تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئاشتى

− 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (6)

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭ بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

بىر يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق پايدىسىز تەسىرلەرنى يېڭىپ، مەۋقەنى ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، تۈر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە كۈچ قوشتى.

«ئېھتىياج» بىلەن «ئىمكانىيەت»نى ئۇدۇللاشتۇرۇش

«بۇ يىل، مەن تېرىغان پېگمېنتلىق لازىدىن ھەر مو يەردىن 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، بۇنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم» دېدى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شايار ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى ئابلەت مىجىت لازا ساتقان 30 مىڭ 600 يۈەننى ئېلىپ ھاياجانلانغان ھالدا.

يېڭىمەھەللە كەنتىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، تېرىقچىلىق بىر قەدەر يەككە ئىدى، قانداق زىرائەت تېرىسا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ سېتىش يوللىرىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇلتۇر، جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، جياشىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ كىرگۈزگەن يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش كارخانىلىرى ۋە «10 شەھەر، 100 دۇكان» تىجارەت تور نۇقتىسىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ كەنتنىڭ پېگمېنتلىق لازا خاس تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

بۇلتۇردىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇش، سۈپىتى ئەلا بولۇش، ھەجىم مىقدارى زور بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، جېجياڭنىڭ بازار چوڭ ئۆلكىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا چوڭ ئۆلكىسى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ «10 شەھەر، 100 دۇكان»دىن ئىبارەت بازار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى، بۇنىڭ بىلەن «10 شەھەر، 100 دۇكان»نىڭ دەرىجىسى «100 شەھەر، 1000 دۇكان»غا ئۆستۈرۈلدى. 2020 - يىلى يەرلىكنىڭ 200 مىڭ توننىدىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى، سېتىش سوممىسى 3 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80تىن ئارتۇق ئاشتى؛ بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە يەرلىكنىڭ 194 مىڭ توننا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساتتى، سېتىش سوممىسى 2 مىليارد 290 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %168 ئاشتى.

دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ياردەم بەرگۈچى تەرەپ ئامالنىڭ بارىچە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. 8 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى يىغىن روھىنىڭ تەلىپىگە توغرىلىنىپ، يىللىق خىزمەتلەرنى قايتا پىلانلىدى، قايتا ئورۇنلاشتۇردى. بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇر ئىشلىدى، پۇختا ئىشلىدى، ئىنچىكە ئىشلىدى.

قابا ناھىيەسى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىشقا باب كېلىدۇ، شۇ جاينىڭ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل، جىلىن ئۆلكىسى شۇ جاينىڭ جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە ياردەم بەردى. ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، دەسلەپكى قەدەمدە قابا ناھىيەسىنى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بويىچە سورت يېتىشتۈرۈش، مايسا يېتىشتۈرۈش، تېرىش، پىششىقلاش، سېتىشتىكى كەسىپ ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانلاندى.

ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، «ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش»تەك نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. 2020 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن جەمئىي 48 مىڭ 600 توننا سېتىشىغا ياردەم بېرىپ، سېتىش سوممىسىنى 615 مىليون يۈەنگە يەتكۈزدى.

«قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»تە چىڭ تۇرۇش

گۈزەلنۇر ئوسمان خوتەن شەھىرى شامالباغ تەۋەلىك رايونى سۆگەت مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى، بۇ يىل 3 - ئايدا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كارخانىسى خوتەن خېڭيې كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 9000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق زاۋۇت رايونىنى ئۆزگەرتىپ قۇردى ھەم ناھايىتى تېزلا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى، گۈزەلنۇر ئىشىكى ئالدىدىلا بىر كىشىلىك مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشتى.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش» تەدبىرىنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە ماكانلاشقان كارخانا 23، كېلىشىم بويىچە سېلىنغان مەبلەغ سوممىسى 5 مىليارد 203 مىليون يۈەن بولۇپ، يارىتىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنى 6275كە يەتتى.

