تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە بايرىقى ئېگىز جەۋلان قىلىپ ئىلگىرىلەشكە كۈچ قوشتى

− 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ بىر يىللىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (5)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

«بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بەختلىك، كۈنلىرىمىز ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن. پارتىيەگە رەھمەت، ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمەن...» 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرى تولۇپ تاشقان چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن بىرلىكتە بايراق چىقاردى، كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جۈمەقارى تۇرغۇن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بەخت تىلىدى، شۇنداقلا مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە، بۇ، شىنجاڭدىكى 25 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشى. 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇش»نى تەكىتلىدى.

بىر يىلدىن بۇيان، باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ، ئاپتونوم رايون ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات سىستېمىسىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى.

ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش

بۇ يىل «1 ـ ئىيۇل»نىڭ ئالدىنقى كۈنىدە، مارالبېشى ناھىيەسى شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالى تارقىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، مەشئەل ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلۈپ، كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى.

«پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى نۇرغۇن جاپا ـ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى، نەچچە ئون يىللىق پۇشايمانسىز ئۆزىنى بېغىشلاش بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيەگە كىرىش مۇستەھكەم ئېتىقاد، ئۆمۈرلۈك ئىش.» پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا مارالبېشى ناھىيەسى ئاناكۆل يېزىسىنىڭ بوزمەھەللە كەنتىدىكى شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىرگەن كەنت كادىرى شىرئەلى قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا: «مەن ئۇلارغا ئوخشاش غايە ـ ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ئوتتەك قىزغىن ياشلىق باھارىم ۋە ھەرىكىتىم بىلەن پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن» دېدى.

غايە ـ ئېتىقاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي روھى. كۆڭۈلدە ئىشەنچ بولغاندىلا، ئاندىن يىراققا سەپەر قىلغىلى بولىدۇ.

بىر يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن ـ ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان، چەمبەرچاس باغلانغان بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشى، مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى، مەخسۇس تېمىلىق كىتاب ئوقۇش كۇرسى، مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 ـ ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىشقا يېتەكلىدى؛

بۇ بىر يىلدا، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئاممىغا يېقىن بولغان لېكسىيە، يانچۇق كىتابلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى؛

بۇ بىر يىلدا، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، چوڭقۇرلاشتى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ئېتىقادى ۋە سىياسىي مەيدانىنى چىڭىتىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇندى، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا شانلىق نۇر چاچتى؛

بۇ بىر يىلدا، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»نىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەنقىد ۋە ئۆز ـ ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇردى. «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاپ، «سىياسىي تۇغۇلغان كۈن» ئۆتكۈزۈلدى... پارتىيە ئىچىدىكى تەشكىلىي تۇرمۇشنىڭ «پېچ ئوتى» لاۋۇلداپ ياندى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى چېنىقتۇرىدىغان «پېچ»ى ھارارەت تارقاتتى.

ئېتىقاد ئاساسى مۇستەھكەملەندى، مەنىۋى كالتسىي يېتەرلىك تولۇقلاندى، ئىدىيە رولى چىڭ تۇتۇلدى. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايە ـ ئېتىقادى ۋە يۈكسەك مەنىۋى ئىنتىلىشىنى چىڭىتىپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

ئاساسىي قاتلام قورغىنىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى يېيىلغان كەنتىدىكى باغ ـ ئورمان بازىسىدا مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى، كەنت ئاھالىسى زەيدىن پەييانىدىن ئائىلىسى ئۆستۈرگەن 10 مو يەردىكى شاپتۇل دەرىخىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئۇنىڭ ئائىلىسى بۇ يىل 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدۇ. «مەن بۇ چۆللۈكتە مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى، يەنە كېلىپ بۇنچە كۆپ پۇل تاپالايدىغانلىقىمىزنى ئەزەلدىن ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، بەختىمىزگە كەنتتە بىر ياخشى ياچېيكا بار» دېدى زەيدىن ھاياجانلانغان ھالدا.

