تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ساقچىلار قوشۇنىغا كىرىش ئەسلىي مەقسىتىنى پىداكارلىق بىلەن شەرھلىدى

دىلشات مۇتەللىپ:

ساقچىلار قوشۇنىغا كىرىش ئەسلىي مەقسىتىنى پىداكارلىق بىلەن شەرھلىدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چيەنتاڭجياڭ يولىغا جايلاشقان شىنجاڭ ساقچى تارىخى سارىيىدا، قانغا بويالغان بىر ساقچى فورمىسى نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، ساقچى فورمىسى قانغا بويالغان بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ رەڭگى سۇسلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۈستىدىكى ئوق تۆشۈكلىرى يەنىلا ئېنىق بولۇپ، ئۇنى كۆرگەنلا كىشىنىڭ يۈرىكى جىغىلدايتتى.

ساقچى فورمىسىنىڭ ئىگىسى دىلشات مۇتەللىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى شۆبە ئىدارىسى شىخې كوچىسى ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىدى، ئالتە يىل ئىلگىرى، ئۇ مۇشۇ ساقچى فورمىسىنى كىيىپ زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقانىدى.

خەۋپ ـ خەتەر ئالدىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ توپىلاڭچىلارنى تۇتۇش

2015 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى سەھەردە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىدە بىر قېتىملىق ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەردى. بىر توپ زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇر دېلو سادىر قىلغاندىن كېيىن، قوراللارنى ئېلىپ تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە قېچىپ بېرىپ، تاغلىق رايوننىڭ ئالاھىدە يەر شەكلىدىن پايدىلىنىپ تۇتۇلۇشتىن قېچىپ، يەنە بىر قېتىم زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

ئەينى چاغدا، جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلارنى تۇتۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى 1300 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق تاغلىق رايوندا قورشاپ تۇتۇشقا تەشكىللەپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان شەكىللەندۈردى.

«ۋەزىپە جىددىي، بىز كۈزلۈك ۋەزىپە ئىجرا قىلىش فورمىمىزنى كىيىپ، بىر قىسىم زۆرۈر قورال ـ ياراغلارنى ئېلىپ تاغقا كىردۇق.» دىلشاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ئالاھىدە ساقچىسى بولۇپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە 1 ـ پەلەمپەيسىمان ئەترىتىنىڭ ساقچى كۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ ئىزدەش، قوغلاپ تۇتۇش، نۇقتىدا تۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلغان.

زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلار يوشۇرۇنۇۋالغان رايوندا تاغلار تىك، جىلغىلار چوڭقۇر، ئورمان كۆپ، يول خەتەرلىك، ھاۋا قاتتىق سوغۇق ھەم شالاڭ بولۇپ، تاغدا يوشۇرۇنغىلى بولىدىغان ئۆڭكۈر، تاش يېرىقلىرى، دەل ـ دەرەخ، ئوت ـ چۆپلەر كۆپ ئىدى. ئاختۇرۇپ تۇتۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ئېلىپ بېرىلدى، بەزىدە كۆكرەككە كەلگۈدەك چوڭقۇرلۇقتىكى مۇزدەك سۇدىن كېسىپ ئۆتۈشكە، بەزىدە پەقەت چوڭقۇر ھاڭ ۋە تىك قىيالارغا تۇتىشىپ كەتكەن تار يولدا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلەتتى، كۆپچىلىكنىڭ جىسمانىي كۈچى زىيادە خوراپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئاختۇرۇپ تۇتۇشنى داۋاملاشتۇردى.

«ئىلگىرى دەريادىن سۇ كېچىپ ئۆتكەچكە ھەم تاغقا چىقىپ تاغدىن چۈشكەچكە، مېنىڭ تىز بوغۇمىمدا كېسەللىك ئاسارىتى قالدى، ھەربىر قەدەم ئالغاندا سۆڭىكىم سىقىراپ ئاغرىيدۇ.» دىلشاتنىڭ ئېيتىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئاممىنى، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان خىزمەتداشلىرىنى ئويلىسىلا، ئۇ ئۆزىنى چوقۇم ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىمەن، دەپ ئەسكەرتىپ تۇرغان.

ئوق تەگكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق جەڭ قىلىش

شۇ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، دىلشات سەپداشلىرى بىلەن تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئۇرۇش مەركىزى نەق مەيدانىغا كىرىپ، ئەتراپتىكى تاغ چوققىسى، ئورمان، تاغ جىلغىلىرىدا ئىزدىدى. ئىزدەش چەمبىرىكى بارغانسېرى كىچىكلىدى، قالدۇق زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلار تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، يوشۇرۇنۇۋالغان ئۆڭكۈردىن تۇيۇقسىز سىرتقا قارىتىپ ئوق چىقاردى.

