تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بەختلىك تۇرمۇشنىڭ يېڭى كوردىناتىنى سىزىپ چىقىش

− 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ بىر يىللىقى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان (4)

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، لى لىن، سۇ لۇپىڭ

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ، سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق مەسىلىلەردىن تۇتۇش قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىشنى تېزلەتتى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى بار بولدى، تۇرمۇش ئۈمىدكە تولدى

بازارنى تەكشۈرۈش، ئورۇن تاللاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش دوكلاتى سۇنۇش... بۇ مەزگىلدە، بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى دىنجىك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەلىجان پات ئارىدا تىجارەت باشلايدىغان دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

بۇ يىل 3 - ئايدا، 43 ياشلىق ئەلىجان بورتالا شەھەرلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى تەشكىللىگەن جۇڭگوچە پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇش ۋە ئاشپەزلىك كۇرسىغا قاتناشتى. ماھارەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۇ دوستى بىلەن ھەمكارلىشىپ بازاردا دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشنى قارار قىلدى. «بىزنىڭ بازار ئارشاڭ ناھىيەسىگە يېقىن، ساياھەتچىلەر كۆپ، پەقەت ئىشلەشنى خالىساقلا سودىمىز چوقۇم ياخشى بولىدۇ.» دېھقانلار ئارامگاھى تىجارىتىنى تىلغا ئالغاندا ئەلىجاننىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر ئۇچى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۇتىشىدۇ، بىر ئۇچى پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتىگە تۇتىشىدۇ. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەرقايسى جايلار ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى قاتتىق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلار ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىكىلەرگە «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش - يۆلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى دائىملاشتۇرۇپ يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىدى ۋە ئىلھاملاندۇردى. ۋىيشىن، ۋېيبو قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىل ئارقىلىق ئىلگىرى سۈردى.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش ھالىتى ساقلاندى. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا 405 مىڭ 400 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر 24 سائەت ئىچىدە ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈلدى. 78 مىڭ 300 كىشى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەپ، 123 مىڭ 200 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىجتىمائىي كاپالەت تورى زىچ توقۇلدى، تولۇق پۇختىلاندى

بەخت دېگەن نېمە؟ «ياشانغانلار كۈتۈنۈشتە پەرزەنتلىرىگە يۆلىنىۋالماسلىق، كېسەل بولغاندا ۋاقتىدا داۋالىنىش» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سەيماچاڭ تەۋەلىك رايونى قىزىل بايراق مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ما لى كۈلۈپ تۇرۇپ. بۈگۈنكى كۈندە، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇش ئارقىلىق، ما لى مۇقىم بولغان بەختنى ھېس قىلدى.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلانغان، كاپالەتلەندۈرۈش مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ قاپلاش كۆلىمى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيدى، تۈرلۈك كاپالەت سىياسەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا زىچ نەپ يەتكۈزدى. پېنسىيەگە چىققان 1 مىليون 513 مىڭ 800 كىشى پېنسىيەگە چىققانلار ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسۈشىدىن مەنپەئەتلەندى؛ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، دائىرىنى كېڭەيتىش سىياسىتى داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇلدى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار خاراكتېرلىك ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇلغان پۇل 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇق تارقىتىلدى، تارقىتىلغان پۇل 500 مىليون يۈەندىن ئاشتى، سۇغۇرتىغا قاتناشقان 90 مىڭدىن ئارتۇق ئورۇن بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى؛ 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى، كىشى بېشىغا ئېيىغا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم ئاساسىدا ھەربىر دەرىجە بويىچە 206 يۈەن ئۆستۈرۈلدى... توقۇغانسېرى زىچ بولغان، توقۇغانسېرى پۇختا بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت تورى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ ئىللىق ئاساس رېڭىنى شەكىللەندۈردى.

كەمتۈكلۈكلەر تولۇقلاندى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئاشۇرۇلدى

«دورا باھاسى ھەقىقەتەن بەك چۈشۈپتۇ! مەن ئىشلىتىدىغان بۇ خىل دورىنىڭ باھاسى بىراقلا يېرىم باھا چۈشۈپتۇ، يۈكۈم كۆپ يېنىكلىدى.» ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ياڭ چىڭخۇا دورا باھاسى ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلىي نەپتىن ئەڭ رازى بولدى.

«ئاخىر يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردىم، مۇقىم كىرىمىم بار بولدى، كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ.» «سەھەردىلا ئۆيۈمنىڭ ھەممە يېرىگە كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ»... بۇ ئاددىي، سەمىمىي سۆزلەر كەلپىن ناھىيەسى ئاچال بازىرى بەخت كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىنكى خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

«ھەر يىلى سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىپ كېسەلنى بالدۇر بايقىيالايدىغان، بالدۇر ئالدىنى ئالالايدىغان بولدۇق، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت.» ھەر يىلى ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە قاتنىشىۋاتقان 59 ياشلىق ئاھالە پەن رۇييىڭ باش بارمىقىنى چىقىرىپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى.

«سۈت، تۇخۇم، پولۇ، لەڭمەن، مەكتەپنىڭ تامىقى بەك تەملىك، ھەر كۈنى ئۆزگىچە تائاملار بار، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرىدۇ!» دېدى پەيزاۋات ناھىيەسى جامباز يېزىلىق 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى راھىلە مەمتىمىن ھەقسىز ئوزۇقلۇق تامىقىنى يېگەچ خۇشال ھالدا.

...

كىچىك ھېكايىلەر توپلىنىپ خەلق تۇرمۇشى نەتىجە قەغىزىگە ئايلاندى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون «سۈپەتنى كونترول قىلىش يىلى»نى تۇتقا قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، «بىر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت كونترول قىلىش مەركىزى قۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىككى قېتىم قانات يايدۇرۇش، ئۈچ دەرىجىلىك سۈپەت كونترول قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش» تەلىپىنى چۆرىدەپ، سۈپەت كونترول قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئاساسىي ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشقا ئالاقىدار تېخنىكا ئۆلچىمى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم ئىمزالاش كوللېكتىپىنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشانغانلار مېھىر - شەپقەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش، ياشانغانلار تېبابىتى ئىختىساسلىقلىرى ۋە داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەشنى تەشكىللەش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ياشانغانلار ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى.

ئاپتونوم رايونىمىز ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىش، دائىرىسىنى كېڭەيتىپ كاپالەتلەندۈرۈشنى يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ يىل، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئۆستۈردى، ئۆسۈش نىسبىتى %12كە يەتتى، شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى كىشى بېشىغا ئېيىغا 560 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى، يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى كىشى بېشىغا يىلىغا 4600 يۈەندىن تۆۋەن بولمىدى.

مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان «ئىككىنى ئازايتىش»نى يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلىندى، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئېغىر مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى ئۆيىگە بېرىپ ئوقۇتۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىنى دائىملىق باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى... بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ تارماقلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى چىقىرىپ، قاتتىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئەمەلىيلەشتۈردى، مائارىپ ئىشلىرى تېخىمۇ ئادىل ھەم سۈپەتلىك بولۇشقا قاراپ قەدەم تاشلىدى، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇياش نۇرى تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىنى يەتكۈزدى.

نۇرغۇن خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون تېخىمۇ زور سالماق بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق تۇرمۇشى بەختىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.