تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​دىققەتنى «كىچىك كۆزنەك»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، «چوڭ خەلق تۇرمۇشى»غا مۇلازىمەت قىلدى

بايىنغولىن ئوبلاستى:

​دىققەتنى «كىچىك كۆزنەك»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، «چوڭ خەلق تۇرمۇشى»غا مۇلازىمەت قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دىققەتنى ھەر مىللەت ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەپ «كىچىك كۆزنەكلىك، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىلغان، ئۈنۈمى ياخشى» بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيەسىدە ئەرز قوبۇل قىلىنغان ھامان بېجىرىلدى

بۇ يىل، بايىنغولىن ئوبلاستى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيەسىدە ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش ئىسلاھاتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كېچە - كۈندۈز ئادەملىك مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «157» بېجىرىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى، مەسلىھەت سوراش، ياردەم تەلەپ قىلىش، پىكىر - تەكلىپ بېرىش تۈرىدىكى ئىشلارنى بېجىرىشكە تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ بىر خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرىپ بولۇش؛ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ دەلىل - ئىسپات ئېلىش، تارماقلار ئارا ماسلىشىپ بېجىرىشكە چېتىلىدىغانلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرغان كۈندىن باشلاپ بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرىپ بولۇش؛ ئوبلاست، ناھىيە، شەھەر رەھبەرلىرى باش بولۇپ بېجىرىشكە، ئىمزا قويۇپ جەزملەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىرىنى بېجىرىشكە تاپشۇرغان كۈنىدىن باشلاپ يەتتە خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرىپ بولۇش؛ ئەگەر بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان ئىشلار ھەقىقەتەن قىيىن بولسا، مۇددەتنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىش، ئۇزارتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 خىزمەت كۈنىدىن ئېشىپ كەتمەسلىك.

«ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيەسى تەكشۈرۈش، مەسلىھەت سوراش، ئەرز قىلىش، ياردەم تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە <كارخانىلار ئەرز مەركىزى>لىك فۇنكسىيەسىنى ئۈستىگە ئالغان.» بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۆ مەنلى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بايىنغولىن ئوبلاستى 20 نەپەر مۇنەۋۋەر داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىپ تېلېفونىستلار قوشۇنىنى تولۇقلىدى ھەم تېلېفونىستلارنى ئالاقىدار بىلىملەر بويىچە تەربىيەلەپ، «كارخانىلار ئەرز مەركىزى»لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئەرزىنى بېجىرىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

بۈگۈنكى كۈندە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيەسى ئوبلاست، ناھىيە(شەھەر)، يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى)، تارماق(ئورۇن)لار، باشقۇرۇش، ئالاقىلىشىش، بېجىرىش خادىملىرىنى قاپلىغان «بىر لىنىيە، بىر تور، بىر قوشۇن»دىن ئىبارەت يۈرۈشۈش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىزىق لىنىيەنى مەركەز قىلغان، ئوبلاست، ناھىيە(شەھەر)، يېزا - بازار(كوچا باشقارمىسى)نىڭ ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنى ئەزا ئورۇن قىلغان «ئۈچ دەرىجىلىك بېجىرىش خىزمەت تورى»نى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلتىماس تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ھازىرغا قەدەر، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى قىزىق لىنىيەسى جەمئىي 72 مىڭ 948 تېلېفون ئومۇمىي مىقدارىنى تاماملاپ، 71 مىڭ 605نى بېجىرىپ بولدى، ئىلتىماس - تەلەپ ئىشلىرىنى بېجىرىش نىسبىتى %98.16 بولدى، ئىلتىماس - تەلەپ ئىشلىرى بويىچە جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى، باھالاش نىسبىتى، ئىش تالونى بويىچە سۈپەت تەكشۈرۈش نىسبىتى، قايتا زىيارەت قىلىشتىن رازى بولۇش نىسبىتى بىردەك %100كە يەتتى.

