تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۇرسەت چىڭ تۇتۇلۇپ، جىددىي قۇرۇلۇش قىلىندى

ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى چوڭايتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا

پۇرسەت چىڭ تۇتۇلۇپ، جىددىي قۇرۇلۇش قىلىندى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈر يولىنىڭ ئىقتىدارىنى چوڭايتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 2 - لىنىيە ۋۇتۇڭ ساۋزى - شىمالىي سەنتەي بۆلىكى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى، قېزىش ماشىنىسى، شىپال ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى قاتارلىق ماشىنىلار بىر قاتار تۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى ئىسمېنا - گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ تىزىلىپ قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىشنى كۈتۈۋاتاتتى.

«ئارىلىق ۋاقىت توشتى، تېز كىرىڭلار.» جۇڭگو تۆمۈريول 15 - ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى چوڭايتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى S1 بۆلىكى تۈر دىرېكتورلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى سۈن ياجۈن ئۈنلۈك ۋارقىرىدى، خادىملار ۋە ماشىنىلار ناھايىتى تېزلىكتە كىردى، 500دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ئىشچىسى تېز سۈرئەتتە ئۆزلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئىش ئورنىغا كىردى.

تۆمۈريول ساھەسىدە، ئارىلىق ۋاقىت − پويىزنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىدە پويىزنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى ياكى پويىزنىڭ يۈرۈشىنى تەڭشەش، ئازايتىشنى يېيىپ كۆرسەتمەي، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە رېمونت قىلىش مەشغۇلاتى ئۈچۈن ئالدىن قالدۇرۇلغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ، ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن قۇرۇلۇش ئارىلىق ۋاقتى ۋە رېمونت ئارىلىق ۋاقتىغا بۆلۈنىدۇ. ئارىلىق ۋاقىتتا قۇرۇلۇش قىلغىلى بولىدۇ، ۋاقىت توشقاندا، دەرھال چېكىنىش كېرەك.

قۇرۇلۇش نەق مەيدانى ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتى، خىزمەتچى خادىملارنىڭ بەزىلىرى پولات رېلىسنى كەستى، بەزىلىرى كەپشەرلىدى، 35 قېزىش ماشىنىسى تۆمۈريول لىنىيەسىنى بويلاپ تىزىلىپ، «سېزىش قولى»نى چىقىرىپ رېلىس ۋە شىپالنى مىدىرلاتتى.

S1 بۆلەكنىڭ باش ئىنژېنېرى سەي شۇاڭشى ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، ئەگەر قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىگە يولۇقسا، ئۇ دەرھال بېرىپ نەق مەيداندا ھەل قىلاتتى.

35 ياشلىق سەي شۇاڭشى پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، خىزمەتتە ئۇ ئۆزىگە ئادەتتىن تاشقىرى قاتتىق تەلەپ قوياتتى.

ئۈرۈمچى - جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولىنىڭ ئىقتىدارىنى چوڭايتىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، كۆپ تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا چېتىلاتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى (شىمالىي ۋوگزال) - شەرقىي جۇڭغار (شىمالىي ۋوگزال) 2 - لىنىيە قۇرۇلۇشى 194 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ يىل ئىچىدە قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.

S1 بۆلەك كۆپەيتىپ ياسىلىدىغان ئىككىنچى لىنىيە مۇساپىسىنىڭ جەمئىي 91.3 كىلومېتىرىغا چېتىلىدۇ، ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش دائىملىق ئەھۋالغا ئايلاندى. «قىلىدىغان ئىش بەك كۆپ، كېچە سائەت 1دىن بۇرۇن ئۇخلاپ باقمىدۇق.» سەي شۇاڭشى مۇنداق دېدى: «لېكىن بۇ قۇرۇلۇش لىنىيە بويىدىكى كارخانىلار ۋە سانائەت باغچە رايونىنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەرقانچە چارچىساممۇ بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك».

S1 بۆلەكتە جەمئىي 62 پارتىيە ئەزاسى بار، ئۇلار سەي شۇاڭشىغا ئوخشاش ئۆز خىزمەت ئورنىدا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ چىڭ تۇرۇپ تۈرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولدى.

قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، مېخانىك باقىتبېك زاكارقان رېلىس يېنىدا توختىماي ئۆلچەۋاتاتتى، ئەگەر پولات رېلىس توغرا ئورۇنغا قويۇلمىغان بولسا، ئۇ ئىشداشلىرى بىلەن پىشاڭ ئارقىلىق پولات رېلىسنى يۈرۈشتۈرەتتى.

22 ياشلىق باقىتبېك فۇكاڭ شەھىرى سەنگۇڭ قازاق مىللىتى يېزىسىنىڭ بېسقۇم كەنتىدىن بولۇپ، بۇ يىل 3 - ئايدا ئۇ بۇ تۈرگە قاتنىشىپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا ئايلانغانىدى.

«بىر، ئىككى، ئۈچ!» باقىتبېك ۋە ئۇنىڭ 20 نەچچە ئىشدىشى قولىغا پىشاڭ ئېلىپ، پولات رېلىسنى سىرتقا ئون سانتىمېتىر سۈردى. ئۇ پىشاڭنى قويۇپ، پولات رېلىسنىڭ ئورنىنى ئۆلچەپ بېكىتكەندىن كېيىن، يەنە بىر قۇرۇلۇش نۇقتىسىغا باردى.

ۋاقىت ئاز - ئازدىن ئۆتۈپ، سائەت 14 بولاي دېدى، ئارىلىق ۋاقىت ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، سۈن ياجۈن كۆپچىلىكنى قۇرۇلۇش مەيدانىدىن تېز چېكىنىشكە تەشكىللىدى. «بىز چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدۇق، ۋۇتۇڭ ساۋزى - شىمالىي سەنتەي بۆلىكىدە قاتناش باشلاپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش شۇنىڭ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى ئۇ.

لىق يۈك بېسىلغان بىر پويىز يىراقتىن گۈركىرەپ كەلدى، پويىزنىڭ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن باقىتبېك ناھايىتى ھاياجانلاندى. بۇ، ئۇ قاتناشقان تۇنجى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈرى ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىپ، ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىلىۋاتقان پولات رېلىسقا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.