تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىقتىساد «يېڭى» مەنىگە ئىگە بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بازارنى مۇقىملاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مال سېتىۋېلىش، دۇكانلار مالنى ئۆيلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق يېڭىچە ئىستېمال جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىستېمال بازىرىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىقتىساد سىجىل جانلىنىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى قويۇپ بېرىلدى.

10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىغا جايلاشقان دوستلۇق سودا سارىيىنىڭ 1 - قەۋىتىدە ئىستېمالچىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچتىن ئۆتۈپ سودا سارايغا تەرتىپلىك كىردى.

ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى يۈەن جىنچېن سودا سارايغا كىرىپلا ئۇدۇل گىرىم بۇيۇملىرى پوكىيىگە ماڭدى. «بۇرۇن بۇ يەردىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىنى كۆرگەنىدىم، پائالىيەت قىلىنغان نەچچە گىرىم بۇيۇمى دەل مەن ئېھتىياجلىق گىرىم بۇيۇمى بولغاچقا دەرھال كەلدىم» دېدى يۈەن جىنچېن.

شىنجاڭ دوستلۇق (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىرونلۇق سودا شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جېڭ شىنپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز ئەمەلىي سودىنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كىچىك پىروگرامما، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، خېرىدارلارنى توردا تاللاپ مال سېتىۋېلىش، تېز يوللانمىنى ئۆيىگىچە يەتكۈزۈش، «بۇلۇت مال سېتىۋېلىش»نى ئاسانلا ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ ئېقىم مىقدارىنى جەلپ قىلىپ، ئىستېمالنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: تور ئىقتىسادى بىلەن ئەمەلىي كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشى بۇ ئىككىسىنىڭ ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇچۇر ئېقىمىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستېمال مەيدانىنى يەنىمۇ ئۇزارتىدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش، توردا ئۆگىنىش قىلىش، ئەنئەنىۋى سودىنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا يۇغۇرۇلۇشى ھەرقايسى جايلاردىكى ئىستېمال بازارلىرىنى ئىللىقلىققا تولدۇردى. «دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىقتىساد» «كۈندىلىك ئىقتىساد»نىڭ داۋامى بولماستىن، مۇراسىم تۇيغۇسى ئۈچۈن پۇل تۆلەش، مەدەنىيەت ئىستىراھىتىنى تاللاش قاتارلىقلار ئىستېمالنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى.

10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى شىڭخۇي كىنو باغچىسى دەۋر مەيدانى دۇكىنى قىزىپ كەتتى ھەم تەرتىپلىك بولدى. «مەن بىر كۈن بۇرۇن تور سۇپىسى ئارقىلىق ئورۇن زاكاز قىلىپ قويغان.» ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ ياڭ بالىسىغا ھەمراھ بولۇپ «چاڭجىن كۆلى» ناملىق كىنونى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ فىلىم كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىكەن، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئائىلىدىكىلەرنى ئېلىپ بۇنداق ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى كىنونى كۆرۈش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك.

«بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا قويۇلغان <مەن ۋە مېنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىم> <چاڭجىن كۆلى> قاتارلىق بىرقانچە فىلىمنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.» بۇ دۇكاننىڭ دۇكان باشلىقى ۋۇ يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز يان تېلېفون كىچىك پىروگراممىسىدا ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىش، ئورۇن تاللاشنى يولغا قويدۇق، ئادەملەرنىڭ توپلىنىشى ئازايتىلدى، ۋاقىتمۇ تېجەپ قېلىندى».

بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىستىراھەت قاتارلىقلارمۇ ئامما بىرقەدەر كۆڭۈل بۆلىدىغان تېما، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەنتەربىيە قاتارلىق ئىستېمال يېڭى شەكىللىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. سانجى شەھىرى ئاھالىسى جاڭ جيې بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەۋەسكارى بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاقايدىغان ئۈسكۈنىلەر ئۇنىڭ پائالىيەت ئىزى، يۈرەك سوقۇش قېتىمى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتى، بەدەن قۇۋۋىتى سەرپىياتىنى خاتىرىلەيدۇ. «بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە مەن نەچچە دوستۇم بىلەن بىللە ئەتراپتا ۋېلىسىپىت مىندىم، گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە بەدەننى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ» دېدى جاڭ جيې.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بەزىلەر سەپەرگە چىقتى، بەزىلەر ئۆيىدە تۇردى. شىخەنزىدە خىزمەت قىلىدىغان ياڭ خەيتاۋ بۇ دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۆيدە «تۇرۇش»نى تاللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «توردا ئۆگىنىش قىلىش ئارقىلىق، ئۆزۈمنىڭ ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشىمنى بېيىتالايمەن؛ نۇرغۇن مۇزېيلار مەۋھۇم رېئاللىق تور بېتى ئاچتى، بارمىقىمنى مىدىرلىتىپلا كۆرگەزمە زالىنى <سەيلە> قىلالايمەن، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تۇرمۇشۇممۇ ناھايىتى مول بولدى».

ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارچە سېتىش، تور مائارىپى، ئالاقە تورىدا داۋالىنىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش قاتارلىقلار ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يېڭى ئېھتىياجىغا ماسلاشتى.

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارمۇ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى.

«شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ھەربىر يوتقان پاختىسىدا كۈن نۇرىنىڭ پۇرىقى بار...» 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، لوپنۇر ناھىيەسى جۇڭۋاڭ توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى تور سىرتى ئېلېكتىرونلۇق سودا سىناق دۇكىنىنىڭ مەسئۇلى ياڭ گۇاڭيۈن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلاتلىرىنى قىزغىن تونۇشتۇردى.

شۇ كۈنى، لوپنۇر ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا جەمئىيىتى لوپنۇر سوۋغىسى «مول ھوسۇل سوۋغىسى» ئارقىلىق دۆلەت بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ سۈپەتلىك لوپنۇر كەندىرى، ھەسەل، كورلا نەشپۈتى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارغا تونۇشتۇردى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى ئىككى سائەت داۋاملاشتى، توردا كۆرگۈچىلەر 340 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، سېتىش سوممىسى 86 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ھېس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە خاسلىققا ئىنتىلىش ئۆزگەرمەيدىغان باش تېما، زاكازلىق ئىستېمال، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىستېمال، مودا ئىستېمال قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنى شەخسكە خاس مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەتنىڭ پەرقلىق، سۈپەتلىك، فۇنكسىيەلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.