تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەۋسىيەلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۇرسلۇق پائالىيىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 145 ـ قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

تەۋسىيەلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۇرسلۇق پائالىيىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 145 ـ قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 ـ يىغىنى ۋەكىللىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، «شان ـ شەرەپ قۇچقان 100 يىلدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، 10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار پۈتۈن يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش لايىھەسىگە سېلىشتۇرۇپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش شەكىللىرىنى ياخشىلاپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ۋەكىللەر بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشتىن بۇرۇن، بېجىرىش جەريانىدا، بېجىرگەندىن كېيىن ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بېجىرىشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەۋسىيەلىرىنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش بىلەن نىزام چىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، بېجىرىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «شان ـ شەرەپ قۇچقان 100 يىلدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، 10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن قانات يايدۇرغان باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى. باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۇرسلۇق پائالىيەت سۈپىتىدە بەرپا قىلىپ، لايىھەنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ۋەكىللەرنى پائال قاتنىشىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلقنىڭ رايىنى ئىگىلەپ، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، باشتىن ـ ئاخىر ئامما بىلەن بىللە بولۇپ، ئاممىنىڭ ساداسى، ئارزۇ ـ ئۈمىدلىرىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ ھەم مۇۋاپىق تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بۇ يىل 7 ـ ئايدا «شان ـ شەرەپ قۇچقان 100 يىلدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، 10 مىڭ ۋەكىل 10 مىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈردى، نۆۋەتتە 20 مىڭغا يېقىن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ «ئائىلە، ئىشخانا، پونكىت»قا كىرىش، ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى پائالىيىتىگە قاتنىشىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەھەللىلەرگە، يېزا ـ كەنتلەرگە بېرىپ، 8504 مەيدان قېتىم لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى «ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئائىلىلىرىگە سىڭدۈرۈش»كە تۈرتكە بولدى. ئامما ئۈچۈن 5658 ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىدىن 6482نى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر تەۋسىيەدىن 9472 نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.