائەت تەجرىبىسى باشلىنىپ، دۇنيا پولات ـ تۆمۈر كەسپى تېخنىكىسىدىكى قىيىن مەسىلىگە جەڭ ئېلان قىلىندى.

بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ ئىچىدە سېتىۋېلىش تورى ۋە شىنجاڭ سىرتىدا سېتىش تورىدىن ئىبارەت «ئىككى تور» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى تۇتۇپ، شىنجاڭ مېۋە ـ چېۋىلىرىنىڭ خۇش پۇرىقىنى پۈتۈن مەملىكەتكە تاراتتى.

بۇ بەش يىلدا، شىنجاڭ نېنى يەككە كەسىپتىن يۇغۇرما كەسىپكە قاراپ ئۆزگەردى، «سانائەت+مەدەنىيەت+ساياھەت» يېڭى ئەندىزىسى ئېچىلدى.

...

زامانىۋى بازار سىستېمىسى تەدرىجىي تاكامۇللاشتى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى پۇختا ئالغا سىلجىدى، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىدى، پۇقراۋى ئىگىلىكنى قوللاش سىياسەتلىرى تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتى ... شىنجاڭدا بازار سۇبيېكتلىرى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 2 مىليوندىن ئاشقانلىقى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى.

«شىنجاڭدا مۇقىملىق پايدىسى، سىياسەت پايدىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش پايدىسىنىڭ تولۇق قويۇپ بېرىلىشى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانماقتا» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىملاش ـ رويخەتكە ئېلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى زو شىنمىن.

بەش يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ «بىر پورت» «ئىككى رايون» «بەش چوڭ مەركەز» «پورت ئىقتىساد بەلبېغى» خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىزدىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئۇل ئەسلىھەلەردە كەمتۈكلۈكلەرنى سىجىل تولۇقلاش

9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، G575 لىنىيەسىنىڭ باركۆل ـ قومۇل تاشيول تۈرىنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى − شەرقىي تىيانشان تونېلى پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلدى.

شەرقىي تىيانشان تېشىلىپ، بەخت يولى ياسالدى. باركۆل ـ قومۇل تاشيولى تۈرى پۈتكەندىن كېيىن، G312 لىنىيەسى، G30 ليەنيۈنگاڭ ـ قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، G7 بېيجىڭ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تۇتاشتۇرۇلۇپ، قومۇلدىكى تاغنىڭ جەنۇبى ـ شىمالىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئەڭ قولاي بولغان تىرانسپورت چوڭ يولىغا ئايلىنىدۇ.

كىچىككىنە ئالامەتتىن ئومۇمىيەتنى بىلگىلى بولىدۇ. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى «كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش» سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، شەھەر ـ يېزا قىياپىتىدىكى «قاتتىق دېتال» ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.

ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى − تۆمۈريول پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەممە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تۇتاشتۇرۇلدى، ھەممە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە قەدەم قويدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى يادرو قىلغان، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىنى تىرەك قىلغان «ھاۋا يىپەك يولى» دەسلەپكى قەدەمدە كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى − ئاراتاش، قارابەل، جىيىن، سۇبېشى قاتارلىق چوڭ ـ ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبارلىرى ياسالدى، بولۇپمۇ يەكەن دەرياسى قاتارلىق نۇقتىلىق دەريا ئېقىنلىرىدىكى سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشلىرىنىڭ پۈتۈشى يەكەن دەرياسىدا 1000 يىل داۋاملىشىپ كەلگەن سۇ ئاپىتىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، بۇ ئېقىن رايونىدىكى 2 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كەلدى.

يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تېزلىتىلدى − «13 ـ بەش يىل»دا جەمئىي يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 1 مىليون 169 مىڭ 800 ئۆي، شەھەر ـ بازارلاردا كاپالەتلىك ئۆيدىن 1 مىليون 293 مىڭ 600 يۈرۈش سېلىنىپ، شەھەر ـ بازارلاردىكى كەپىلىك مەھەللىلەردە 1 مىليون 122 مىڭ يۈرۈش ئۆي ئۆزگەرتىلىپ، 10 مىليونغا يېقىن ئامما خۇشال ھالدا يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا كونا قىياپەت يېڭىلاندى، ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيدە ئولتۇرىدىغان، پاتقاق كېچىپ ماڭىدىغان تارىخ كەلمەسكە كەتتى.

ئۈنۈملۈك سېلىنما ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىشتە نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، «13 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ جەمئىي 4 تىرىليون 100 مىليارد يۈەن تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى تاماملىغان.

4G تورى شەھەر ـ يېزىلارنى قاپلىدى، 5G قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى، ھەتتا ئەڭ چەت يېزا، كەنت، ئەڭ يىراقتىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىكى دېھقان ـ چارۋىچىلارمۇ سىن ئارقىلىق جاي ـ جايلاردىكى خېرىدارلار بىلەن ئالاقىلىشەلەيدىغان بولدى ... بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۇچۇر يېگانە ئارىلى بولۇشتەك ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تەرەققىيات چوڭ دولقۇنىغا قوشۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمى، كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ يىل ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە گۈزەل يېزا، كەنت قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتتى، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تېغى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولغان گۈزەل يۇرت ـ ماكان نامايان بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.