تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىش ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

يىلىغا 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆممىقوناق سېتىۋېلىش، كۈندىلىك قۇرۇتۇش ئىقتىدارى 1000 توننىغا يېتىش، 12 مىڭ توننا كۆممىقوناقنى ئامباردا ساقلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش... جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى توگۇڭجې شەرقىي كەنتىگە جايلاشقان شۆلىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئىشەنچلىك ۋاسىتىسى ۋە ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ كىرىمنى كۆپەيتىشتىكى مۇھىم ياردەمچىسىگە ئايلاندى.

«بۇ ئىككى يىلدا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ياردىمىدە، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تىجارەت ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈنسېرى ئېشىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش پايدىنى ئىشقا ئاشۇردى.» 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شۆلىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ياڭ شۆلىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان كۆممىقوناق سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىش كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى، بۇلتۇر مەھسۇلات قىممىتىدە 30 مىليون يۈەنلىك بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شۆلىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پەقەت دېھقان ئائىلىلىرى ئىشلەپچىقارغان كۆممىقوناقنى سېتىۋېلىشنى كەسىپ قىلغانىدى، چۈنكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان جاينىڭ دەسلەپكى پىششىقلاش ئىقتىدارى كەمچىل بولغاچقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى.

«ئىلگىرى قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىسى بولمىغاچقا، ھوسۇل ئېلىنغان كۆممىقوناقنى پەقەت سىرتتا يېيىپ ئاپتاپتا قۇرۇتاتتۇق، مەھسۇلاتتا ئارىلاشما ماددا كۆپ بولاتتى، يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ قالسا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالاتتى.» ياڭ شۆلىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن سىرت، كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىچ باغلاش مېخانىزمى كەمچىل بولغاچقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارەت، سېتىشىدا خام ئەشيا كاپالىتى كەمچىل بولۇپ، تەرەققىياتنى چەكلەپ قويغانىدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىلدا، شۆلىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەرنى ئوبوروت قىلىشقا قاتنىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قۇرۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ دەسلەپكى پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى ۋاكالىتەن قۇرۇتۇش، ۋاكالىتەن ساقلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، كارخانا بىلەن دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى زىچ باغلاش مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرگۈزدى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئامباردا ساقلاش قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەبلەغ ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى.» ياڭ شۆلىڭ مۇنداق دېدى: سىياسەت جەھەتتىن قوللاش بولغاچقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى، نىشان تېخىمۇ ئېنىق بولدى.

دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋەكىللىكىدىكى يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايوننىڭ <دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر>نى ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىق سىياسەت، نىزاملارنى چىقىرىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ساغلام، ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش تۈر مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش كوپىراتىپلىرى، بىرلەشمە كوپىراتىپلار ۋە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئۆزئارا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى يۆلەپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى، سۈپەتلىك ماركا يارىتىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

«كۆپ تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆممىقوناق قۇرۇتۇش ئىقتىدارى پۈتۈن ناھىيە بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.» ياڭ شۆلىڭ مۇنداق دېدى: ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەتراپتىكى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق كارخانىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورناتتى، دېھقانلار ئىشلەپچىقارغان كۆممىقوناق دەسلەپكى پىششىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن تۆۋەن ئېقىندىكى يەم - خەشەك پىششىقلاش قاتارلىق ھالقىلارغا ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، بىرقەدەر ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا توپلىغان تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىش، ئېتىز - ئېرىق پەرۋىشى قاتارلىق ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەتلەرنى پائال قانات يايدۇردى.

«بىز ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئامباردا ساقلاش ۋە دەسلەپكى پىششىقلاش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ھالقىلىرىدىكى قولاي مۇلازىمەتتىن بەھرىلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلىدۇق» دېدى ياڭ شۆلىڭ.

2020 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئومۇمىي سانى 28 مىڭ 697گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمە كوپىراتىپتىن 41ى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 796سى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئېتىراپنامىسىدىن ئۆتكەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 341ى بولۇپ، ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 7 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يەتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تېخىمۇ كۆپ ئاددىي دېھقان ئائىلىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئارقىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن ئورگانىك جىپسىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.