تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، ئاشلىق تېرىش ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر بەي يۈنفېڭ

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سالا ئېتىزدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچىلىرىنى كۈزگى بۇغداي تېرىشقا تەشكىللەۋاتقان فېڭ رۇگاڭ بۇ يىللىق بۇغداي ھوسۇلىنى تىلغا ئالغاندا، خۇشاللىقىنى باسالماي قالدى. «ھوسۇل ياخشى، سۈپەت ياخشى، كىرىمىمىزمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى!» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن فېڭ رۇگاڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ شىبېيۋەن بازىرى ليۇشۇخېزى كەنتىدىكى ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىدىن بولۇپ، 20 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئاشلىق تېرىشنى باشلىغانىدى، ئۇ ھازىر 3000 مودىن ئارتۇق ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنى باشقۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشلىق تېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى تەدرىجىي زورايتىشتا دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسىتىگە تايانغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇلتۇر كۈزدە، فېڭ رۇگاڭ 2600 مو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىغاندا ماسلىشىشچانلىقى ۋە ھوسۇلى بىرقەدەر ياخشى بولغان «شىندۇڭ 22 - نومۇر»لۇق كۈزگى بۇغداي سورتىنى ئىشلەتكەنىدى، بۇ يىل ھەر مو يەردىن تەخمىنەن 608 كىلوگىرامدىن ياخشى ھوسۇل ئالدى، مو بېشى ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن تەخمىنەن 50 كىلوگىرام ئاشتى.

كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ئالدىراش ۋاقتى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، فېڭ رۇگاڭنىڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىدا، چوڭ تىپتىكى بىرنەچچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. ئاغدۇرۇش، ئوغۇتلاش، تېرىش، سۆرەم سېلىش بىر قېتىمدىلا تاماملىناتتى.

«چوقۇم مۇۋاپىق پەيتتە تېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇرۇقنى %100 دورىلاپ، %100 ئوغۇت ئارىلاشتۇرۇپ تېرىش كېرەك» دېدى نەق مەيداندا تېرىشقا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان گۇچۇڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ ئالىي ئاگرانومى ۋاڭ يەن.

ھەر يىلى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، يازغى پەرۋىش، كۈزگى تېرىمنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، گۇچۇڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى فېڭ رۇگاڭنىڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنى تۈجۈپىلەپ، دەل جايىدا تېرىش، تۇپراقنى ئۆلچەپ رېتسېپ تەييارلاش، سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق پۈتۈن جەريانلىق تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.

گۇچۇڭ ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ئاشلىق بازىسى ناھىيەسى بولۇپ، بۇ بىرنەچچە يىلدا ھەر يىللىق بۇغداي تېرىش كۆلىمىنى 1 مىليون موغا يەتكۈزۈپ، ھوسۇلىنى 400 مىليون كىلوگىرامدىن ئاشۇردى.

«گۇچۇڭ ناھىيەسىدە بۇغداي ھوسۇلىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى ئۇنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇلنى يۈرۈشلەشتۈرگەنلىكى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرگەنلىكى ۋە ئىلغار يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللانغانلىقىدىن بولغان» دېدى ۋاڭ يەن.

فېڭ رۇگاڭ ۋاڭ يەننىڭ قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىنقى يىللاردا، ئۇ ھەمىشە شۇ جايدا ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى باشلامچىلىق بىلەن قوللاندى. ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇلنى ئەمەلىي قوللانغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بۇغداي مو بېشى ھوسۇلى باشقا ئادەتتىكى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭكىدىن خېلى يۇقىرى بولدى.

«سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاپ دەل جايىدا تېرىش، تۈجۈپىلەپ ئىنچىكە تېرىش، يان تېلېفون ئارقىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق تېخنىكىلار بىزنىڭ بۇ يەردە ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى.» فېڭ رۇگاڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش سىستېمىسىغا تايىنىپ، بىر يان تېلېفون بىلەنلا 2600 مو بۇغداينى سۇغىرىپ، ئوغۇت ۋە ئادەم كۈچى تەننەرخىنى تەخمىنەن 100 مىڭ يۈەن تېجەپتۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ تۈجۈپىلەپ تېرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ھەر مو يەرگە تېرىلىدىغان ئۇرۇقلۇقنى ئىلگىرىكى 30 نەچچە كىلوگىرامدىن 15.7 كىلوگىرامغا ئازايتىپ، ئۇرۇقلۇق تەننەرخىنى 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تېجەپتۇ.

2020 - يىلى، فېڭ رۇگاڭ ئالدىنقى ئىككى يىللىق يېشىل تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا، سالا ئېتىزغا سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەسىنى ئورنىتىپ، سۇغىرىشنى ئاسانلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن سالا ئېتىزدا يېشىل تېرىقچىلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساس سالدى.

ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشقا تايانغاچقا، فېڭ رۇگاڭنىڭ بۇغداي ھوسۇلى يىلمۇيىل مۇقىم ئاشتى، بۇ يەنە ئۇنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتتى. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان، ئۇ دۆلەتكە جەمئىي 8000 توننا بۇغداي سېتىپ بەردى.

فېڭ رۇگاڭ مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ياخشى بولدى، ئاشلىق تېرىسا ئۇنىۋېرسال ياردەم تولۇقلىمىسى بار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالسا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياردەم تولۇقلىمىسى بار، ئىلغار يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى قوللانسىمۇ ياردەم تولۇقلىمىسى بار، كىرىمىم يىلدىن - يىلغا ئاشتى، يېقىنقى نەچچە يىلدا ھەر يىللىق ساپ كىرىمىم 2 مىليون يۈەندىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.

فېڭ رۇگاڭنىڭ كىرىمى ئېشىپ، تۇرمۇشى باي - باياشات بولدى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىن تاۋار ئۆي سېتىۋالدى، ئۇنىڭ يەنە ئۈچ شەخسىي ئاپتوموبىلى بار، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى مەنىلىك ئۆتمەكتە. ئۇ تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، بۇ بىرقانچە يىلدا يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىدىن تۆتنى سېتىۋالدى.

بۇ يىل يازلىق يىغىمدىن كېيىن، فېڭ رۇگاڭ باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 500 مو يېرىنى بالدۇرلا ئوبوروت قىلىپ، بۇغداي تېرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلدى. «دۆلەتنىڭ سىياسىتى ياخشى بولغاچقا، مېنىڭ ئاشلىق تېرىشقا ئىشەنچىم، جاسارىتىم بار» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.