تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۈرەش قىلىش داۋامىدا كۈنلەر بارغانسېرى ياخشىلاندى

​− ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ نەزەرىدىكى بۇ بىر يىل (3)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئۇدا ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇشقا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى، پۈتۈن شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت ئامما شۇ جايدىكى خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تايىنىپ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى. ئۇلار يېڭى ئىش ئورنىدا ماھارەت ئىگىلەپ، دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا، تېخنىك ئىشچىغا، ھەتتا باشقۇرغۇچى خادىمغا ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بىرجۈپ قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ، كۈرەش قىلىش داۋامىدا كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى.

كەسىپلەر روناق تېپىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى كۆپەيدى

9 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ياڭاقلىرى مول ھوسۇل مەزگىلىگە كىردى. 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭ چۇنگېڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرى پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ياڭاق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى پىششىقلاپ ئىشلەش لىنىيەسىدە، ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى توختى ئادىل ئۈسكۈنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا زەڭ قويۇپ دىققەت قىلىۋاتاتتى.

«ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىنتايىن ئىلغار بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى سېتىپ بەرگەن ھەربىر تال ياڭاقنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ.» توختى مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن، ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق مائاشىم بار، مەن ئوقۇش پۈتكۈزگىچە مەشغۇلات قىلىش - كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ، بۇ كارخانىغا كېلىپ خىزمەت قىلسام كىرىمىم تېخىمۇ كۆپىيىدۇ».

شىنجاڭ چۇنگېڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش زەنجىرى پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جۇ رۇڭيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز ياڭاقنى قۇرۇتۇپ دەرىجىگە ئايرىپ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ياڭاق تالقىنى ھەم ياڭاق سۈتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قاتارلىق كۆپ يۈرۈش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئىشقا كىرىشتۈردى، ھەممىسى پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جاينىڭ ياڭىقىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ، 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنى 300 مىليون يۈەندىن ئاشۇرىمىز.

بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار باغ - ئورمانچىلىق قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق سودىگەر چاقىرىپ، نۇرغۇن كارخانىنى جەلپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كارخانا شۇ يىلى ماكانلىشىپ، تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماھارەت بولغاچقا غەيرەت تولۇپ تاشتى

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ مۇشېن ماشىنىسازلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ياساش سېخىدا، 22 ياشلىق ئەخمەت ئابلەت رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان لازېر نۇردا كېسىش تېخنىكىسىنى قايتا - قايتا مەشىق قىلىۋاتاتتى. ئۈرۈمچىگە كەلگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇنىڭ نىشانى بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى، يەنى تېخنىك بولۇپ، يۇقىرى مائاش ئېلىش.

بۇلتۇر 3 - ئايدا، ئەخمەت گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ بازىرىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئۇستىسىنىڭ ياردىمىدە ئەخمەت تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تېزلا كەسىپ تايانچىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى. ھازىر ئۇنىڭ ھەر ئايلىق مائاشى 6500 يۈەن بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. ئەخمەت مۇنداق دېدى: «مەن ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، كېيىن ئۈرۈمچىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ، ئاتا - ئانامنىمۇ ئەكىلىۋالىمەن».

بۇ بىر يىلدا، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسىدىكى دېھقان ئەلى ئوبۇلقاسىم شىنجاڭ پاكلان يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىش، ئاندىن سېخ باشقۇرىدىغان گۇرۇپپا باشلىقى بولۇشتەك قالتىس «ئۆزگىرىش»نى تاماملىدى.

«مەن ھازىر بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل، يەنە قەرەللىك ھالدا سېختىكى خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەيمەن.» ئەلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، ئۆز قىممىتىنى تېپىپتۇ. كىرىمى ھەسسىلەپ كۆپىيىپلا قالماي، خىزمەت جەريانىدا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى، ئېتىراپ قىلىشى، ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىپ، غەيرىتى تېخىمۇ ئېشىپتۇ.

«خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئايلىق مائاشىنى قوشقاندا 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، كېلەر يىلى بىز ئۆي سېتىۋېلىپ، ئىككى قىزىمىزنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ ئوقۇتماقچى بولۇۋاتىمىز» دېدى ئېلى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

بەختلىك تۇرمۇشقا ئىشەنچ قوشۇلدى

بىر يىل جەريانىدا، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەۋاتقان خادىملار بىرجۈپ قولىغا تايىنىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىغا سىڭىشىپ كەتتى.

«شىركەتتە، مەن ئالتۇن - كۈمۈش زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش ھۈنەر - سەنئىتىنى ئىگىلىدىم، كىرىمىم مۇقىم بولۇپ، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى.» شىنجاڭ ئوسمانى ئالتۇن - كۈمۈش، زىننەت بۇيۇملىرى پىششىقلاش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى نۇرگۈل بارات قەشقەرنىڭ يېزىسىدىن كەلگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: سىرتقا چىقىپ ئىشلەش مېنىڭ بەختلىك تۇرمۇشۇمغا ئىشەنچ قوشتى.

«قىشتا قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىش توختىسا، سىلەر مېنىڭ يۇرتۇم چۇڭچىڭغا بېرىپ ئويناپ كەلسەڭلار بولىدۇ!» 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، تۈر دىرېكتورى جۇڭ زې بىلەن ئابلەت قەھرى بىر تەرەپتىن تاماق يېگەچ، بىر تەرەپتىن دەم ئېلىش ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتاتتى.

بىر يىل ئىلگىرى، ئابلەت قاراقاش ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچى لىنكۇڭ جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى ئايروپورت قۇرۇلۇشى تىجارەت چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تۈرى ئىش ئورنىدا ئىشلىدى. ئۇستىسىنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە يېتەكلىشىدە ئۇ ناھايىتى تېزلا قېلىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، بۇ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۇتۇڭخۇانى ياخشى سۆزلەپلا قالماي، ھەتتا سىچۇەن شېۋىسىنىمۇ ئۆگىنىۋالدى.

«دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى بولغان ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن، نەزەر دائىرەم كېڭەيدى! ئىش ئورنىدا، كۆپچىلىك مىللەت، رايون ئايرىمايدۇ، ھەممىمىز ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش.» ئابلەت مۇنداق دېدى: بۇ بىر يىلدىن بۇيان خىزمىتىم ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئېرىشكەنلىرىم تېخىمۇ كۆپ بولدى.

«ئائىلەمدىكى ياشانغانلار، بالىلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىشقا قۇربىم يېتىدۇ. چۇڭچىڭغا بارغاندا قىزىمنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شۇ جايدىن ياخشى دوست تۇتقۇزۇپ، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، داشۆگە ئۆتۈشكە ئىلھاملاندۇرماقچى بولۇۋاتىمەن!» دېدى ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا.

(مۇخبىر جاۋ يۆ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاۋ مىن، رېن چۇنشياڭ، سۈن فاڭتىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.