تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ماڭا ياردەم قىلغان ھەممە كىشىگە رەھمەت ئېيتىمەن»

  ئابدۇغېنىنىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىپ 0.4كە يەتتى −

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: «نورمال كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.8دىن 1.0گىچە بولىدۇ، ھازىر سىزنىڭ ئوڭ كۆزىڭىزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئەسلىگە كېلىپ 0.4كە يېتىپتۇ.» 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئابدۇغېنى مامۇت دوختۇرخانىغا بېرىپ ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى تەكشۈرۈشنى قىلدى، دوختۇرنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇ ۋە ئانىسىنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

  «ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزۈممۇ ھېس قىلالىدىم» دېدى ئابدۇغېنى، يېقىنقى نەچچە كۈندە، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئانىسىنىڭ قېشى، كۆزىنى ئېنىق كۆرەلەيدىغان؛ يىراققا قارىغاندا، يېشىل دەرەخلەرنى، ھال رەڭ قۇشلارنى، قارا رەڭلىك ئورانگۇتانلارنى بىر قاراپلا پەرق ئېتەلەيدىغان بولغانىدى.

  كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، رەھمەت بىلدۈرۈلگەن لەۋھەنى چىقاردى، تارتىنچاق، ئىچ مىجەز ئابدۇغېنى گۇاڭجوۋ جۇڭشەن داشۆسى جۇڭشەن كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيا دەن، جۇڭشەن كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ليۇ يىجىغا رەھمەت ئېيتىپ يۇقىرى ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ كۆزۈمنى داۋالاپ ساقايتقىنىڭلارغا رەھمەت، ماڭا ياردەم قىلغان ھەممە كىشىگە رەھمەت ئېيتىمەن!»

  ليۇ يىجى ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، كۆيۈنگەن ھالدا: «مەينەت قولۇڭ بىلەن كۆزۈڭنى ئۇۋۇلىساڭ بولمايدۇ، كۆز دورىسىنى ۋاقتىدا تېمىتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغىن، دوختۇرخانىغا قەرەللىك بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرغىن، تەستە قولغا كەلگەن بۇ يورۇقلۇقنى ياخشى قەدىرلىگىن» دەپ تاپىلىدى، ئابدۇغېنى ئەستايىدىللىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك كۆز ئامبىرىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جى جيەنپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئابدۇغېنىنىڭ ئوڭ كۆزىگە كۆچۈرۈلگەن كۆز مۈڭگۈز پەردىسى گۇاڭدۇڭلۇق بىر ئەرنىڭ ئىكەن. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇغېنى ناھايىتى تەسىرلىنىپ، كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا: «مەن ئۇنىڭ كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئىئانە قىلغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، گەرچە ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمىسەممۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمەن» دېدى.

  جى جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پىدائىيلار ئىئانە قىلغان 1048 كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، 780دىن ئارتۇق ئوپېراتسىيەنى تاماملاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نەچچە يۈز ئاغرىققا يورۇقلۇق ئېلىپ كەلدى.

  «قىيىنچىلىق بىر سىنتاش بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر ھېسسىياتنى سىنىماقتا، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز كېرەك.» شيا دەن مۇنداق دېدى: گۇاڭجوۋ جۇڭشەن داشۆسى جۇڭشەن كۆز كېسەللىكلىرى مەركىزى ئابدۇغېنىنىڭ كېيىنكى داۋالىنىش ئەھۋالىغا سىجىل كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەر مىللەت ئاغرىقلارنى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.