تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بىز تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تارىخىي بۇرچنى داۋاملىق زىممىمىزگە ئېلىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.» شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئىلھامىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى قاتارلىق شىنخەي ئىنقىلابى پېشۋالىرىنىڭ ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە مۇراجىئەت قىلدى! جاراڭلىق سۆزلەر، مەردانە خىتاب يۈز مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىگە ئىلھام بەرمەكتە.

110 يىل ئىلگىرى، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ۋەكىللىكىدىكى ئىنقىلابىي پارتىيەدىكىلەر دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان شىنخەي ئىنقىلابىنى قوزغاپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمگە خاتىمە بېرىپ، غايەت زور زىلزىلە كۈچى ۋە چوڭقۇر تەسىر كۈچى بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بىر ئابىدە بولۇپ قالدى. لېكىن «ئىنقىلاب تېخى مۇۋەپپەقىيەت قازانمىدى، يولداشلار يەنىلا جەزمەن تىرىشىشى كېرەك»، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۇنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا سادىق بارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ۋە شىنخەي ئىنقىلابى پېشىۋالىرىنىڭ ئۇلۇغ غايىسىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. جۇڭگونىڭ سىياسىي سەھنىسىگە چىققان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەندى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەرچە جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دېگەن قورقماس جاسارەت بىلەن ئۇلۇغ يول ئېچىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقتى.

شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىلدىن بۇيانقى تارىخىنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق خۇلاسىلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بولۇشى كېرەك، بۇ قۇدرەتلىك كۈچ دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يول ئەڭ تۈپ مەسىلە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بىردىنبىر توغرا يولى؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ باتۇرانە كۈرەش قىلىشىغا تايىنىش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى جەزمەن جاپا- مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىتتىپاقلىققا تايىنىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىنچ، خاتىرجەم، ئىتتىپاق بولغان مەملىكەت ئىچى مۇھىتىغا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، يەنە تىنچ، مۇقىم بولغان خەلقئارا مۇھىتقىمۇ ئېھتىياجلىق. بۇ بەش جەھەتتىكى تارىخىي ئىلھام، يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەش، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويغانلىقىدىكى چوڭقۇر كۆزىتىش بولۇپ، بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. تارىختىن ئەقىل-پاراسەت قوبۇل قىلىپ، كۈرەش قىلىش داۋامىدا كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاپالىق ۋە شانلىق ئۆتمۈش، كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ھازىر، پارلاق، ئۇلۇغۋار كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشەنچىمىز، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىمىز ۋە غەيرىتىمىزنى ئۇرغۇتساقلا، بىز چوقۇم بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

تارىخىي تەرەققىيات ئەزەلدىن تىپتىنچ بولغان ئەمەس، بەلكى ئوڭۇشسىزلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتكە تولغان. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىز يەنىلا ناھايىتى ئۇزاق مۇساپىنى بېسىشىمىز، يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىز كېرەك. بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇدا كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا موھتاج. يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يۆلەنچۈكىگە ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك؛ بىز جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا تەۋرەنمەي، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىرادىدىن قايتمايدىغان، يولنى ئۆزگەرتمەيدىغان ئىرادىنى چىڭىتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشىمىز، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك؛ بىز جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشتىن-ئاخىر خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، ئىنقىلابىي روھ ۋە ئىنقىلابىي كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىپ بېرىپ، دادىل كۈرەش قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشتەك ئىرادە ۋە پەزىلەت بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىش مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرقانداق ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن قەتئىي غەلىبە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك؛ بىز جەزمەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۈكسەك مىللىي غۇرۇر ۋە مىللىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا زىچ تايىنىپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بارلىق ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ھەممىسى بىر نىيەتتە بولىدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك؛ بىز جەزمەن باشتىن-ئاخىر تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتىگە، تېخىمۇ مۇستەھكەم ماددىي ئاساسقا، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچكە ئىگە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنياغا نامايان قىلغىنى گۈللەپ ياشنىغان كەيپىيات بولۇپ، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قەدەم قويۇۋاتىدۇ. كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، ئالغا ئىلگىرىلەشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شىددەتلىك بوران ـ چاپقۇندىمۇ تەۋرەنمىگەندىلا، بىز چوقۇم بارلىق جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ- خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە دەۋر يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى يارىتالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.