تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشنى قوغلىشىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئايروپورت قۇرۇش

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئىشچىلار ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاساسىي ئاۋىياتسىيە بىناسى تۈرىدە نەق مەيداندا قۇرۇلۇش قىلماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ

10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دۆلەت بايرىمىدا، دۆلەت بايرىقى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇراتتى.

قېزىش ماشىنىسى ئالدىراش توپا قېزىۋاتاتتى، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ئۇياقتىن - بۇياققا ماتېرىيال توشۇۋاتاتتى، قۇرۇلۇش قىلىش ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرى ئېگىز قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر گۈرۈلدەپ تۇراتتى... نەچچە مىڭ قۇرۇلۇشچى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتاتتى، نەق مەيداندا قاينام - تاشقىنلىققا تولغان مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

جۇڭگو قۇرۇلۇش - بىناكارلىق 8 - قۇرۇلۇش ئىدارىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاۋىياتسىيە بىناسى تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، مۇخبىر تۈرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ليۇ پېڭچېڭغا ئەگىشىپ، ئېگىزلىكى 13 قەۋەتلىك بىناغا تەڭ كېلىدىغان قوماندانلىق مۇنارىغا كېلىپ، بوشلۇقتىن نەزەر سېلىپ، ئاۋىياتسىيە بىناسى ئومۇمىي گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى كۆردى. «ھازىر ئاۋىياتسىيە بىناسى ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ بېتون قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆگزىسى يېپىلدى، ئۆگزىنىڭ پولات قۇرۇلمىسىنى قۇراشتۇرۇش، ئۆي ئىچى تېمىنى قوپۇرۇش ھەم ئېلېكتىر مېخانىكىلىق ئېنېرگىيە تۇرۇبىسىنى قۇراشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.» ليۇ پېڭچېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو قۇرۇلۇش - بىناكارلىق 8 - قۇرۇلۇش ئىدارىسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان 1 - بۆلەك قۇرۇلۇش ئاساسلىقى بىر ئاساسىي ئاۋىياتسىيە بىناسى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇمچە ئوتتۇرا كارىدورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

يۇقىرىدىن نەزەر سالغاندا، ئاۋىياتسىيە بىناسىغا يېقىن يەردە قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقىنى ئوتتۇرا كارىدور بولۇپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى مېتال ئۆگزە ۋە پەردە تام قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقانىدى. ئۇزۇنلۇقى 364 مېتىر كېلىدىغان ئوتتۇرا كارىدوردا پولات قۇرۇلمىلىق ئۆگزە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسى تاماملانغانىدى. «بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتكۈل ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ پولات قۇرۇلمىلىق ئۆگزىسى يېپىلىپ بولىدۇ، ئوتتۇرا كارىدورنىڭ مېتال ئۆگزىسى يېپىلىپ بولىدۇ.» ليۇ پېڭچېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئايروپورت قۇرۇلۇشىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، سۈپەت تەلىپى يۇقىرى، قۇرۇلۇش مۇددىتى ئىنتايىن قىس، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بىز قۇرۇلۇش مۇددىتىنى ئالدىغا سۈرۈۋاتىمىز، مەقسىتىمىز پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ تېخىمۇ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئايروپورت قۇرۇش».

ۋاڭ چېڭ پولات قۇرۇلمىلىق ئۆگزىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇپ، يۇرتى خۇبېيدىن، ئۇ 15 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى. مۇخبىر ئۇنى كۆرگەندە، ئۇ 40 مېتىر ئېگىزلىكتە پولات قۇرۇلمىلىق ئۆگزە قۇرۇلۇشى قىلىۋاتاتتى. «پولات قۇرۇلمىلىق ئۆگزە قۇرۇلۇشىنىڭ ھۈنەر - سەنئىتى مۇرەككەپ، ھالقىلىرى كۆپ، قايسى ئىش تەرتىپىدە مەسىلە كۆرۈلسە، ئۆگزىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ، قىلچە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى ۋاڭ چېڭ.

نەق مەيداندا، مۇخبىر چارلاپ تەكشۈرۈۋاتقان تۈر ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل دىرېكتور لى چاۋنى ئۇچراتتى، بۇ ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ئىش ئورنىدا ئۆتكۈزگەن يەنە بىر دۆلەت بايرىمى ئىدى. 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنىڭ ھەربىر يېرىدە ئۇنىڭ سىيماسى بار بولۇپ، ھەر كۈنى نەچچە ئونمىڭ قەدەم مېڭىشمۇ ئۇنىڭ دائىملىق ئىشىغا ئايلانغانىدى.

تۈرنىڭ پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو قۇرۇلۇش - بىناكارلىق 8 - قۇرۇلۇش ئىدارىسى نەق مەيداندا چوڭ تىپتىكى ھەر خىل ئۈسكۈنىدىن جەمئىي 200 (يۈرۈش)دىن ئارتۇقنى ئىشلەتتى، 1200گە يېقىن قۇرۇلۇشچى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

نۆۋەتتە، ئاۋىياتسىيە بىناسى تۈرىدە خەلقئارالىق ئۈچ بۇرجەك رايوننىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆگزىسى ئوڭۇشلۇق يېپىلىپ، ئۇچۇش - قونۇش يولىغا توپا تىندۇرۇلماقتا، قاتناش مەركىزىدە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، پولات قۇرۇلما قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلدى... «بىر كۈندە بىر كۆرۈنۈش» دېگەن سۆز بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سۈپەتلىسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم ئەتراپىنى ئېچىش قۇرۇلۇشى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش - كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار سەر خىل قوشۇن ۋە سەر خىل كۈچلەرنى پائال تەشكىللەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈر قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.