تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

[جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا ]جەمئىيەت مۇقىم، ئىناق بولدى تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى

− ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (1)

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

ۋاقىت سۆزلىيەلمەيدۇ، ئەمما تارىخنىڭ ساداسى كىشىلەرنى ئويغاتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى.

2016 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.

بۇرچ مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئالدىراتتى، بوران - چاپقۇن داۋالغۇپ تۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە قەدەم قويۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە!

جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل ئىناق، مۇقىم بولدى

دەرەخنى ئېگىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن يىلتىزىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ دەريا سۈيىنى يىراققا ئاققۇزۇش ئۈچۈن، جەزمەن مەنبەسىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ مەنبەسى.

بىر چاغلاردا، زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۆپ يۈزبېرىپ، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەنىدى. ۋەزىيەتتە قەتئىي بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ئۈمىدى، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىدى.

ئۆتكۈر شەمشەر قىنىدىن سۇغۇرۇلدى، توسقىلى بولمايدىغان كۈچ - قۇدرەت نامايان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلىدى.

− قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى تەۋرەنمەي ساقلاپ، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى كۆپ يۈزبېرىش، ئۈزۈلمەي يۈزبېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇدى؛

− جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ توقۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم سېپىلىنى بەرپا قىلدى؛

− مەنبەدىن تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ يوقاتتى؛

− ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئەڭ زور چەكتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىدى.

قارا بۇلۇتلار تارىلىپ، تولۇن ئاي ئاسماندا جىلۋە قىلدى، بۇ مەنزىرىنى كىم زىننەتلەپ چىققان؟ ئەمەلىيەتتە ئاسماننىڭ رەڭگى، دېڭىزنىڭ رەڭگى ئەسلىدىنلا سۈزۈك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، چىشنى چىڭ چىشلەپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق بولغان ياخشى ۋەزىيىتىنى ياراتتى.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى. گۈزەل شىنجاڭ تىنچ بولدى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى جۇش ئۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

پايدىنى قويۇپ بېرىش تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى

بوستانلىقلار مۇنبەت، گۈزەل، تاغ - دالىلار رەڭگارەڭ. كۈز بىلەن قىش ئالماشقاندىكى شىنجاڭ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك، گۈزەل. تىنچ، ئىناق مۇھىت گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس ھاياتىي كۈچىنى ھاسىل قىلىپ، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى ئۈمىدكە تولدى.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار «چەك قويۇش، ئالدىن كېلىشىش، ئارىلىق قالدۇرۇش» قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، جەمئىي كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 7 مىليون 604 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يەتتى. كىشىلەر گۈزەل كۈز مەنزىرىسىدىن بەھرە ئېلىپ، قۇملۇقتىكى توغراقلاردىن ھۇزۇرلىنىپ، قىزىل ئىزنالارنى ئىزدەپ، شىنجاڭنىڭ چەكسىز مەنزىرىسى ۋە ئىناق كەيپىياتىدىن مەستخۇش بولدى.

ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئىزچىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى. 2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى ئارقا - ئارقىدىن 100 مىليون، 150 مىليون، 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر بەس - بەستە كەلدى، ئايىغى ئۈزۈلمىگەن قەدەملەر جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى تارقاتتى.

ئوخشاشلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگىنى يەنە شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقى بولدى. بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىمغا ئېلىنغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتى 2 مىليون 95 مىڭغا يېتىپ، 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %.7 88 ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىملاش - رويخەتكە ئېلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى زو شىنمىن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق پايدىسى، سىياسەت پايدىسى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇق قوزغىتىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۈزۈلمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى».

بەش يىلدا، قولۋاق قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدىن ئۆتتى. تىنچ، ئىناق مۇھىتتا، قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلەشتى، تەرەققىيات قەدىمى تېز بولدى، تومۇر سوقۇشى ئېنىق بولدى.

