تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتەيلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىختىساسلىقلار بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ. مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئىستراتېگىيەلىك ئالىملارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىش» «بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش» «كۆلىمى زور ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈش» «زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلارنى يېتىشتۈرۈش» كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

دۇنيا پەن - تېخنىكا تەرەققىيات تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كىم بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىجادچان ئىختىساسلىقلارغا ئىگە بولسا، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىملارغا ئىگە بولسا، شۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنىڭ ماھىيەتتە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىي ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يەر شارىۋى نەزەر دائىرە ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەگە ئىگە زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ چىقتى. مەيلى كىۋانت ئۇچۇرى، غول ھۈجەيرە، مېڭە ئىلمى قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەتقىقات يۆنىلىشىدە بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە بولسۇن ياكى چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكۈش، ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش، چوڭقۇر يەر قاتلىمىنى تەكشۈرۈش، چوڭقۇر دېڭىز ئاستىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن - تېخنىكا ئېگىزلىك نۇقتىسىنى پائال ئىگىلەشتە بولسۇن، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جۇغلانمىسىدىن سۈپەت جەھەتتىكى ھالقىشقا، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېما ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يۈزلەنمەكتە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا يېڭى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلىتىمىزدىكى كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنى ئالدىن ئىگىلەپ، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش ئاچقۇچ.» بۈگۈنكى دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگەرمەكتە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك كۈچ سىنىشىشتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئايلىنىپ، پەن - تېخنىكا ئېگىزلىك نۇقتىسىنى چۆرىدىگەن رىقابەت مىسلىسىز كەسكىنلەشمەكتە؛ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىمەكتە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكى كۆرۈنەرلىك زورايدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش چوڭقۇرلۇقى كۆرۈنەرلىك چوڭقۇرلاشتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى، دۆلىتىمىز يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىجادچان ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ خەلقئارا پەن - تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇشى، پەن - تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىشى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە تىرەك بولىدىغان مۇھىم كۈچ ھېسابلىنىدۇ، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچى بەرپا قىلىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى سۈپىتىدە تۇتۇش كېرەك.

دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ئالىملارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشتە، ئەمەلىيەت ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىدە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان باشلامچىلار ئارىسىدىن چوڭقۇر ئىلىم - پەن ساپاسىغا ئىگە، ئۇزاق مۇددەت پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئالدىن كۆرەرلىك ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، پەن ھالقىپ چۈشىنىش ئىقتىدارى، چوڭ قوشۇننىڭ ئۇرۇش قىلىشىنى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئالىملارنى بايقاش كېرەك؛ يىراققا نەزەر سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىستراتېگىيەلىك ئالىم يوشۇرۇن ساپاسىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى قاتلاملىق ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلارنى بايقاپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالىم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان پەلەمپەيسىمان ئەترەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە، دۆلەت تەجرىبىخانىلىرى، دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت كوماندىسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق ساھەلىرى، نۇقتىلىق كەسىپلىرىنى چۆرىدەپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات بويىچە ماسلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللەش كېرەك؛ باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى بايقاش مېخانىزمى ۋە تۈر كوللېكتىپلىرىنى تاللاش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، باشلامچى ئىختىساسلىقلارغا قارىتا ئىختىساسلىقلار پەلەمپەيسىمان ئەترىتىنى يانداشتۇرۇش، پەن تەتقىقات شارائىتىنى يانداشتۇرۇش، باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يانداشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدە سىياسەتنى يولغا قويۇش كېرەك. ياش ئىختىساسلىقلار دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنىڭ مەنبە ئېقىن سۈيىدۇر، كۆلىمى زور ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى يېتىشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا قويۇپ، ياش ئىختىساسلىقلارنىڭ تايانچلىق رول ئوينىشىنى، باش رول ئېلىشىنى قوللاش كېرەك. ياسىمىچىلىق دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئاساسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلى، زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلارنى يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنى سۆيىدىغان، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىدىغان، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، گەۋدىلىك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە، مۇرەككەپ قۇرۇلۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ماھىر ئىنژېنېرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ياخشى قوزغاپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

قاتتىق ئەمەلىي كۈچ، يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىختىساسلىقلار ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۇلۇغۋار نىشانىنى پىلانلاپ، «2035 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە ئىختىساسلىقلار رىقابىتىدىكى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى شەكىللەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈش»نى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى بەرپا قىلىشنى تېزلەتسەك، بىز چوقۇم پەن - تېخنىكا رىقابىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئالدىن ئىگىلەپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىمىزدا پۇختا تۇتۇپ تۇرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.