تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«19 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 2 - قىسمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

سىكاننېرلاپ مۇندەرىجە تونۇشتۇرۇلۇشىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «19 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 2 - قىسمى مەركىزىي ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

«19 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 2 - قىسمىغا 2019 - يىلى 3 - ئايدا ئېچىلغان 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدىن كېيىن، 2020 - يىلى 10 - ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىغىچە بولغان مۇشۇ مەزگىل ئىچىدىكى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، جەمئىي 79 پارچە، تەخمىنەن 510 مىڭ خەت. بۇنىڭ ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماقالىسىدىن 39 پارچە، مەركەزدىكى باشقا رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ماقالىسىدىن 15 پارچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدىن 25 پارچە بار. 15 پارچە مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنغان.

بۇ مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانمىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇشۇ مەزگىلدە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلىرى ئالدىدا، بولۇپمۇ تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق رازى بولغۇدەك، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك، تارىخ سەھىپىسىگە پۈتكۈدەك جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرغانلىقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپە ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق بېيىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەن خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش شۇنداقلا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيەلىرى، چىقارغان مۇھىم، زور تەدبىرلىرى، قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ياراتقان يېڭى تەجرىبىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

«19 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 2 - قىسمىنىڭ نەشر قىلىنىشى پۈتۈن پارتىيەنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى مۇھىم دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران - چاپقۇن توسۇيالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

(«19 - قۇرۇلتايدىن بۇيانقى مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلەردىن تاللانما»نىڭ 2 - قىسمىنىڭ ئاساسلىق مۇندەرىجىسىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىنى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ كۆرۈڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.