تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قىپقىزىل ئانار گۈزەل تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

«كېلىڭلار، كېلىڭلار، بىزنىڭ ئانار شەربىتىنى تېتىپ بېقىڭلار، پىيالما ئانىرى ئىسمى - جىسمىغا لايىقمۇ - يوق كۆرۈپ بېقىڭلار.» 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى خۇينۇڭ ئانار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى تۇرسۇن قاۋۇز يېڭىدىن سىقىپ چىقىرىلغان قىپقىزىل ئانار شەربىتىنى قولىدا كۆتۈرۈپ، ئۇچرىغانلىكى كىشىلەرگە تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.

گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسىنىڭ پىيالما ئانىرىنىڭ داڭقى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىغا تارالغان بولۇپ، بۇلتۇر تۇرسۇن ئانار ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ 270 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. «بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئانارلىرىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولدى، يەنە بىر ئايدىن كېيىن ئۈزگىلى بولىدۇ، ھازىر زاكاز تېلېفونلار ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ.» تۇرسۇن نۆۋەتتىكى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن، كىرىمىنىڭ بۇلتۇرقىدىكىدىن ئاز بولمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

تۇرسۇننىڭ يۇرتى پىيالما يېزىسىدا ھەممە ئائىلىلەر دېگۈدەك ئانار ئۆستۈرىدۇ. ئىلگىرى تەجرىبىسى بولمىغاچقا، ئېتىزلارنى پەرۋىش قىلىشقا يېتىشەلمەي، ئانارنىڭ ھوسۇلى تۆۋەن، سۈپىتى ياخشى ئەمەس ئىدى. تۇرسۇننىڭ بوۋىسى بىلەن دادىسى يېزىدىكى ئانار تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىن پۇتاش، قوشۇمچە ئوغۇتلاش، مېۋىسىنى قالدۇرۇشنى ئۆگىنىپ، ھەربىر باسقۇچقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى. ئاستا - ئاستا، تۇرسۇن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئانارلىرىنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، كىرىمىمۇ ئاشتى، ئۇلار تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى.

گەرچە ئانارنىڭ سۈپىتى ياخشى، ھوسۇلى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق باھاسى باشتىن - ئاخىر ئۆرلىمىدى. تۇرسۇن بۇنى سېتىش دائىرىسىنىڭ تار بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى.

سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، دادىسى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تۇرسۇننى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئايلىنىپ كۆرۈپ، پىيالما يېزىسىنىڭ ئانار ماركىسىنى يارىتىشقا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى ئۇقۇپ بېقىشقا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تۇرسۇن ئەينى چاغدىكى پۈتۈن يېزا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئانار ساتقۇچى بولۇپ قالدى.

بۇ مەزگىلدە، تۇرسۇن شاڭخەيدىن كەلگەن سودىگەرگە ئۇچراپ قالدى، قارشى تەرەپ پەقەت قەشقەرنىڭ ئانىرىنىلا ئاڭلاپ باققان بولۇپ، خوتەندىنمۇ ئانارنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

تۇرسۇن دەرھال ئاپتوموبىلدىن بىر يەشىك ئانارنى چۈشۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارغا تېتىپ بېقىشقا بەردى. كۆپچىلىك ئانارنى مەززە قىلىپ يەپ، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ كەتتى. شاڭخەيلىك سودىگەر دەرھاللا قېپقالغان ئانارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالدى. شۇ كۈنى تۇرسۇن 11 توننا ئانارنى 90 مىڭ يۈەنگە ساتتى. ئارقىدىنلا تۇرسۇن قارشى تەرەپ بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، يەنى شۇ يىلدىن باشلاپ، خوتەننىڭ ئانىرى تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىشقا باشلىدى.

تۇرسۇن بىر تەرەپتىن ئانار ساتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئانارنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى قانداق ئۆستۈرۈش ئۈستىدە ئويلاندى. 2015 - يىلى، تۇرسۇن پوسكام ناھىيەسىدە شاپتۇللۇقنى باشقۇرىدىغان ۋاڭ ئاكا بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭدىن پەرۋىش قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى. ۋاڭ ئاكا ئۇنىڭغا مېۋىلىك دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئاراچلىرىنى ئاچقاندا، شامال ياخشى ئۆتۈشۈپ، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغانلىقى، ئاندىن مېۋىلەرنىڭ رەڭگى ئوچۇق، چوڭ، توق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. تۇرسۇن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئالتە تۈپ ئانار دەرىخىنى تاللاپ تەجرىبە قىلدى، بىر يىل پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، بۇ بىرنەچچە تۈپ ئانار دەرىخىنىڭ مېۋىسى ھەم چوڭ، ھەم ياخشى بولدى. 2 - يىلى تۇرسۇن باغدا بۇ ئۇسۇلنى ئومۇميۈزلۈك قوللاندى، شۇ يىلى 12 مو ئاناردىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا 13 مىڭ يۈەن كۆپ كىرىم قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، تۇرسۇن شاپتۇل دەرىخى ئۆستۈرۈشتىكى پەرۋىش قىلىش تەجرىبىسىنى ئانار دەرىخىنى پەرۋىش قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھوسۇلىنى ھەر مو يەردىن 500 كىلوگىرامدىن كۆپەيتىپ 1700 كىلوگىرامغا يەتكۈزدى.

2018 - يىلى 1 - ئايدا، شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مەخسۇس خادىملىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ياردىمىدە، تۇرسۇن 280 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، سەككىز شېرىكى بىلەن پىيالما يېزىسى خۇينۇڭ ئانار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆستۈرگەن ئانارنىڭ كۆلىمى 112 موغا يەتتى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ماركا لايىھەلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى قوللىنىپ، بىرتۇتاش ئوغۇتلاپ، بىرتۇتاش ئۈزۈپ، بىرتۇتاش ئوراپ - قاچىلاپ، پىيالما يېزىسىنىڭ ئانىرىنى ماركىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان تۇنجى يىلىلا يېزىغا ياردەملىشىپ 800 توننا ئانار سېتىپ بەردى.

ئارقىدىن تۇرسۇن تېخىمۇ كۆپ سېتىش يوللىرىنى ئاچتى، مەسىلەن، توردا سېتىش، ئورۇنلار بىلەن تۈركۈملەپ سېتىش توختامى ئىمزالاش قاتارلىقلار. بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، يۇرتداشلارنىڭ ئانارلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، باھاسى كاپالەتكە ئىگە بولدى، كۈنلىرىمۇ بارغانسېرى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.