تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

− شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز

[خەلق گېزىتى باش ماقالىسى]

بۇ يىل شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقى. يېڭى دەۋر شارائىتىدا شىنخەي ئىنقىلابىنى خاتىرىلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان جاپا ـ مۇشەققەتلىك مۇساپىسىنى ئەسلەپ، سۈن جۇڭشەن ئەپەندى قاتارلىق ئىنقىلاب پېشۋالىرىنىڭ جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قوشقان شانلىق نەتىجىلىرىنى ياد ئېتىش شىنخەي ئىنقىلابى روھىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «1840 ـ يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو تەدرىجىي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالدى، دۆلەت ئار ـ نومۇسقا قېلىپ، خەلق ئازاب ـ ئوقۇبەتكە ئۇچراپ، مەدەنىيلىككە چاڭ ـ توزان قونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز ئازاب ـ ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىغا ئايلاندى.» ئاشۇ بوران ـ چاپقۇنلۇق، زۇلمەتكە تولغان يىللاردا، جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىرادىلىك زاتلار ھەر تەرەپكە بېرىپ چۇقان سېلىپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئەينى چاغدىكى جۇڭگونىڭ نامرات، ئاجىزلىقىدىن ئازابلىنىپ قەلبى ئۆرتىنىپ، تۇنجى بولۇپ «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرەيلى» دېگەن ياڭراق شوئارنى توۋلىدى. 1911 ـ يىلى سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تەسىرىدە، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان شىنخەي ئىنقىلابى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭگوغا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمگە خاتىمە بەردى. تارىخىي مۇساپە ۋە جەمئىيەت شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، شىنخەي ئىنقىلابى گەرچە كونا جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەت خاراكتېرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەن، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملىيالمىغان بولسىمۇ، لېكىن تولۇق ئەھمىيەتكە ئىگە يېقىنقى زامان مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابنى باشلاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قاپقىقىنى ئېچىپ، دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇشىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولۇپ، غايەت زور زىلزىلە ۋە تەسىر كۈچى بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولدى. شىنخەي ئىنقىلابى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى مەڭگۈ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بىر ئابىدە!

شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، بۇ مەيدان ئىنقىلابنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلغان جۇڭگودىكى ئىلغار كىشىلەر ۋە جۇڭگو خەلقى داۋاملىق دۆلەتنى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇش يولى ئۈستىدە قەيسەرلىك بىلەن ئىزدەندى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى داۋامىدا، ماركسىزم ـ لېنىنىزمنىڭ جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن زىچ بىرلىشىشى داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى، بۇ، مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىش! جۇڭگونىڭ سىياسىي سەھنىسىگە چىققان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن ـ ئاخىر ئېغىشماي جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەندى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئېگىلمەس ـ سۇنماس روھ بىلەن يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتتى؛ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتتى؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتتى؛ ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتتى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بارلىق قۇربان بېرىشلەر، بارلىق ئىجادىيەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر باش تېمىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى 100 يىل كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك داستاننى پۈتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى. تارىخ تولۇق ئىسپاتلىدىكى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرى سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ ئىنقىلابىي ئىشلىرىنىڭ ئەڭ قەتئىي قوللىغۇچىسى، ئەڭ سادىق ھەمكارلاشقۇچىسى، ئەڭ سەمىمىي ۋارىسى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىمۇ بولمايتتى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا قەدەم قويغىنىمىزدا، بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسى شۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، خەۋپ ـ خەتەرگە، خىرىسقا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا شۇنچە تولغان بولىدۇ، بىز دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كۈرەشلەر قىسقا مۇددەتلىك ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك، ھېچبولمىغاندا، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىشىمىزنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ھەمراھ بولىدۇ. سۈن جۇڭشەن ئەپەندى قاتارلىق بارلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلار كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش، يېقىنقى زاماندىن بۇيان بارلىق غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەر كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى كۈرەش قىلغان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ جەزمەن جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 ـ ئەسىر ماركسىزمىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇش؛ جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇش؛ جەزمەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدار، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋاسىتىلەر بىلەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش؛ جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، تارىخ چاقىنىڭ پارلاق نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، باتۇرلۇق بىلەن بارلىق خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش؛ جەزمەن جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش؛ جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپىدە باشتىن ـ ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تارىخ بىزنى شۇنداق چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرۇدىكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، ھەققانىيلىقنىڭ مەنبەسى، خەلقنىڭ ئارزۇسى. ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 ـ يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەر قانداق «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» سۇيىقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

100 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيا ئالدىدا زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، خارابلاشقان كۆرۈنۈشتە نامايان بولغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنياغا نامايان قىلغىنى گۈللەپ ياشنىغان كەيپىيات بولۇپ، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قەدەم قويدى. يېڭى ئۇلۇغ مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلاشقىلى بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، خەۋپ ـ خەتەردىن قورقماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان جاسارەت، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان غەيرەت ـ شىجائەت بىلەن ئېغىر، زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرلەرگە تاقابىل تۇرۇپ، ئېغىر، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئېغىر، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، مەملىكەت ئىچى ـ سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، بوران ـ چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بولسا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.