تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بالىلار مەكتەپكە كىردى، ياشلارنىڭ خىزمىتى بار بولدى

− جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشلىرىگە نەزەر

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سۈن جې، خۇ بىشيا

3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى مەڭگۈلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى «مەركەزداش چەمبەر»نى ياخشى سىزىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ياشلارنى ئۆگىنىشنى خالاش، ياخشى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

بىر ئادەتتىكى خىزمەت كۈنىدە، مۇخبىرلار ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ـ كەنت تاشيوللىرىدا ماڭدى، يېتىپ بارغانلىكى جايدىكى ھويلا ـ ئارانلار جىمجىت ئىدى. شۇ جايدىكى كادىر مۇخبىرلارغا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ياكى ئېتىزدا ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى قوشنا يېزا ـ كەنتتىكى زاۋۇتلارغا بېرىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاپتوموبىل توختىتىلغان جايدىكى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسى قۇم كەنتىنىڭ يەسلىسى خۇشال ـ خۇراملىققا تولغانىدى، بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە گىمناستىكا مەيدانىدا سىيرىلغۇچ، بېڭچۇاڭ قاتارلىق ئويۇنلارنى ئويناۋاتاتتى.

«يەسلى خىزمەت قىلىۋاتقان ئاتا ـ ئانىلارنىڭ غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى، ئاتا ـ ئانىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى خاتىرجەم.» يەسلى باشلىقى ئارزىگۈل ئالىم مۇنداق دېدى: يەسلىدە جەمئىي 240 بالا، 14 مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئوقۇتقۇچى بار. مەكتەپ ساغلاملىق، جەمئىيەت، تىل، سەنئەت ۋە ئىلىم ـ پەن دەرسى تەسىس قىلدى، بالىلار يەنە ھەقسىز ئەتىگەنلىك تاماق ۋە چۈشلۈك تاماقتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر ئۈچ يىللىق ھەقسىز مائارىپىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا يەسلىلىرىنى «قۇرۇشقا تېگىشلىك جايلارنىڭ ھەممىسىدە قۇرۇش»، تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ يەسلىگە «كىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كىرگۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى، قۇم كەنتى يەسلىسىنىڭكىدەك سىنىپ ۋە ئوقۇتقۇچى سەپلىمىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا ـ بازارلارنىڭ «ئۆلچەملىك سەپلىمىسى»گە ئايلاندى.

بۇنىڭدىن سىرت، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتى، كەسپىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتتى. يەردىن تۈجۈپىلىك پايدىلىنىپ، ئەۋزەل مائارىپ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، خوتەن شەھىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشى تارقاق بولۇش، سىنىپتا ئوقۇغۇچى سانى كۆپ بولۇش، شارائىتى ناچار بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش ئۈچۈن، خوتەن شەھىرى بۇلتۇر 10 ـ ئايدا چاۋياڭ ئوقۇتۇش باغچە رايونىنى قۇرۇپ چىقتى ھەم ئىشقا كىرىشتۈردى، بۇ باغچە رايونى خوتەندىكى نۇرغۇن باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان ئىزچىل ئوقۇش تۈزۈمدىكى مائارىپ كەسپى باغچە رايونىغا ئايلاندى.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ رايونىغا كىرگەندە، دەرسخانىلار ئازادە، يورۇق، ياتاقلار پاكىز، رەتلىك ئىدى. ئوقۇغۇچىلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپى بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەۋاتاتتى. چۈشتىن كېيىن، توپ مەيدانىدا تەرگە چۆمۈلگۈچە توپ ئوينىدى، خەتتاتلىق سىنىپىدا خەت يازدى. ئەمدىلا تولۇقسىز 3 ـ يىللىققا چىققان تۇمارىس ئەركىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: مەكتەپ مۇكەممەل بولغان ياتاق شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇڭا تېخىمۇ كۆپ زېھنىمنى ئوقۇشقا تولۇق سەرپ قىلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، مەن سىنىپتىكى كۆپ ساندىكى ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇشنى تاللىدىم.

«يۇرتۇم خوتەن قۇملۇققا يېقىن، كەلگۈسىدە شيامېن داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ، دېڭىز بويىغا بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئۆگىنىش ئويۇم بار.» تېخى تولۇقسىز 3 ـ يىللىقتا ئوقۇۋاتقان تۇمارىسنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشقانىدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ھەر مىللەت ياشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىشىلىك ھايات سەھنىسىدە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جاينىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىلھام بېرىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

22 ياشلىق ئالىمجان قادىر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ ھازىر ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىش ئەمدىلا خىزمەتكە قاتناشقان ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھەر ئايلىق كىرىمىنىڭ دادىسىنىڭكىدىن ئېشىپ، ئائىلىسىدە ئىسمى ـ جىسمىغا لايىق «تۈۋرۈك»كە ئايلانغانلىقى ئىكەن.

