تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئون يىلدىن بۇيانقى يېڭى رېكورت يارىتىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «تۈرلەرنى تۇتۇش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش» نىشانىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە بىرقەدەر تېز ئېشىش ساقلاندى، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى يېڭى رېكورت يارىتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، سېلىنما ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مۇھىم، زور تۈر، مۇھىم، زور سۇپا، مۇھىم، زور كەسىپ، مۇھىم، زور ئىسلاھات، مۇھىم، زور سىياسەت، نۇقتىلىق مۇھىم ئامىللاردىن ئىبارەت <ئالتە مۇھىم تىزىملىك>كە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىدىغان <ئون چوڭ خىزمەت مېخانىزمى>نى ئورنىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك سېلىنما ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.3 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن، 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە قارىغاندا 4.4 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21 ئاشقان.

1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەت سېلىنمىسى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.3 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %32.4ىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە: ياسىمىچىلىق كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %39.4 ئاشتى، بۇ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.3 ئېشىپ، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى يېڭى رېكورتنى ياراتتى.

1 - ئايدىن 8 -ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە كەسپى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %35.8 بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە: قاتناش - تىرانسپورت، ئامباردا ساقلاش ۋە پوچتا كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ %23.4 ئاشتى.

خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى تىرىكى كۈچلۈك بولدى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.8 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %28.7 بولدى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقرالار سېلىنمىسى ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.6 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40تىن ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.