تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى سەككىز ئايدا 56 مىليارد 411 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلىتىلدى

ئالدىنقى سەككىز ئايدا 56 مىليارد 411 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ساھەسىدە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش سۈرئىتى تېزلىتىلدى، 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا قاتناش تۈرلىرىگە 56 مىليارد 411 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلان ۋەزىپىسىنىڭ %69.5ى تاماملاندى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مۇھىم، زور قاتناش تۈرلىرىدە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قاتناش ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تۆمۈريول تۈرلىرىگە 6 مىليارد 728 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، خوتەن - چاقىلىق تۆمۈريولى، ئاقسۇ - ئارال تۆمۈريول تۈرىدە قۇرۇلۇش تېزلىتىلدى، ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى كۆپەيتىلگەن 2 - لىنىيەسىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈپ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى قۇرۇلۇش باشلاندى. تاشيول تۈرلىرىگە 44 مىليارد 970 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، G7 ۋۇتۇڭ داچۈەن - مورى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، يەكەن ناھىيەسىدىكى قوشراپ يەكەن دەرياسى چوڭ كۆۋرۈكى تۈرى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي - بۇرچىن بۆلىكى، G331 لىنىيەسىنىڭ بۇرچىن - قابا بۆلىكى قاتارلىق تاشيوللاردا ئىش باشلاندى، G0711 ئۈرۈمچى - لوپنۇر تاشيولى، G3018 جىڭ - ئالاتاۋ تاشيولى، S21 ئۈرۈمچى - ئالتاي تاشيولى قاتارلىق بىر تۈركۈم داۋاملاشما يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى، G314 بۇلۇڭكۆل - قونجىراپ تاشيولى، G315 نىيە - لوپ تاشيولى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئادەتتىكى دۆلەت يولى غول لىنىيە تاشيول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى. ئايرودۇرۇم تۈرىگە 4 مىليارد 713 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى، تاشقورغان ئايرودۇرۇمى، قەشقەر ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىلدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قاتناش ساھەسىدىكى مۇھىم، زور تۈرلەردە مەبلەغكە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقى سىجىل زورايتىلدى، «مەبلەغ تۈرگە ئەگىشىپ مېڭىش»تا چىڭ تۇرۇلدى، ھازىرغا قەدەر، قاتناش ساھەسىدە دۆلەتنىڭ ياردەم پۇل مەبلىغىدىن جەمئىي 5 مىليارد 84 مىليون يۈەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

«بىر تۈركۈمنى قۇرۇش، بىر تۈركۈمدە ئىش باشلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس تەييارلاش» تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇقتىلىق قاتناش تۈرلىرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلدى. نۆۋەتتە، غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولى، جىڭ - ئالاتاۋ تۆمۈريولىنىڭ كۆپەيتىلگەن 2 - لىنىيە تۈرىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى جۇڭگو دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمى، شەرقىي جۇڭغار (گۇچۇڭ) پۇقرالار ئايرودۇرۇمى مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى؛ باركۆل ئايرودۇرۇمى مۇمكىنچىلىك تەتقىقات باسقۇچىدىكى ساھە تەكشۈرۈش پىكرىگە ئېرىشتى.

كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىدىكى كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ - چىقىشنى تېزلىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىدۇ؛ ئاۋىياتسىيە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىدۇ؛ دىققەتنى كەمتۈكلۈك بار ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيە يولى قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، 4 - پەسىلدە كۈچەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.