تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش

«1 - ئۆكتەبىر» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىزىل مەنزىرە رايونلىرى ئەمەلىي كۈچى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى −

مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش

10 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، قومۇل شەھىرى ئاھالىلىرى بالىلىرىنى ئېلىپ جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە باغچىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قوبۇل قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئەتتى. □لى خۇا فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رېن جياڭ، ۋاڭ جىڭجىڭ، جيا چۇنشيا

«1 - ئۆكتەبىر» مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى «چەك قويۇپ، ئالدىن كېلىشىپ، ۋاقىتقا بۆلۈپ» باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئاساسىدا، يارقىن نۇقتىلىرى گەۋدىلەندۈرۈلگەن مەدەنىيەت - ساياھەت مەھسۇلاتلىرى ۋە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قىزىل ساياھەتنى سىجىل جانلاندۇردى. كىشىلەر تارىخنى ئەسلەپ، ئەجدادلارنى ياد ئېتىپ، ئەجدادلارنىڭ ئائىلە دۆلەت ھېسسىياتىنى قايتا ئەسلەپ، قىزىل مەدەنىيەتنى ھېس قىلىپ، قىزىل روھنى ئۆزلەشتۈرۈپ، قىزىل تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلدى، قەلبىگە ھۆرمەتنى پۈكۈپ بېرىپ، تەسىرات ئېلىپ قايتتى.

قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرى پارتىيە تارىخى دەرسخانىسىغا ئايلاندى

10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، شىخەنزە شەھىرىدە سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى ئالدىدا، كىشىلەر كۈنلۈك تۇتۇپ ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، مۇزېيغا كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى ساقلاۋاتاتتى. «بۇ ئىككى كۈندە ھەر كۈنى ئېكسكۇرسىيەچىلەر 2300 ئادەم ئەتراپىدا بولدى.» بۇ مۇزېينىڭ تەشۋىق - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شۈ يۇەن مۇنداق دېدى: ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ئىچىدە ياشلار، ئۆسمۈرلەر خېلى كۆپ.

8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، قاراماي مايبۇلاق مەنزىرە رايونى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرگەنلىك خاتىرە باغچىسى، قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى قاتارلىق پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالدى. قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش دەرسخانىسىغا ئايلىنىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جانلىق دەرسلىككە ئايلىنىپ، قىزىل تومۇر ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا ئاستا - ئاستا سىڭدى.

«قىزىل ساياھەت بايلىقى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلۈپ، يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، قىزىل ساياھەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچى ئاشۇرۇلۇپ، قىزىل روھقا ۋارىسلىق قىلىنىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى راۋاجلاندۇرۇلدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

شىنجاڭنىڭ قىزىل ساياھەت سۈپەتلىك ماركىسىنى كۈچەپ يارىتىشىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان بولدى. دۆلەت، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى قاتارلىق دۆلەت دەرىجىلىك قىزىل ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونلىرىدىن 12 سى، جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ قىزىل ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونلىرىدىن 12سى بەرپا قىلىندى؛ ئۈرۈمچى، سانجى، خوتەن قاتارلىق ئون قىزىل ساياھەت نادىر لىنىيەسى بەرپا قىلىندى؛ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ئائىت نادىر قىزىل ساياھەت لىنىيەسى ۋە قىزىل نۆۋەتچى پويىز يولغا قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ «ئىنقىلاب ئەسلىمىلىرى. شىنجاڭ ئىزنالىرى» نادىر لىنىيەسى، «ۋەتەننى سۆيۈپ چېگرانى قوغداش. ياشلىقتا ئۆكۈنمەسلىك» نادىر لىنىيەسى، «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش. قىزىل بىڭتۇەن» نادىر لىنىيەسى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ئائىت قىزىل ساياھەت 100 نادىر لىنىيەسى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

نادىر ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىدە قىزىل مەدەنىيەت تارقىتىلدى