يېيىلغان كەنتىنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي تاشلار بىلەن تولغان چۆللۈك بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى تار ئىدى، قانداق قىلىش كېرەك؟

ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يېيىلغان كەنتى خاس باغ ـ ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. يەر تۈزلەش، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش... كەنت پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە بايرىقىنى چۆللۈكتە جەۋلان قىلدۇردى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىلگىرىكى چۆل ـ باياۋاننى 1000 مولۇق باغ ـ ئورمان بازىسىغا ئايلاندۇردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى، كىچىك كەنتنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى، كەنت پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى كۈنسېرى كۈچەيدى. بۇ يىل، يېيىلغان كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە، مۇھىم بولغىنى ئاساسىي قاتلام. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئۇل سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق كەلگۈسى پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

− پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسى سىجىل پۇختىلىنىپ، مەھەللىدىن چارۋىچىلىق رايونلىرىغىچە، ئورگاندىن مەكتەپلەرگىچە، ئېتىز ـ ئېرىق باشلىرىدىن زاۋۇت ـ سېخلارغىچە، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىدىن نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغىچە، ھەممىلا يەردە پارتىيە بايرىقى جەۋلان قىلدى، پارتىيە گېربى چاقنىدى؛

− پارتىيە تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىكىدىكى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق تۈزۈم ـ مېخانىزملار مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ـ ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. كەنت كادىرلىرى ۋە زاپاس كۈچلەرنى ساپانى ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، كادىرلار ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈلدى؛

− ئۇلنى كۈچەيتىش بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملەندى، نەچچە ئونمىڭلىغان «1 ـ شۇجى»لار ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئاممىغا چىن قەلبى بىلەن مۇلازىمەت قىلدى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مۇتەخەسسىسلەر ئۆمەكلىرى ئاممىنىڭ يېنىغا كېلىپ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە دەرس سۆزلەپ، ئاممىنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى دىباڭ تەۋەلىك رايونى لۇساۋگۇ مەھەللىسىدىن بىر خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى پېنسىيەگە چىققان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر كۆپ بولغان كان مەيدانى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئېچىلىپ، ياشانغان ئاھالىلەرنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. 78 ياشلىق ئاھالە ليۇ تيەنخۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا: «پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئامما ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن ئىشلىرى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى» دېدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىش تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ، خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى «قوش تىزىمغا ئالدۇرۇپ»، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى خۇددى ماگنىتتەك ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىش

باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 ـ قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ئىشىنىشكە ئەرزىيدۇ، جەڭگىۋارلىققا ئىگە» «مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك».

سەمىمىي تاپشۇرۇق قەلبكە چىڭ پۈكۈلدى، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلدى.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئالاھىدە» بولغان مىللەتلەر رايونى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنىڭ ساپا ـ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تىرىشىپ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقتى −

سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ھوقۇقىنى باشتىن ـ ئاخىر سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنىڭ قولىدا مەھكەم تۇتۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛

روشەن ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالىرىنى تاللاپ، كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۈرۈپ، كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتتى؛

كادىرلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ۋە ئۇلارنى ئىشلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئۈزۈلمەس جەڭگىۋار قوشۇن بىلەن تەمىنلىدى.

بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق، بىر ياچېيكا بىر قورغان.

بۇ بىر يىلدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق مۇھىم، زور كۈرەشلەردە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەقدىرلەندى؛

بۇ بىر يىلدا، بىز «دەۋر نەمۇنىچىسى» لاچىن بايەكە ۋە «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى» ليۇ خۇنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئەتتۇق، شۇنداقلا «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەن مەمەتجان ئۆمەر، ۋېي دېيوۋلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردۇق؛

بۇ بىر يىلدا، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقىچە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقىچە ... ھەربىر قېتىملىق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى باشتىن ـ ئاخىر ئېگىز جەۋلان قىلىپ، يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، ئۈن ـ تىنسىز ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ شانلىق ئوبرازىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە تىكلىدى.

«ئىرادىلىك، ئالىيجاناب كىشىلەر ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.» كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار، ئامما شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغراق روھى ۋە بىڭتۇەن روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.