تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

​دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 7 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

قىزىل ساياھەت، ئەتراپنى ساياھەت قىلىش، توغراق سەيلىسى قىلىش، تۇنجى قاردا تېيىلىش

​دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 7 مىليون 600 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ساياھەتچىلەر چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تېغى مەنزىرە رايونىدا دالىدا قونماقتا. تۇنجى قار ياغقاندىن كېيىنكى بارلۇق تېغى مەنزىرە رايونىدىكى قويۇق ئورمان ئاق لىباس كىيىپ، ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. □ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى. 3 - تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچى 7 مىليون 604 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، 4 مىليارد 737 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلغان.

«جۇڭگو قىزىلى» ئەڭ گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. «دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئىچىدە ياشلار، ئۆسمۈرلەر كۆپ ساننى ئىگىلىدى، يەنە نۇرغۇنلىرى ئائىلە بويىچە بىللە كەلدى» دېدى خاتىرە ساراينىڭ مەسئۇلى ۋۇ ۋېنخۇا.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، نۇرغۇن ساياھەتچى قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرىنى «جەزمەن بارىدىغان جاي» قىلدى. جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە باغچىسى قاتارلىق ھەرقايسى جايلاردىكى قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرى ئىزدەش، ئالدىن زاكاز قىلىش قېتىم سانى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مەنزىرە رايونلىرىغا ئايلاندى.

«كۆكياردا ئورمان بىنا قىلىش ئەمدىلا باشلانغاندا، يەرگە گۈرجەكمۇ ئۆتمىگەن، توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن ئىتتىرگەندە بىر قۇر ئاق ئىزلا قالغان، ئاخىرىدا پەقەت پارتلاتقۇچ دورا بىلەن توپا قاتلىمىنى پارتلىتىپ بوشىتىپ ئاندىن توپىنى ئاستا - ئاستا ئىتتىرگەن...» ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئابدۇللا ئەمەت كۆكيار خاتىرە سارىيىدا چۈشەندۈرگۈچىنىڭ بايانىنى ئاڭلاپ، كۆزىگە ياش ئالدى. «ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز كۈرەش قىلىشتىن كەلگەن، بىز قۇرغۇچىلارنىڭ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش روھىدىن ئۆگىنىپ، گۈزەل ئەتە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ئابدۇللا.

بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مۇقام ئانسامبىلى «قۇياش نۇرى تىيانشاننى يورۇتتى»نى ئۇدا ئالتە مەيدان قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا كاتتا سەنئەت زىياپىتى تەقدىم قىلدى؛ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى خەلق تىياتىرخانىسىدا «مەن ۋە مېنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىم» «چاڭجىن كۆلى» قاتارلىق قىزىل كىنولار ئۇدا قويۇلۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھالىرى ئۈزۈلمىدى؛ شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز − مەن سېنى سۆيىمەن جۇڭگو كىتاب ئوقۇش كۇەيشەنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ۋەتىنىمىزگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە تىلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئالاھىدە پائالىيەتلەر دەم ئېلىش مەزگىلىنى قىزىتىۋەتتى

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، «قىزىل ئاراتۈرۈككە كىرىپ، ئالتۇن كۈزدىكى توغراقلىقتا ئۇچرىشىش» باش تېمىسىدىكى 13 - نۆۋەتلىك ئاراتۈرۈك توغراق مەدەنىيەت - ساياھەت بايرىمى ئاراتۈرۈك توغراقلىق ئېكولوگىيە مەنزىرە رايونىدا باشلاندى. «ياشىسۇن ۋەتەن» «چىراغ نۇرىدىكى جۇڭگو» قاتارلىق ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەر قوللىرىدىكى دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، ۋەتىنىمىزگە بولغان تىلىكىنى ئىپادىلىدى. «ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە يېرى گۈزەل مەنزىرىگە تولدى، ۋەتىنىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.» گەنسۇلۇق ساياھەتچى ۋاڭ ياپىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، شەكلى ھەر خىل، يوپۇرماقلىرى ئالتۇندەك سېرىق توغراقلارنى كۆرۈپ، ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، توغراق روھى توغرىسىدا تونۇشقا ئىگە بولدى. پوسكامدىكى ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونىمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، يەتتە كۈندە جەمئىي 55 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى.

