تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىننەتدارلىق ھېسسىياتىغا تولۇش تەسىرلىك مېلودىيە ياڭرىتىش

− ھەرقايسى جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت بايرىمىلىق ناخشا ئېيتىش پائالىيەتلىرىدە ئېسىل نومۇرلار بەس ـ بەستە نامايان قىلىندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم، بىر دەقىقىمۇ ئايرىلالمايمىز، مەيلى مەن قەيەرگىلا باراي، قەلبىمدە ئۇرغۇيدۇ مەدھىيە ناخشىسى.» «بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ، مېنىڭ جۇڭگويىم، سەھەردە قويۇپ بەردىم بىر توپ كەپتەرنى»... جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 72 يىللىقى پەيتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئېسىل نومۇرلار نامايان قىلىنغان ناخشا ئېيتىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەننى مەدھىيەلەيدىغان تەسىرلىك مېلودىيەلەرنى ياڭرىتىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئۆزگىرىشنى سۆزلەش ناخشا ئارقىلىق قەلب ساداسىنى ياڭرىتىش

خوتەن ۋىلايىتى «ۋەتەن . سۆيۈملۈك ئانام» تېمىسىدىكى ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى، دېھقان ـ چارۋىچىلار ئاممىسى قاتارلىقلار خور ئەترىتى تەشكىللەپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ۋەتەنگە بەخت تىلىدى.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرىدا بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن، قولىدا دۆلەت بايرىقى تۇتقان دېھقان ـ چارۋىچىلار ناخشا ساداسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلىدى. «كۆپ تۆللەيدىغان قوي بېقىش ئارقىلىق، ئائىلىمىزنىڭ بۇ يىللىق كىرىمىنى 40 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزەلەيمىز.» 10 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، قاراساي بازىرى چىڭچۈەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۈلنىگار خەبىر خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى بەختلىك بولۇۋاتىدۇ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بىزنىڭ ئورتاق قەلب سادايىمىز.

10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن جېجياڭ ئۆلكىسى جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى سۆيۈش . ياخشى ناخشىنى كۆپچىلىك بىرلىكتە ئېيتىش» تېمىسىدىكى ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى. «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» «مېنىڭ جۇڭگو قەلبىم»... ھەممىگە تونۇشلۇق نادىر ناخشىلار مۇسابىقە نەق مەيدانىدا ياڭرىدى. مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر گۈلجامال ئوبۇلقاسىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئونسۇنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدۇم. مەن ناخشا سادايىم بىلەن ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن».

10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، خوتەندىن ئۈرۈمچىگە ماڭغان 7558 ـ قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزدا، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق ناخشا بىلەن «پويىزدا ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى» باشلاندى. بىر نەچچە ئۇيغۇر يولۇچى دۇتار، داپ قاتارلىق چالغۇلارنى قولىغا ئېلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتتى. «بۇ بىرقانچە يىلدا، مەن بۇ تۆمۈريولنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم. بۈگۈن بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، ناخشا سادايىمىز بىلەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى كۈيلەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردۇق» دېدى پويىز باشلىقى پولات.

مىننەتدارلىقنى سۆزلەش ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈش

10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، فۇكاڭ شەھىرى زىنىچۈەنزى بازىرى دۇڭخۇ مەركىزىي كەنتىنىڭ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قازاق مىللىتى كەنت ئاھالىسى باقىت ئاداي قاتارلىق بىرنەچچە «مەدەنىيەت باشلامچىسى» ئالدىن تەييارلاپ قويغان دومبىرا، گىتار قاتارلىق چالغۇلارنى قولىغا ئېلىپ، «سۆيىمەن سېنى جۇڭگو» قاتارلىق ناخشىلارنى تەڭكەش قىلىپ ئېيتتى.

باقىت مۇنداق دېدى: «پارتىيە بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈردى، بىز چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، تۇرمۇشىمىزنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز».

شۇ كۈنى، قاراماي شەھەرلىك ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىگە يەتكۈزۈش» «ئانارنىڭ دانىسى» ئەدەبىيات ـ سەنئەت شۆبە ئەترىتى كوچا باشقارمىسى، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلدى. بۇ شەھەرنىڭ ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكى يەنە بارلىق پىروگراممىلارنى يۇقىرى ئېنىقلىقتا سىنغا ئېلىپ، «توردا+تور سىرتىدا» شەكلىدە تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ھەممە يېرىدە شادلىق كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. كان يېزىسى چىغىلىق كەنتىگە بارغىنىمىزدا، كۆپچىلىك بىرلىكتە «بۈگۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ، مېنىڭ ۋەتىنىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋاتاتتى. پائالىيەتكە قاتناشقان يۇرتىغا قايتقان داشۆ ئوقۇغۇچىسى بائەت غاپپاردىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى داشۆدە ئوڭۇشلۇق ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. مەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ يۇرتۇمنى گۈللەندۈرۈش، ۋەتىنىمنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشىمەن».

كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى دادىل زىممىگە ئېلىش

10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرىدا، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار «سوتسىيالىزم ياخشى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتتى.

«مەن بوۋام ۋە دادامدىن كۆكتوقاينىڭ ھېكايىسىنى دائىم ئاڭلايمەن، ئىزباسار بولۇش سۈپىتىم بىلەن چەكسىز پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ، <جاپا - مۇشەققەتكە چىداش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش، دۆلەت ئۈچۈن شەرەپ كەلتۈرۈش> روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، يۇرت ـ ماكانىمىزنى گۈللەندۈرۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان دۆلەتنىڭ تايانچلىرىدىن بولىمەن» دېدى كۆكتوقاي بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۇرال سېرىك.10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ ماندان يېزىسى دۇڭگۇەن كەنتىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ھەم كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتە مەدھىيە ناخشىسىنى ئېيتتى. جىڭ ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ماندان يېزىسى دۇڭگۇەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 ـ شۇجى لى شاۋجۈن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز دەۋر يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز».

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، قۇرۇلۇشچىلار قۇرۇلۇش ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خىزمەت قىلىش شەكلى ئارقىلىق دۆلەت بايرىمىغا سوۋغا تەقدىم قىلدى. 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، جۇڭگو بىناكارلىق 8 ـ قۇرۇلۇش ئىدارىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ غەربىي شىمال شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاۋىياتسىيە بىناسى تۈر بۆلۈمى كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ خور ئېيتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. «بىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىمىزنى خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېغىشلايمىز» دېدى بۇ شىركەت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور ۋاڭ مېڭ.

(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، جاڭ تىڭ، سۇڭ ياۋېن، سۇڭ ۋېيگو، جەزىرە نېسىپبېك، گې يوۋجۈن، ۋاڭ شىنخۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار خۇ جىنلياڭ، ليۇ پېڭچېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.