تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك 2 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش ھالقىسىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە خىزمەت تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەملىكەتلىك 2 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، سالماقنى زورايتىپ نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قەرەلىدە ئالغا سىلجىتىپ، 2 - تۈركۈمدىكى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى تېخىمۇ چىڭ، تېخىمۇ پۇختا تۇتۇپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي قانۇن پولات قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش يۆنىلىشىنىڭ ئېغىپ كەتمەسلىكىگە، خىزمەتنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي تەربىيەنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەھرىمان - نەمۇنىچىلاردىن ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆگىنىش ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جاھىل كېسەللىكنى تۈزەشتە تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش بىلەن تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنى ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈزەش بىلەن قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى تەڭ تۇتۇش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇشى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ھەرقايسى سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىشنىڭ پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش بويىچە مەركەز 16 - نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، بىر - بىرلەپ ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ، دەل جايىدا كەم - كوتسىز تۈزىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن شياڭلى، چېن مىڭگو، ياڭ فاسېن، ياڭ يۇڭ ھەم ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي قانۇن كومىتېتى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى سىياسىي قانۇن ئورۇنلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - تۈركۈمدىكى سىياسىي قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش - تەرتىپكە سېلىش بويىچە نازارەت قىلىش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.