مەيلى خەلق تۇرمۇشىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە بولسۇن ياكى ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە بولسۇن، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەش»كە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. بىر يىلدىن بۇيان، ھەم «قان بېرىش» شۇنداقلا «قان ئىشلەش»، «قان بېرىش»نى «قان ئىشلەش»كە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، «قان ئىشلەش» ئىقتىدارى كۈچەيتىلگەن تۈرلەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قاپلىدى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، فۇجيەن ئۆلكىسى مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 239نى يولغا قويدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە سالغان مەبلىغى 2 مىليارد 163 مىليون يۈەن بولۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، فۇجيەن ئۆلكىسى ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، داۋالاش، ئىختىساسلىقلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانجى ئوبلاستىغا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، «دېڭىز قولتۇقى يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى نەتىجىلىرى يەرمەنكىسى» «رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى باشلىقلار يىغىنى» «جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش سودا يەرمەنكىسى» قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، فۇجيەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلارنى سانجىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە يېتەكلەپ، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى سىجىل زورايتتى.

بۇ يىل، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يېزا ئىگىلىكى، ساياھەتچىلىك، ئەشيا ئوبوروتى، قىزىق ئىقتىساد قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەر ھەمدە يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن كەسىپ زەنجىرىنى چۆرىدەپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرىدىن 30 نەچچىنى تەييارلىدى. نۆۋەتتە، خۇنەن بىناكارلىق - قۇرۇلۇش گۇرۇھى، جۇڭليەن ئېغىر سانائەت گۇرۇھى، بىگۈييۈەن قاتارلىق 60تىن ئارتۇق كارخانا بىلەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ۋە مۇددىئا كېلىشىمى ئىمزالىدى، جەمئىي سېلىنىدىغان مەبلەغ سوممىسى 2 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.

«كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈش

بۇلتۇردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا كىرىپ ئورۇنلاشقان جۇڭگو تېببىي داشۆسى داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى بۇ دوختۇرخانىدىكى خەتەرلىك، ئېغىر ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مەركىزى، بوۋاقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مەركىزى، كۆكرەك ئاغرىقى مەركىزى، سەكتە مەركىزى ۋە سۇنۇق مەركىزىدىن ئىبارەت بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ئۆسمە ئىچكى بۆلۈمى، نەيچە كىرگۈزۈش بۆلۈمى، ھەزىم قىلىش ئىچكى ئەينىكى بۆلۈمى ۋە بوۋاقلار بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەرنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى، بۆلۈملەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى تېخنىكىلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بىلەن، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى.

ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، لياۋنىڭ ئۆلكىسى تەربىيەلەش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، كەسىپ تايانچلىرىنى ئاجرىتىپ، 229 قېتىم تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 8125 ئادەم قېتىم تەربىيەلەپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلار ئۈچۈن ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان كادىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ بەردى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى داۋامىدا، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتا، ئوخشاشلا «كىرگۈزۈش» بىلەن «چىقىرىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ مارالبېشى بازىرى دوستلۇق يولى مەھەللىسىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيىدە، ئەخمەت رېھىم نەمەر كىچىك ھەمراھلىرى بىلەن بىللە قورشاۋ شاھمات ئويناۋاتاتتى، ئۇلارغا شاھمات ئويناشنى شاڭخەي شەھەرلىك قورشاۋ شاھمات جەمئىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۆگەتكەنىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ «قول تۇتۇشۇش»، «دوستلىشىش» ۋە «سەنئەتنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش» قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى.

بۇ يىل، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى يەنە جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى يازغۇچى، رەسسام، خەتتات، ناخشىچى، ئۇسسۇلچى قاتارلىقلارنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1 - شىسىنىڭ ئارال شەھىرىگە تەكلىپ قىلىپ، جېجياڭ - ئاقسۇ ئىككى جايدىكى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۈركۈم - تۈركۈملىگەن سەنئەتكارلار ئۆمەكلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كېلىپ «مەدەنىيەت جەھەتتە تۇغقان يوقلاش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچۈن ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان بىر تۈركۈم سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.