بۇ بەش يىلدا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، قۇرۇلۇش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، چوڭ يوللار جەنۇب - شىمالغا تۇتاشتۇرۇلدى، تۈرلەر شەرق - غەربكە شاھمات ئۇرۇقىدەك تارالدى، «چوڭ گەۋدە»لىك قۇرۇلۇش قەد كۆتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

بۇ بەش يىلدا، بىز ئەڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدۇق، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

بۇ بەش يىلدا، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى، گۈزەل تاغ - دەريالار بىلەن ئىناق كەيپىيات بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەتتە تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسىنى يارىتىشتەك گۈزەل مەنزىرە سىزىپ چىقىلدى.

سۇ نېمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك؟ چۈنكى مەنبەسىگە ئېقىن سۇ توختىماي قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. بىز تەستە قولغا كەلگەن ئىناق، مۇقىم ۋەزىيەتنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز مەردانە قەدەم تاشلىدۇق.

خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەش ئىناقلىق مېلودىيەسىنى ياڭراتتى

سەھەردە، ئىللىق قۇياش نۇرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى قەدىمىي ۋە كۆركەم، نەپىس تاملارغا چۈشۈپ، ئىللىقلىق بېغىشلاپ ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ئابدۇرېشىت شېرىپ ئادەتتىكىدەك ئۆيىدىن چىقىپ، كوچا بويىدىكى دۇكانلاردىكى تاراڭ - تۇرۇڭ ئاۋازلارنى ئاڭلاپ، كۆڭلى خاتىرجەملىككە ھەم ئازادىلىككە تولدى. 70 نەچچە ياشلىق ئابدۇرېشىت قەدىمىي شەھەرنىڭ تەرتىپلىك ھەم قايناق كەيپىياتىغا كۆنۈپ قالغانىدى، ساياھەتچىلەرنىڭ ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىگە قاراپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە نەزەر سالغاندا، بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ نەقەدەر ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پۈتۈن يەر شارىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، كارخانىچىلار، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، ياخشى باھالار ئۈزۈلمىدى. «بىز خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان، جەمئىيەت تىنچ، ئاسايىشلىققا تولغان شىنجاڭنى كۆردۇق» «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ» ... گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان تەرەققىيات مۇھىتى، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ئەركىن - ئازادە تۇرمۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدىكى ئىشەنچ، ئوچۇق - يورۇق تەبەسسۇم «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ياخشى نامنى دېڭىز - ئوكيانلاردىن ھالقىتىپ يىراقلارغا تاراتتى.

بەش يىلدا، ھەر مىللەت ئامما غەم قىلىۋاتقان ئىشلار، باش قاتۇرۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىنىشىدىن قايناق خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىنى ھېس قىلدى، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى رېڭى تېخىمۇ قويۇق بولدى. ئولتۇراقلىشىش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى سىجىل ئاشتى، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى ۋە سالامەتلىكىنى قوغدىدى، كەڭ دائىرىدە قاپلىغان، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىنغان، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ھەر مىللەت ئامما مەززىلىك تائاملارنى يەپ، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام يۈرۈپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى شېرىن ئۆتكۈزمەكتە.

بەش يىلدا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پويىزى چوڭقۇر مۇھەببەت، قويۇق دوستلۇقنى لىق قاچىلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئۇچقاندەك يۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك مەركەزداش چەمبەرنى بارغانسېرى چوڭ سىزدى. شەھەر مەھەللىلىرى، يېزا - كەنت قورولىرىدا ھەر مىللەت ئامما شادلىق ناخشىسى، خۇشال كۈلكىسى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتتى، شاد - خۇراملىققا چۆمگەن كۆرۈنۈشلەر، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايىلەر تىنچ، ئىناق بولغان گۈزەل كەيپىياتنى تېخىمۇ تەسىرلىك نامايان قىلدى.

بەش يىلدا، ھەرقايسى جايلار ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى مۇلازىمەتنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزدى، «N+1» ئەندىزىسىدە خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىدى، «پارتىيە قۇرۇلۇشى+» «پەن - تېخنىكا+» ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى، پۇقرالارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى كۈنسېرى ئاشتى. كۆپچىلىك ھاياجانلانغان ھالدا ئىش بېجىرىشىمىز تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولدى، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ راھەت ئۆتتى، دېيىشتى.

دېڭىز بىپايان، سەپەر چەكسىز، يەلكەن چىقىرىپ، شامالنى بويلاپ مەنزىلگە يۈرۈش قىلىش. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.