تېز مۇرەسسە قىلىپ، تېز كېسىم چىقىرىپ، دەۋا جۇغلانمىسىنى ئازايتتى

بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپىدىكى «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىلتىماس - تەلەپ تەسىراتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

بۇ يىل 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ۋاڭ X مەلۇم يېمەكلىك شىركىتىنىڭ 8000 يۈەن شوخلا خام ئەشياسى پۇلىنى نېسى قالدۇرغانلىقىنى ئەرز قىلدى، دېلو تۇرغۇزۇش كوللېگىيەسى دېلو ئەھۋالىغا ئاساسەن ئايرىپ، تېز كېسىم چىقىرىش شەكلىدىن پايدىلىنىپ سوت قىلدى. سوت مەھكىمىسىنىڭ دېلو بېجىرگۈچىسى دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپنى سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ مۇرەسسە قىلىشقا تەشكىللەپ، مەسىلىنى 30 مىنۇتتىلا ھەل قىلدى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ سوتى 2 - سوت كوللېگىيەسىنىڭ سودىيەسى ما جيەنجۇڭ مۇنداق دېدى: ۋاڭ Xنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە ھەل قىلىنىشى دېلو تۇرغۇزۇشتىن بۇرۇن تېز مۇرەسسە قىلىش، تېز كېسىم چىقىرىش مېخانىزمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولۇپ، ئاممىنىڭ دەۋا جۇغلانمىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستى دېلو تۇرغۇزۇش، ھەق تاپشۇرۇش، باھالاش قاتارلىق ئىلتىماس - تەلەپ ئىشلىرىنى توردا ئىلتىماس قىلىش، توردا بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى. ھازىرغا قەدەر، توردا 4120 دېلو تۇرغۇزۇلدى، رايون ھالقىپ 266 دېلو تۇرغۇزۇلدى، نەق مەيداندا دېلو تۇرغۇزۇش نىسبىتى %98.7 بولدى؛ كارخانىلارغا چېتىلىدىغان، تىجارەت - سودىغا چېتىلىدىغان، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار، ئاجىزلار توپى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان ئىلتىماس - تەلەپ مۇلازىمىتى يېشىل يولى تەسىس قىلىندى؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ 284 مىڭ 200 يۈەنلىك ئىلتىماس - تەلەپ ھەققى كېمەيتىلدى، كېچىكتۈرۈلدى، كەچۈرۈم قىلىندى؛ پۈتۈن ئوبلاست بويىچە كەنت (مەھەللە)لەردە سودىيەلەر خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلىنىپ، تۈرلۈك ماجىرادىن 1147سى ئۆز جايىدا مۇرەسسە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئامما ئۈچۈن 2400دىن ئارتۇق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىندى.

تېز يەتكۈزۈش كەنتلەرگە كىرىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

رەيھانگۈل مەمەت كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى باغجىگدە كەنتىدىكى توردىن مال سېتىۋېلىش دارېنى بولۇپ، تېز يوللانما كەنتكە كىرگۈزۈلمەستە، ھەر قېتىم ئۈچ كىلومېتىر يول يۈرۈپ يېزىغا بېرىپ تېز يوللانمىنى ئېلىۋالاتتى.

بۇ يىل تېز يەتكۈزۈش كەنتكە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، رەيھانگۈلنىڭ تۇرمۇشى ۋە توردىن مال سېتىۋېلىش شەكلىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. «بۈگۈنكى كۈندە ئىشىك ئالدىدىلا ھەر ۋاقىت تېز يوللانمىنى ئالالايمىز، ئەمدى يەنە يېزا بازىرىغا قاتىرىمىساقمۇ ياكى باشقىلارغا ۋاكالىتەن ئېلىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلمىساقمۇ بولىدىغان بولدى، بۇ، ھۆكۈمەت بىز ئامما ئۈچۈن قىلىپ بەرگەن چوڭ ياخشى ئىش» دېدى رەيھانگۈل.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پوچتا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرتۇتاش پىلانلاش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پوچتا تېز يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، تېز يوللانمىلارنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈشتىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى. ھازىرغا قەدەر، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 406 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ ھەممىسىگە تېز يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى كىرگۈزۈلۈپ، كىرگۈزۈلۈش نىسبىتى %100كە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.