شىنجاڭ مۇزېيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقارغان «ئورتاق ماكان − جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى» «1 - ئۆكتەبىر» مەزگىلىدە نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچى «جەزمەن بارىدىغان جاي»غا ئايلاندى. «كۆرگەزمە مەزمۇنىنىڭ جانلىق، قىزىقارلىق ۋە ئىلغار كۆرگەزمە تېخنىكىسى ئېكسكۇرسىيەچىلەر زوقلىنىپ سۆزلەيدىغان تېمىغا ئايلاندى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، باش كاتىپى ليۇ خۇەنيۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ئەڭ ياخشى نامايان قىلىش ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈچۈن، كۆرگەزمىدە 400 پارچىدىن ئارتۇق نادىر سۈرەت ۋە 100 پارچىگە يېقىن نەپىس سەنئەت ئەسىرى، قىممەتلىك سىنلىق سۈرەت، نەپىس ھەيكەلتىراشلىق قۇرۇلمىلىرى بىر - بىرىنى جۇلالاندۇردى، يەنە، گولوگرافىك سۈرەت، چوڭ تىپتىكى يۆگىمە رەسىم، تەقلىدىي كۆرۈنۈش، ئادەم - ئاپپارات ھەمتۈرتكە بولۇش قاتارلىق زامانىۋى كۆرگەزمە تېخنىكىسى قوللىنىلدى، كىشىلەر ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلاندى».

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مۇزېي، خاتىرە ساراي قاتارلىق قىزىل تەربىيە بازىلىرى سىياسىيۋىلىك، ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىكنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۆنىلىشنى ياخشى ئىگىلەپ، دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق سۆزلەپ، نادىر ئەسەرلەر كۆرگەزمىسىنى كۈچەپ يارىتىپ، ئىپادىلەش كۈچى، تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قىزىل مەدەنىيەتنى جانلىق تارقاتتى. ئالاقە تورى ۋە رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر، مەۋھۇم رېئاللىق ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىقلار ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنى زامان - ماكان ھالقىغان، كۆپ نۇقتىدىن، كۆپ ئۆلچەمدىن چۈشەندۈرۈپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنى «ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ»، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدىن ھەمتۈرتكىلىك تەسىراتىنى كۈچەيتىپ، قىزىل مەدەنىيەتنى جانلىق تارقاتتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسى فانتازىيەلىك تەسۋىر ھاسىل قىلىش، كۆپ ۋاسىتىلىك تېلېۋىزىيە ئېكرانى، كىنو - تېلېۋىزىيە تېمى، كۆرۈنۈش تەقلىد قىلىش، يېرىم مەنزىرە رەسىمى قاتارلىق كۆرگەزمە شەكىللىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى «جانلاندۇرۇپ»، كۆرگەزمىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇردى. «بۇ خىل چۆكۈش شەكلىدە ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، مەن پارتىيە ھېكايىسىنى، ئىنقىلاب ھېكايىسىنى، قەھرىمانلار ھېكايىسىنى تېخىمۇ چۈشەندىم، بۇنىڭدىن مول نەپكە ئېرىشتىم» دېدى ئېكسكۇرسىيەچى ماھىنۇر نىياز.

تەربىيە ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈپ، قىزىل ئىدىيە تۇرغۇزۇلدى

10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، زۇڭلى جوۋ ئېنلەي خاتىرە ئابىدىسى(سارىيى)، شىخەنزە شەھەرلىك 8 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى خې يىزې تۆت ساۋاقدىشى بىلەن ئۆزئارا كېلىشىپ بۇ يەرگە ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەنىدى. «تۈنۈگۈن بىز شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىغا باردۇق، بۈگۈن جوۋ زۇڭلى خاتىرە ئابىدىسىگە كېلىپ، بىڭتۇەننىڭ تارىخىنى تېخىمۇ چۈشەندۇق، مېنىڭ ھەربىي بولۇش غايەم تېخىمۇ چىڭىدى» دېدى ئۇ.

ھەرقايسى قىزىل مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرى قىزىل بايلىقنىڭ تەربىيەلەش ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە قىزىل غايە تىكلەپ، ئۇلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدۇردى.

جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى باش تارماق ئەترىتى خاتىرە سارىيىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 - باشلانغۇچ مەكتەپ 2 - يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئانىسى ئاينۇر مەخەت يان تېلېفونى ئارقىلىق كۆرگەزمە زالىنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، قىزى بىلەن بىللە تىڭشىغۇچنى تاقاپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ تارىخىنى ئىگىلىدى.

«ياشلارنىڭ ئوتتەك يالقۇنجاپ تۇرغان كۆزىدىن، ئېكسكۇرسىيەچىلەر بىلەن چۈشەندۈرگۈچىلەر ئارىسىدىكى قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمىلەردىن، بىز ئىنقىلاب روھىغا ۋارىسلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق.» بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھىرى 359 - لۈي بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى نىڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، مۇزېينىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ چۈشىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەربىيە پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ، تارىخىي ھېكايىلەر، قەھرىمانلار ھېكايىلىرىنى كۆرگەزمە سارىيى، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بالىلارنى مۇسابىقىلىشىش، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق قىزىل مەدەنىيەتنى بىلىش ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز ھەم بۇ ئارقىلىق قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلدۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.