تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

گۈللىنىش مۇساپىسىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بىر ئابىدە

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

شىنخەي ئىنقىلابى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە مەڭگۈ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بىر ئابىدە! باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي تۆھپىسى ۋە مۇھىم، زور ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلغان شانلىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ، خۇلاسىلەپ، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي ئىلھامىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قەتئىي توسۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادىسى ۋە قەتئىي غەيرىتىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

1840 - يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو تەدرىجىي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالدى، دۆلەت ئار - نومۇسقا قېلىپ، خەلق ئازاب - ئوقۇبەتكە ئۇچراپ، مەدەنىيلىككە چاڭ - توزان قونۇپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىغا ئايلاندى. ئاشۇ بوران - چاپقۇنلۇق، زۇلمەتكە تولغان يىللاردا، جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىرادىلىك زاتلار ھەر تەرەپكە بېرىپ چۇقان سېلىپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى يۇقىرى ئاۋازدا «قاتتىق ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدىكى ئاۋامنى قۇتۇلدۇرۇۋالايلى، مۇنقەرز بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان دۆلەتنى قۇتقۇزۇۋالايلى» دەپ توۋلىدى، ئالدى بىلەن «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى» دەپ چۇقان سالدى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەسىرىدە، زور بىر تۈركۈم ئىنقىلابىي پارتىيەدىكىلەر ۋە سانسىزلىغان ۋەتەنپەرۋەر زاتلار جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش بايرىقى ئاستىغا يىغىلىپ، ئىنقىلابىي ئىدىيەنى كەڭ تارقىتىپ، تەرەققىيپەرۋەرلىك دولقۇنىنى قوزغاپ، ئۇدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئىنقىلاب ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. شىنخەي ئىنقىلابى دەل مۇشۇنداق چوڭقۇر جەمئىيەت تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە يۈزبەرگەن بولۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى.

1911 - يىلى 10 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ۋۇچاڭ سېپىلى ئۈستىدە ئوق ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ۋەكىللىكىدىكى ئىنقىلابىي پارتىيەدىكىلەر دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان شىنخەي ئىنقىلابىنى قوزغاپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمگە خاتىمە بەردى، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگودا يۈزبەرگەن چوڭقۇر جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ مۇقەددىمىسى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. بۇ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگودىكى ئىلغار كىشىلەرنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ھەم جاپالىق ئىزدىنىشى. تارىخىي مۇساپە ۋە جەمئىيەت شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولى ۋە رەھبەرلىك كۈچىنى تاپالمىغانلىق سەۋەبىدىن، شىنخەي ئىنقىلابى كونا جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەت خاراكتېرىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمىدى، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملىيالمىدى، لېكىن تولۇق ئەھمىيەتكە ئىگە يېقىنقى زامان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنى باشلىدى، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ۋە شىنخەي ئىنقىلابى پېشۋالىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپىسى مەڭگۈ چاقنايدۇ! شىنخەي ئىنقىلابىدا باتۇرانە كۈرەش قىلغان ۋە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ! خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: «شىنخەي ئىنقىلابى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئېقىمىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ، ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىق تەرتىپىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئاسىيادىكى تۇنجى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتنى قۇرۇپ، غايەت زور زىلزىلە ۋە چوڭقۇر تەسىر كۈچى بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يول ئىزدىدى».

شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇ مەيدان ئىنقىلابنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلغان جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭگودىكى ئىلغار كىشىلەر دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇش يولى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەندى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى داۋامىدا، ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن زىچ بىرلىشىشى داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى، بۇ، مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىش! جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ماياك مۇشۇنىڭدىن باشلاپ يورۇدى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بارلىق قۇربان بېرىشلەر، بارلىق ئىجادىيەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر باش تېمىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس روھ بىلەن، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ تارىخىي يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن قۇدرەت تېپىشنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتتى؛ ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۈگۈنگە قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت چوڭقۇر ئارزۇسى، شىنخەي ئىنقىلابى پېشۋالىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان گۈزەل ئارزۇسى، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقى ئىنتىزار بولغان ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئۇلۇغ ئارزۇ رېئاللىققا ئايلاندى ياكى ئايلىنىۋاتىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى!»

شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىلدىن بۇيانقى تارىخى شۇنى چوڭقۇر بىلدۈرىدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلابىي ئىشلىرىنىڭ ئەڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى، ئەڭ سادىق ھەمكارلاشقۇچىسى، ئەڭ سەمىمىي ۋارىسى. تارىخ بىزنى شۇنداق چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بولۇشى كېرەك، بۇ قۇدرەتلىك كۈچ دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىمۇ بولمايتتى.

يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك جاپالىق كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو خەلقى دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغاندا، بىز ئىستىقبالىمىزنىڭ پارلاق، چەكسىز ئىكەنلىكى، لېكىن ئالدىمىزدىكى يولنىڭ تۈپتۈز ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر بىلىمىز. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا قاراپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.