تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئانا - بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، روھىي ساغلاملىق بويىچە ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش، قان ئېلىش - قان بىلەن تەمىنلەش، سەھىيە نازارەتچىلىكى قاتارلىق كەسپىي ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئاساسىي گەۋدە، يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار، كەنت داۋالاش ئۆيى ۋە شەھەرلەردىكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى (پونكىتى) قاتارلىق شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلام داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى تور ئاساسى، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى تايانچ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشىنى تىرەك قىلغان، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ساغلام جۇڭگو» ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، سىياسەت كاپالىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، ناھىيە رايوندىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ساغلاملىق ئاساسى سالدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتى 15 مىڭ 600گە، كېسەل كارىۋىتى 160 مىڭ 500گە، داۋالاش - سەھىيە كەسىپكارلىرى 163 مىڭ 200 ئادەمگە؛ ھەر دەرىجىلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى 117گە، ئاممىۋى سەھىيە كەسىپكارلىرى 10 مىڭ 700 ئادەمگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.