تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتتى، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلدى

سانجى ئوبلاستى:

​مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتتى، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ خۇي

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر(باغچە رايونى)لەر، ئورگان، ئورۇنلار ئەلرايىنى ئىنكاس قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مېخانىزملارنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى چىن كۆزلەپ، چىن قەلب، چېن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلدى.

ئەلرايىنى تەكشۈرۈپ خەلق رايىنى بىلىش   مېخانىزم ئورنىتىپ يولنى راۋانلاشتۇرۇش

9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى جىمىسار بازىرىنىڭ خەلق يولى مەھەللىسى بەش تەرەپ بىرلەشمە يىغىنى(تەۋەلىك رايوننى ھۆددىگە ئالغان بازار رەھبەرلىرى، مەھەللە كادىرلىرى، مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، مۈلۈك باشقۇرۇش خادىملىرى، ئاھالىلەر ۋەكىللىرى) ئاچتى، ئاھالىلەر ۋەكىلى جى گۇيچى چىڭسۇڭ ئولتۇراق رايونىدىكى 1 - نومۇرلۇق بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ بىنانىڭ ئۆگزىسىنى سۇ ئۆتمەس قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى قارار قىلىندى. مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ ياردىمىدە، بىنانىڭ ئۆگزىسىنى سۇ ئۆتمەس قىلىپ ياساش قۇرۇلۇشى ناھايىتى تېزلا قۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى.

خەلق يولى مەھەللىسى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بەش تەرەپ بىرلەشمە يىغىنى ئېچىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى، بۇ يىل بەش تەرەپ بىرلەشمە يىغىنى ئارقىلىق زىددىيەت، ماجىرالارنى كېلىشتۈرۈش، ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشتىن 15نى بېجىردى.

«مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، سانجى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر(باغچە رايونى)، ئورگان، ئورۇنلار پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ «ئىككىنى تولۇق قاپلاش»، كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ خەلق رايىنى تەكشۈرۈپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى توپلىدى ھەم خەلق ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىش، رەتلەش، ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورناتتى، تاكامۇللاشتۇردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سانجى ئوبلاستىدىكى 50 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى جەمئىي 400 مىڭ 500 ئائىلە قېتىم زىيارەت قىلدى. پۈتۈن ئوبلاستتىكى 598 كەنت(مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتى «كەنت ئاھالىلىرى ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كۈنى» پائالىيىتىنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، زىددىيەت، ماجىرا ۋە بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى مەسىلىسىدىن جەمئىي 8837دىن ئارتۇقنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ھەل قىلدى.

سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەھەللىلەرگە بېرىپ «ئىككىنى ئاشكارىلاش، ئىككىنى يېتەكلەش، ئىككىنى باھالاش، بىردە مۇلازىمەت قىلىش» ۋە يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى «ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش، ئىككىنى بايان قىلىش، بىردە مۇلازىمەت قىلىش» مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى سالاھىيىتىنى نامايان قىلىش، قوش تىزىمغا ئالدۇرۇشنى يولغا قويدى. «مىكرو ھەرىكەت» «مىكرو ئارزۇ»نى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى. نۆۋەتتە، سانجى ئوبلاستىدىكى 158 مەھەللە «مىكرو ھەرىكەت»تىن جەمئىي 3487نى قانات يايدۇرۇپ، «مىكرو ئارزۇ»دىن 3912نى توپلىدى، خىزمەتتىكى 4034 پارتىيە ئەزاسى 3806نى ئۈستىگە ئېلىپ، 3264نى تاماملىدى؛ يېزىلاردىكى 23 مىڭ 561 پارتىيە ئەزاسى «ۋەدە بېرىپ مەسئۇلىيىتىنى ئاشكارىلىدى».

تىزىملىك شەكلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش   ئەمەلىي ئىشنى پۇختا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

«سانجى شەھىرىدىلا كىملىكنى تولۇقلاپ بېجىرگىلى بولىدۇ، ھەقىقەتەن بەك قولايلىشىپ كەتتى!» 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، سانجى شەھىرىدىكى بىر كارخانىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ شەنشەن سانجى شەھىرى جۇڭشەن يولى ساقچىخانىسىنىڭ نوپۇس مەمۇرىيىتى زالىدا باشقا جايدا كىملىك ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىردى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان سانجى شەھىرى قۇرۇلۇش شىمالىي يولى خۇيزۇ خەلقىنىڭ ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىدا ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، سانجى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 86 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئايرىپ بەردى.

«قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، بۇلارنىڭ ھەممىسى سانجى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتى خىزمەت تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويغان خەلققە قولايلىق، خەلققە پايدىلىق تەدبىرلىرى.

بۇ يىل، سانجى ئوبلاستى خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ رەتلەپ، سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە «12 + 10» خىزمەت تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە تەقسىملەپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت «مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەردىكى ياشانغانلارنى كۈتۈش» مەھەللە تاماق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئوبلاستتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ياشانغان كىشىنى تاماقلىنىش، تاماق بىلەن تەمىنلەش ۋە تاماق يەتكۈزۈپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ سانجى ئوبلاستىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئاممىۋى مائارىپ بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يېڭىدىن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلى قۇرۇپ، يېڭىدىن 2070 ئوقۇش ئورنى كۆپەيتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئىككىنى يېڭىدىن (داۋاملىق) ئۆزگەرتىپ - كېڭەيتىپ قۇردى، 65 مەكتەپ دەرستىن كېيىنكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر دەرستىن كېيىن ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ سانجى ئوبلاستلىق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى باشقا جايدا كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى ئۆلكە ئاتلاپ بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى يولغا قويدى، بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش قاتارلىق 15 تۈرلۈك كېسەلنى داۋالاش ئاپپاراتى، دورىخانىدىن ئىبارەت ئىككى يول ئارقىلىق دورا سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

ئىشتىن بۇرۇن، ئىشتىن كېيىن «قوش ئاشكارىلاش»   ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش

يېقىندا، سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بويىچە 6 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق 21 ئورۇنغا «خىزمەت ئەسكەرتمىسى» تارقاتتى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، سانجى ئوبلاستى «ئاممىغا دوكلات قىلىش» مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشتىن بۇرۇن، ئىشتىن كېيىن «قوش ئاشكارىلاش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يولغا قويىدىغان تۈرلەرنى ئاممىدىن توپلىدى، بېجىرىش جەريانىنى ئاممىغا ئاشكارىلىدى، بېجىرىش نەتىجىلىرىدە ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلدى.

سانجى ئوبلاستلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يەتتە سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى پۈتۈن ئوبلاستتىكى 92 ئورۇننىڭ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىغا قارىتا ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھالدا ئەمەلىي ئىش قىلىش تىزىملىكىنىڭ بار - يوقلۇقى، راست - يالغانلىقى، بېكىتىلگەن خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئىش باشلانغان - باشلانمىغانلىقى، ۋاقتىنچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاممىغا ۋاقتىدا ئېنىق جاۋاب بېرىلگەن - بېرىلمىگەنلىكى قاتارلىق ئىشلارنى بىر - بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ تەكشۈردى، نۆۋەتتە 17 قېتىم «خىزمەت ئەسكەرتمىسى» چۈشۈردى.

«سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى مەن بىلەن كېلىشىپ ئۈچ قېتىم كۆرۈشۈپ، ماڭا تەكلىپ - پىكىرلەرنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى ۋە چۈشەندۈردى.» بۇ يىل، سانجى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سانجى شەھىرى يۈشۇگوۋ بازىرى شۇگۇاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سۇ ۋېنچىڭ «بىرىكتۈرۈش ئەندىزىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۇ ۋېنچىڭ بىلەن ۋاقتىدا ئۇدۇللىشىپ ئالاقىلەشتى ھەم ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈردى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سانجى ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەركەزنى چۆرىدەپ چوڭ ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، يىغىن يېپىق مەزگىلدە جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك 1200 پارچىدىن ئارتۇق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. سانجى ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېجىرىش لايىھەسى، تەدبىرى، نىشانى، ۋاقىت چەكلىمىسىدىن ئىبارەت «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، سانجى ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ئورگان، ئورۇنلار ۋە كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئورۇنلار ئىلغارلارنى باھالاش، مەھەللىلەر ئۈنۈمنى باھالاش، ئامما باھالاش ۋە دېموكراتىك باھالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلپ، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى بېجىرىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.