تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەمكارلىق كوپىراتىپى بېيىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى توپلىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە

9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، چۆچەك شەھىرى قاراقاباق يېزىسى باش بوزداق كەنتىدىكى 5000 مودىن ئارتۇق مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن كۆممىقوناق ئېتىزلىقىدا كۆممىقوناقلار قۇياش نۇرى ئاستىدا شامالدا يەلپۈنۈپ، بىر خىل ئۆزگىچە سەھرا مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.

«خوتۇن، مەن ھازىر ئېتىزلىققا بېرىپ كۆرۈپ كەلدىم، بۇ يىل كۆممىقوناقتىن يەنە مول ھوسۇل ئالغۇدەكمىز، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى پايدا تەقسىماتىنى ئالغاندىن كېيىن، بىز ئاپتوموبىل سېتىۋالايلى.» ئېتىزلىققا ئالايىتەن بېرىپ كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەلگەن باش بوزداق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى توختاربېك يېلوباي خوتۇنىغا ئۆزىنىڭ ئويىنى ئېيتتى.

43 ياشلىق توختاربېك ئائىلىسىنىڭ 50 مو يېرى بار. بۇلتۇر، بۇ 50 مو يەر ئۇنىڭغا 40 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم ئېلىپ كەلدى. ھالبۇكى، 2018 - يىلىدىن ئىلگىرى، بۇ 50 مو يەر ھەر يىلى ئۇنىڭغا ئارانلا 4000 يۈەن كىرىم ئېلىپ كېلەتتى.

بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىشكە زادى نېمە تۈرتكە بولدى؟

«ھەمكارلىق كوپىراتىپى» دېدى باش بوزداق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رۇڭ شىن.

2018 - يىلى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنتتە كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + نامرات ئائىلە» شەكلىگە تايىنىپ، دېھقانلارنى پاي ھەمكارلىق شەكلىدە يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«دەسلەپتە نۇرغۇن دېھقان ئىككىلەنگەنىدى، ئۇلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۆزلىرىگە نېمە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. بىرنەچچە كەنت ئاھالىسى باش بولۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشۇلۇپ پايدىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، باشقىلار تەدرىجىي قوبۇل قىلدى. نۆۋەتتە، كەنتىمىزدىكى 7600 مودىن ئارتۇق يەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرتۇتاش باشقۇرىدۇ» دېدى رۇڭ شىن.

«يەرنى ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، كىرىمىم ئاشتى، مەن سىرتتا پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ، بىر ئايدا 3000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپالايمەن.» توختاربېك خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىمدا گەپ يوق.

«يەرنى ئوبوروت قىلىش ياخشى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ياخشى، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى!» باش بوزداق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خاجىكەل سېيىلقان ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تىلغا ئالغاندا ئىنتايىن ھاياجانلاندى. 2010 - يىلى، ئۇ ئائىلىسىنىڭ يېرىنىڭ ھەر موسىنى 70 يۈەن باھادا ئۇزاق مۇددەتلىك ھۆددىگە بەرگەنىدى، ھەر يىلى يەردىن قىلغان كىرىمى ئارانلا 8000 يۈەندىن ئاشقانىدى؛ ئەمما بۇلتۇر، يەرنى ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ كىرىمى 46 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى. «كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن».

«يەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرغاندىن كېيىن، تېرىقچىلىق تەننەرخىدىن ئىبارەت بىر تۈردىنلا 700 مىڭ يۈەن تېجەلدى. بىز كېڭەش ئەزالىرىغا مەھسۇلات بىلەن ھوسۇلنى بېكىتىپ بېرىمىز، ھوسۇل يىل ئاخىرىدىكى پايدا تەقسىماتى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق. ھوسۇلنىڭ ئاز - كۆپلۈكى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ھەميېنىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇلار تەبىئىيلا باشقۇرۇشقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ» دېدى رۇڭ شىن.

بۇ يىل، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى يەنە دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق سېتىۋالىدىغان كارخانىلارنى پائال ئۇدۇللاشتۇردى. «كەنتىمىزنىڭ كۆممىقوناق ئېتىزلىقى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن، ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناق تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئۇرۇقلۇق كۆممىقوناقنى سېتىۋېلىش باھاسى نىسبەتەن يۇقىرى، ئەگەر مۇۋاپىق سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بىلەن ئۇدۇللاشساق، دېھقانلارغا يىل ئاخىرىدا تەقسىملىنىدىغان پايدىنى يەنە خېلى كۆپ ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى رۇڭ شىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.