تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

خېنەن مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، قومۇلدىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى

  ئانار بۇلۇت خەۋىرى قومۇل شەھەرلىك خېنەن-قومۇل تەجرىبە مەكتىپى خېنەن ئۆلكىسى تولۇق سوممىلىق ياردەم بېرىپ قۇرغان توققۇز يىللىق ئىزچىل ئوقۇش تۈزۈمىدىكى مەكتەپ، 2019-يىلى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن، مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 133 مو بولۇپ، نۆۋەتتە خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق 2200 نەپەردىن كۆپرەك ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن جەمئىي 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، قومۇلدا مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى يولغا قويۇلدى، تۈر مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىگە نەپ يەتكۈزدى.

 ئوقۇغۇچىلار قومۇل شەھەرلىك خېنەن-قومۇل تەجرىبە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدىن ئۆتمەكتە. (9-ئاينىڭ 28-كۈنى)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  ئوقۇغۇچىلار قەغەز قىيما دەرسىگە قاتناشماقتا. (9-ئاينىڭ 28-كۈنى)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

  مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەغەز قىيىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا. (9-ئاينىڭ 28-كۈنى)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.