بۇلتۇر، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن ئالىمجان خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى تېرىم كەنتى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ قوللىشى بىلەن شىنجاڭ مېيبىتې گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ بىر كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلاندى.

شىركەت خىزمەتچىلەرنى ھەقسىز تاماق ۋە ياتاق بىلەن تەمىنلىدى، ئالىمجان «يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىپ»، ناھايىتى تېزلا ئىش تەرتىپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلىدى، ئۇ ئارقىدىن گۆش توخۇسى بۆلۈمى پارچىلاش بەنىنىڭ بەنجاڭى بولۇپ، ھەر ئايدا 4100 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. «مەن مائاشىمنىڭ بىر قىسمىنى ئاتا ـ ئانامغا بېرىمەن، قالغان قىسمىنى ئۆزۈم ئىشلىتىمەن.» ئالىمجان مۇنداق دېدى: «مۇقىم خىزمىتىم بولغاچقا، مەن ھازىر ناھايىتى خاتىرجەم».

مۇخبىرلار ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا زىيارەتتە بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بالدۇر ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تېز ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىنى بايقىدى. بارغانسېرى روناق تېپىۋاتقان كەسىپ ئىگىلىكى ئالىمجانغا ئوخشاش ئەمدىلا مەكتەپ پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ياشنى قوبۇل قىلدى، ئۇلار تەدرىجىي ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى «جەڭگىۋار قوشۇن»غا ئايلانماقتا. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2021 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ شەھەر ـ بازارلاردا 356 مىڭ 200 كىشىنىڭ يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان، پۈتۈن شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئومۇمىي سانى 13 مىليون كىشىدىن ئاشقان، ئالىي مەكتەپنى شۇ يىلى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەيدىغان جايىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %90كە يەتكەن.

يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يادروسى ئادەمدە، مۇھىم نۇقتىسى ياشلاردا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يېزا ـ كەنتلەرنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق قېزىپ، ياشلارنى ئىشىكى ئالدىدىلا تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سۇپىغا ئىگە قىلدى.

ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى تاغلاق كەنتىنىڭ چېگرا بىلەن بولغان ئارىلىقى 60 كىلومېتىر كېلىدۇ، ھەيۋەتلىك تىيانشان تېغى تۆمۈر چوققىسى باغرىدا، ئەگرى ـ بۈگرى ئاسفالت يول بۇلۇت بىلەن قاپلانغان تاغلار ئارىسىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپتىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى پۇقراۋى قونالغۇلار رەتلىك گىرەلىشىپ كەتكەنىدى.

شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسىنىڭ تولۇق قويۇپ بېرىلىشى بىلەن، ئاقسۇ مەدەنىيەت ـ ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شۇ جايدا «گۈييۈەن تيەنجۈ . تاغلاق كەنتى» ئېگىز تاغ يېزا ـ كەنت ئېكولوگىيە ساياھەت ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ تارقىتىش سۇپىلىرىدا تەشۋىق قىلدى، تونۇشتۇردى، ئىلگىرىكى نامرات كەنت بۈگۈنكى كۈندە ئۆزگىرىپ «توردا ئالقىشلانغان» ساياھەت كەنتىگە ئايلاندى.

يۇرتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزگەن ئايگۈل سەمەت ساۋاقداشلىرىغا ئوخشاش شەھەردە قېلىپ قالماي، بەلكى يۇرتىغا قايتىپ ئاتا ـ ئانىسىغا ياردەملىشىپ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشنى تاللىدى. «ئىلگىرى كەنتتە ھېچنېمە يوق ئىدى، ياشلار قېلىپ قېلىشنى ئويلىغان ئەھۋالدىمۇ مۇۋاپىق خىزمەت يوق بولغاچقا، ھەممەيلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى.» ئايگۈل مۇنداق دېدى: «ئېكولوگىيە ساياھىتىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، مەن ئىشىكىمىز ئالدىدىلا پۇل تاپالايدىغان بولدۇم».

دۆلەت ئورتاق تىلىدا راۋان پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى ھەمدە ئەلا مۇلازىمىتىگە تايىنىپ ئايگۈل ئائىلىسىنىڭ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خېلى نامى چىقىپ قالدى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ كىرىمىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. بۇ يىل دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنىگىچە، تاغلاق كەنتى 196 مىڭ 500 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەت كىرىمى 27 مىليون 400 مىڭ يۈەن بولدى، پۈتۈن كەنت بويىچە كىشى بېشى كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر، بالىلار توپىنىڭ سانى كۆپ، ئوقۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغانلىق مەۋقەنى يىراق كەلگۈسىگە قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىنى ھەل قىلغانلىق.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.