تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭىتىپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي يېڭىپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»تىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈز، قىش پەسلىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىدىيەدە بوشاشماسلىق، تەدبىردە بوشاشماسلىق، مېخانىزمدا بوشاشماسلىق، مەسئۇلىيەتتە بوشاشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇھىم ئېغىز، ئاچقۇچلۇق ئورۇن ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدا دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، چېگرا پورتىنى پۈتۈن جەريانلىق يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇشنى، ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قارىتا خېسۇەن تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەش ۋە قاتناش، ئەشيا ئوبوروتى ھالقىلىرىدا دېزىنفېكسىيەلەش ـ مىكروب ئۆلتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش، باشقۇرۇش ۋە ئالدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ دىياگنوز قويۇشنى چىڭىتىپ، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى پائال، پۇختا، سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىلمىي مۇداپىئەلىنىشكە يېتەكلەپ، دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ـ بىر تەرەپ قىلىش بويىچە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت تەرەپ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش كېرەك.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۆمۈر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، تەبىئىي گاز قاتارلىق ئېنېرگىيەلەر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا ئېنېرگىيە ئىشلىتىشى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى. مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تونۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش بىلەن قىسقا مەزگىللىك ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئېشىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاۋۋال تۇرغۇزۇپ ئاندىن قالدۇرۇپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش بىلەن بازار قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ۋاقىت جەدۋىلى ۋە لىنىيە خەرىتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، ھەرىكەت شەكلىدىكى «كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش»نى تۈزىتىپ، باسقۇچقا بۆلۈپ، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «كۆمۈر بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، تەبىئىي گازنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، تەمىناتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانائەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ<14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئورۇننى توغرا تېپىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، بايلىق ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نېفىت، نېفىت ـ خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر ـ خىمىيە سانائىتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، باغ ـ ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، نانچىلىق، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، باشقا خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادتا خوتنى يۆتكەپ سۈرئەتنى تېزلىتىشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.