تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش چارۋىچىلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

9 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى توياڭ باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ ئۆلچەملەشكەن قوتىنىدا، باقمىچىلار پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان تۆللەش مەزگىلىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتاتتى.

«نۆۋەتتە 80 ساغلىق تۆللەش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، 10 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى تۆللەش مەزگىلىگە كىرىدۇ. تۆل سانى بىرقەدەر كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان بولغاچقا، بىز ھازىر يەم ـ خەشەك، دورا، ئۈسكۈنە، قوتاندا بېقىش، ئىسسىق ساقلاش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىمىز.» باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى نۇرمەمەت تۇرسۇنتوختى بىر تەرەپتىن ئالدىراش ئىشلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە بىز سىلوس، قۇرۇق بېدە، سامان قاتارلىق 200 توننىدىن ئارتۇق يەم ـ خەشەك تەييارلىدۇق».

نۇرمەمەت مۇنداق دېدى: 2019 ـ يىلى باقمىچىلىق مەيدانى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يىللىق كىرىمىم ئاران 30 نەچچە مىڭ يۈەن ئىدى. بۇلتۇر شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى ئەمەت مەمەت قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىدە، «كۆپ تۆللەيدىغان قوي» خۇياڭ قويى نەسلىنى كىرگۈزۈپ، باقمىچىلىق تېخنىكامنى ئۆستۈرۈپ، يىللىق كىرىمىمنى 200 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدۈم، تۆت ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدىم.

سايباغ يېزىسى تۇزاقچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەبەيدۇللا مەمەت شۇلارنىڭ بىرى. «ھازىر بىزمۇ ئائىلىمىزدە خۇياڭ قويى بېقىۋاتىمىز، يىللىق تۆللەش مىقدارى بىر ھەسسە ئاشتى. مەن بۇ يەردە باقمىچى بولۇپ، ھەم باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنەلەيمەن، ھەم ھەر ئايدا يەنە 2000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن. كۈنلىرىم كۈندىن ـ كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت» دېدى ئەبەيدۇللا.

نۇرمەمەتنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىياتى ئاپتونوم رايونىمىز يولغا قويغان چارۋا، ئۆي قۇشلىرى نەسلىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنىڭ پايدىسىدىن بولغان. ئىگىلىنىشىچە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى نەسلىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ گۆش كالىسى، گۆش قويى نەسلىنى ياخشىلاشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش، ئۆز ئالدىغا نەسىل بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە چارۋىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز «دېھقانچىلىق رايونلىرىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۆش قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش پىلانى (2020 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)» قاتارلىق بەش چارۋا، ئۆي قۇشلىرى نەسلىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى رەسمىي يولغا قويغان.

شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ خۇيگو باش مۇتەخەسسىس بولغان دېھقانچىلىق رايونلىرىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۆش قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش تېخنىكا سىستېمىسىدا جەمئىي 31 باش مۇتەخەسسىس ياكى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس بار بولۇپ، سىستېمىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ئەۋزەل كارخانىلارنى تاللاش، ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتىنى بېكىتىش، ئىش ئورنىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تاللاپ بېكىتىش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نەتىجە ـ ئۈنۈمنى باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالتە ئۇنىۋېرسال تەجرىبە پونكىتى قۇرۇلدى، يەنە چارۋىچىلىققا ئالاقىدار 19 كارخانا بۇنىڭغا قاتنىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش ـ ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن نەسىل يېتىشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇلدى.

2019 ـ يىلى دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك گۆش قويى نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسىغا كىرگەن قاراقاش ناھىيەسى بىباڭ قويچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى نۆۋەتتە كۆپ تۆللەيدىغان قوينى كۆپەيتىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. شىركەت مەسئۇلى چېن جيې مۇنداق تونۇشتۇردى: كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمىدە، نەسىللىك قوينى كۆپەيتىش، يەم ـ خەشەك تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەم پىششىقلاش، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش، تېخنىكىنى توپلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈش، يەم ـ خەشەك قىلىنىدىغان ئوت ـ چۆپ تېرىش بىر گەۋدە قىلىنغان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى شەكىللىنىپ، بېقىلغان كۆپ تۆللەيدىغان قوينىڭ كۆپىيىش، ئەي بولۇش نىسبىتى %95تىن ئېشىپ، يىللىق تۆللەش نىسبىتى %260تىن ئېشىپ، 200 ئائىلىلىك دېھقاننى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

«بىزنى ھەممىدىن پەخىرلەندۈرگىنى شۇكى، بىرلىشىپ نەسىل يېتىشتۈرۈش پەن ـ تېخنىكا بايلىقىنى ھەقىقىي جانلاندۇردى.» ياڭ خۇيگو مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىز زامانىۋى چارۋىچىلىققا ماس كېلىدىغان تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھازىر بار بولغان نەتىجىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكى گۆش قويى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تېخنىكىلىق بوغما ھالەتنى بىر ـ بىرلەپ ھەل قىلىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.