«مەن پۈتۈن زېھنىم بىلەن زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلارغا تاقابىل تۇرۇۋاتقاچقا، ئۆزۈمگە ئوق تەگكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلماپتىمەن.» دىلشات زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ مىلتىق ئاغزىغا بەك يېقىن بولغاچقا، ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي ئوق تەگدى. ئۇ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ھوشىدىن كەتتى.

قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى نامەلۇم، دىلشات ھوشىغا كەلدى، قۇلاق تۈۋىدىكى ئوق ئاۋازى ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ كەتكەنىدى، ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا جەڭنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى، بەدىنىنىڭ ئاغرىقىغا قارىماي، قولىدىكى قورالنى ئېلىپ زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلارغا شىددەت بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى. «يەنە بىر قېتىم يىقىلغاندا، مەن بىر خىل ئىسسىق ئېقىمنىڭ دۈمبەمدىن سىرغىپ سىرتقا ئېقىپ چىققانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى ئۇ.

بۇ چاغدا، زوراۋان ـ تېررورچى ئۇنسۇرلار تۆپىلىك ئاستىدىكى ئۆڭكۈردە ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى، ئاختۇرۇپ تۇتۇش قوشۇنى تۆپىلىكنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، يەر شەكلى ئۇلارغا پايدىسىز ئىدى. سەپداشلىرى دىلشاتقا ئوق تەگكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئوت كۈچىگە قارىماي ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئىسمىنى چاقىرىپ، ئۇنى بەرداشلىق بېرىشكە ئۈندىدى.

«كېيىن، سەپداشلىرىم ئۆزلىرىنىڭ مۇداپىئە جابدۇقلىرىنى سېلىۋېتىپ، مىلتىقنىڭ تاسمىسى بىلەن بىر ئاددىي نوسۇلكا ياساپ، مېنى نەق مەيداندىن تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىپتۇ.» دىلشاتنىڭ ئېيتىشىچە، جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، 36 سائەتتىن كېيىن ئۇ ھوشىغا كېلىپ، ئوقنىڭ ئۇنىڭ سول بىلىكى ۋە سول كۆكرىكىنى تېشىپ ئۆتۈپ، ئۈچ تال قوۋۇرغىسىنى سۇندۇرۇۋەتكەنلكىنى، بىر تال قوۋۇرغىسىنىڭ سول ئۆپكىسىگە سانجىلىپ قالغانلىقىنى، ئوقنىڭ يۈرەك بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ پەقەت ئۈچ سانتىمېتىر ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچىلاردىن بولۇش

«ھوشۇمغا كەلگەندىن كېيىن جەڭنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدىم، توپىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى يوقىتىلىپتۇ ۋە تۇتۇلۇپتۇ» دېدى دىلشات. يارىلانغاندىن كېيىنكى 21 ئاي ئىچىدە، ئۇ يۇقۇملىنىش ۋە ئاغرىق ئازابى بىلەن كۈرەش قىلىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى ساغلام بەدىنى بىلەن ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى.

«مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمدىكى ئارزۇيۇم ساقچى بولۇپ خەلقنى قوغداش ئىدى، كېيىن مەن ساقچى مەكتەپتە ئوقۇپ، ئالاھىدە ساقچىلىققا ئىمتىھان بېرىپ، ئارزۇيۇمنى قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇردۇم.» دىلشاتنىڭ ئېيتىشىچە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت، سەپداشلىرى، خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق بەرگەن، ئۇ داۋاملىق بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدىكەن.

2017 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، دىلشات تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىپ، شىخې كوچىسى ساقچىخانىسىغا يۆتكەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەجرىبىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «شەھۋانىيلىق، قىمارۋازلىق، زەھەر»گە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش، باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈشكە چېتىلىش قاتارلىق جەمئىيەت ئامانلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈش تۈرىدىكى دېلولارغا دۇچ كەلگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەلەپ قىلىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قارشى ئەقىل ـ پاراسەت ۋە باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلدى.

دىلشات تىلغا ئېلىنسا، شىخې كوچىسى ساقچىخانىسىدىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى تەرىپلەيدۇ، كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ ھەم ئۇنى ئۈلگە قىلىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، تەۋەلىك رايوندىكى ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ.

ھايات ـ ماماتلىق تاۋلىنىش جەريانىدا، دىلشاتقا مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى «2 ـ دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى، شەرەپ بىلەن بىر قېتىم 1 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بىر قېتىم 2 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بىر قېتىم 3 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى... «مەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئىلگىرىكىدەكلا ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچىلاردىن بولىمەن» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.