تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ دەۋرى ئالماشتى ئىشلەپچىقىرىش كۆڭۈلدىكىدەك بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

يېقىنقى مەزگىلدە، ئاۋات ناھىيەسىدىكى شىنخۇيچېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى لېي يەنگاڭ ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، پاختا يىغىش باشلىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر يىلدىكى ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتقا كىردى.

10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل يېڭىدىن سېتىۋالغان 15 چوڭ تىپتىكى تايلاش، پاختا يىغىش ماشىنىسىغا قاراپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپى بىلەن ئون نەچچە يىل شۇغۇللانغان لېي يەنگاڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ يەرلەر پارچە - پۇرات بولۇش مەسىلىسى نىسبەتەن گەۋدىلىك بولغان جەنۇبىي شىنجاڭدا، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنىڭ بۇنداق تېز بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغانىدى. قىسقىغىنا بىرقانچە يىلدا، ئاۋات ناھىيەسىدە پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى. ئۇ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان ھەمكارلىق كوپىراتىپىمۇ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشقان پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، مۇلازىمەت سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

شىنخۇيچېڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق بىرلەشمە كوپىراتىپى ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئون نەچچە كىچىك تىپتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەشكىللەنگەن. ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىدى، نۆۋەتتە 1300 يۈرۈشتىن ئارتۇق تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمىنىغا ئىگە بولدى، بۇ، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىنىڭ بىر ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى پاختا، بۇغداي قاتارلىق كۆپلىگەن ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە چېتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى ئىلگىرىكى يەككە بىر ھالقىغىلا مەركەزلىشىشتىن تەدرىجىي ھالدا تېرىش - يىغىشنىڭ پۈتۈن ھالقىسى، پۈتۈن جەريانىغا تەرەققىي قىلدى.

«ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى بىزنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىشتىكى مەبلەغ بېسىمىمىزنى يېنىكلىتىپ، بىزنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلارنى تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى.» لېي يەنگاڭ مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشكىللىنىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 15 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنى سېتىۋالدى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈچۈن تەخمىنەن %30 سېتىۋېلىش مەبلىغىنى تېجەپ بەردى.

ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە يەرنى ئوبوروت قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىنىڭ پايدىسىدا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. لېي يەنگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن يەر كۆلىمى 250 مىڭ مودىن كۆپىيىپ 830 مىڭ موغا يەتتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى پاختا، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىش - يىغىشنىڭ پۈتۈن ھالقىسىنى قاپلاپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا تەننەرخنى تېجەپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى پاختىنى كۆلەملەشتۈرۈپ، تۈجۈپىلەپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقارغاندىن كېيىن، ھەر مو يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئوتتۇرىچە 300 يۈەن تۆۋەنلىگەن، مو بېشى ھوسۇلى 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئېشىپ، ئۈنۈمنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتى سىجىل يولغا قويۇلۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەخسلەر ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردەم تولۇقلىما دائىرىسىدىكى ماشىنا - سايمانلارنى سېتىۋېلىشىغا قارىتا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشكە تېگىشلىكلەرگە تولۇق بېرىش يولغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىك سالمىقى زورايتىلىپ، تەڭ ئىيونلۇق دورا چېچىش ماشىنىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەل جايىدا ئوغۇتلاش ماشىنىسى، سۇنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلىنىدىغان ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى قاتارلىق ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - سايمانلىرى كىرگۈزۈلدى، ئۈلگە كۆرسىتىلدى، كېڭەيتىلدى، ئۇرۇقلۇق تېجەيدىغان، سۇ تېجەيدىغان، ئوغۇت تېجەيدىغان، دورا تېجەيدىغان، ئەمگەك تېجەيدىغان بىر تۈركۈم يېشىل تېخنىكىلىق سايمانلار كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلدى.

«بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر تۈركۈم ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسىنى كىرگۈزۈپ، بۇغدايلىقنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا ئوغۇتلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەمىنلەيدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتىدە يەنە بىر تۈر كۆپەيدى.» لېي يەنگاڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، ئېگىز ئۆسۈپ بولغان بۇغداينى ئوغۇتلاش تەس بىر ئىش ئىدى، بولۇپمۇ مەركەزلىشىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يەرلەردە مەيلى ئادەم كۈچى بىلەن بولسۇن ياكى ماشىنا بىلەن بولسۇن، ھەممىسىدە ئېتىزغا كىرىپ تەكشى ئوغۇت چېچىش ناھايىتى تەس ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا ھاۋادا مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق بۇ قىيىن مەسىلە ھەل قىلىنىپ، بۇغداي ھوسۇلىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن بوشلۇق يارىتىلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىشى، ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەشغۇلات تەرتىپى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلدى. دېھقانلار يان تېلېفون APPسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ياردەم تولۇقلىمىسى ئىلتىماسىنى نەق مەيدانغا بارمايلا بېجىرىشكە ئىلھاملاندۇرۇلۇپ، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان ماشىنا - سايمانلارنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن كېلىشىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر قانات يايدۇرۇلدى، ياردەم تولۇقلىمىسىنى بېجىرىش مۇددىتى 100 خىزمەت كۈنىدىن 35 خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسىنى نەقلەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئوڭۇشلۇق بولدى، ھازىرغا قەدەر، نەقلەشتۈرۈلگەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى 909 مىليون يۈەن بولۇپ، نەقلەشتۈرۈش نىسبىتى %84.87 بولدى، 39 مىڭ 833 دېھقان ئائىلىسى مەنپەئەتلەندى، 43 مىڭ 93 ماشىنا - سايمانغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.