«جەنۇبتا توغراق سەيلىسى قىلىش، شىمالدا قار تېيىلىش» تەبىئەت ھەرقايسى جايلارغا ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە بېغىشلاپ، ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى، «قىشلىق ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىش· دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش» چاڭغا تېيىلىش بايرىمى ھەم 2021 − 2022 - يىللىق قار پەسلى تۇنجى قار تېيىلىش مۇراسىمى باشلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتىن كەلگەن قار تېيىلىش تەنھەرىكەتچىلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرى ئېگىز تاغدا قار تېيىلىشنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى. شەندۇڭلۇق قار تېيىلىش ھەۋەسكارى دۇڭ چىڭ ۋە ئۇنىڭ بىللە قار تېيىلىشقا كەلگەن دوستلىرى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كۆكتوقايغا مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىپ كېلىپ، تۇنجى قار تېيىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، «بۇ يەردىكى قارنىڭ سۈپىتى ياخشى، قار يولىنىڭ چۈشۈش پەرقى چوڭ، بىز ئالايىتەن بۇ يەرگە كەلدۇق» دېدى دۇڭ چىڭ.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى يەنە قۇملۇقنى ساياھەت قىلىدىغان ياخشى ۋاقىت. «ھازىر مەنزىرە رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق، پىيادە مېڭىشقا ياكى قۇم تاغقا يامىشىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، دەم ئېلىش مەزگىلىدە پىيادە مېڭىشقا ۋە سەيلە - ساياھەت قىلىشقا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ھەرقايسىسىنىڭ %50 بولدى» دېدى قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونى بازار ماركېتىڭ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خې خەيشيا.

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت ئۆمىكىدىن جەمئىي 2311ى تەشكىللەندى، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى 31 مىڭ 151 ئادەم بولدى، ساياھەتچىلەر ئاساسلىقى ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق مەنزىلگاھلارغا باردى.

يېقىن ئەتراپ ساياھىتى قارشى ئېلىندى

10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ باغچىسىدا، ساياھەتچىلەر يۈرۈش كودىنى كۆرسىتىپ تەرتىپلىك ھالدا باغچىغا كىردى. باغچىدا بالىلار قوغلىشىپ ئوينىدى، ياشانغانلار پىيادىلەر يولىدا بىر مېڭىپ، بىر توختاپ، ئۆستەڭ سۈيى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان، دەرەخ يوپۇرماقلىرى سارغايغان گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

«ئۆيدىكى ياشانغانلار يىراققا بېرىشنى خالىمىغاچقا، بىز ئۇلارنى باشلاپ ئەتراپتىكى باغچىلارنى ئايلاندۇرۇپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلەندۈردۇق. بۇ يەردە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشمۇ ياخشى تاللاش.» ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى شى خانىم ئاتا - ئانىسىنى ئېلىپ باغچىنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە مەززىلىك تائاملار خەرىتىسىدىن يېقىن ئەتراپتىكى توردا ئالقىشلانغان دۇكاننى ئىزدەپ تېپىپ، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملاردىن بەھرىمەن بولدى.

ساياھەتچىلەر باغچە ئايلىنىپ، كۆرگەزمە كۆرۈپ، مەززىلىك تائاملارنى يەپ، يېقىن ئەتراپتا دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تۇرمۇشتىن خۇشال - خۇرام بەھرىمەن بولدى.

يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 267 مەيدان قېتىم تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى تەشكىللىنىپ، 99 مىڭ ئادەم قېتىم تاماشىبىنغا نەپ يەتكۈزۈلدى؛ ھەرقايسى مۇزېي، خاتىرە سارايلار 200 مىڭ ئادەم قېتىم ئاممىنى كۈتۈۋالدى، ھەرقايسى كۇتۇپخانىلار 53 مىڭ ئادەم قېتىم ئوقۇرمەننى كۈتۈۋالدى، ھەرقايسى مەدەنىيەت سارايلىرىغا كەلگەنلەر 26 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت پونكىتلىرى 76 مىڭ ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋالدى، ھەرقايسى گۈزەل - سەنئەت سارايلىرى توردا ۋە تور سىرتىدا 50 مىڭ ئادەم قېتىم ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى.

پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئائىلە بويىچە ئەتراپنى ساياھەت قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭلىقلار شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچى ساياھىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتتى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 7 مىليون 225 مىڭ 900 ئادەم قېتىم شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، 2 مىليارد 796 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى جەمئىي 269 مىڭ 600 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.38 ئاشتى؛ قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى جەمئىي 143 مىڭ 800 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، 7 مىليون 187 مىڭ 700 يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %208.39 ئاشتى؛ قاراماي شەھىرى دۇنيا موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى جەمئىي 36 مىڭ 200 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، 1 مىليون 192 مىڭ 700 يۈەن ساياھەت كىرىمى يارىتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %98.15 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.