تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ

2020 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى روھى، ئەمگەك روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىدىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى ۋە چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىش، تېخىمۇ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىق، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش»نى چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇن قىلغان ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەر، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىدىن بولۇش، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يولىدا مېڭىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىش تېخىمۇ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى قانلىق ۋە يالقۇنلۇق ئىنقىلاب، قاينام ـ تاشقىنلىق قۇرۇلۇش، غەيرەت ـ جاسارەت ئۇرغۇغان ئىسلاھات جەريانىدا، شىنجاڭدا ۋەتەننى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، ئىجتىھات بىلەن قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدىغان زور بىر تۈركۈم ھۈنەرۋەنلەر بارلىققا كەلدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان زور بىر تۈركۈم قۇرغۇچىلار شىنجاڭغا ئاتلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشتى.

ليۇ مىڭتىڭ دۇنياغا داڭلىق قۇمنى تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسى، پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئىدى. 64 يىل ئىلگىرى، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ليۇ مىڭتىڭ قەتئىيلىك بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، جاپالىق بولغان قۇمنى تىزگىنلەش ئىشىغا ئاتلىنىپ، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تەكلىماكان قۇملۇقىدا كۆچمە قۇم بىلەن ئېلىشىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، 88 ياشقا كىرگەن ليۇ مىڭتىڭ ھېلىھەم شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈشىنى تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىمەكتە.

بىر ئىشنى تاللاپ، بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇش، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، شۇ كەسىپكە بېرىلىش. شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە قاتناشقان مۇنەۋۋەر ھۈنەرۋەنلەر توپلىنىپ، تۆھپە قوشۇپ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان غايەت زور ئېقىننى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۈمىدنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىش، تېخىمۇ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىشتەك ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇردى.

2010 ـ يىلى نومدا قارا بوران چىقىپ، ھەممە يەرنى سېرىق قۇم قاپلاپ كەتتى. شۇ چاغدا، شىنجاڭ گۇاڭخۇي يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تېخى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا بولۇپ، ئىنژېنېر لۈ خەيچىڭ تۇنجى تۈركۈمدە ئاشۇ جايدا يىلتىز تارتتى. 2013 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، گۇاڭخۇي يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتى سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقاندا، پۈتۈن سىستېمىدىكى ئۈسكۈنىلەر ئىشتىن توختاپ قالدى. لۈ خەيچىڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىدىكىلەر نۆۋەتلىشىپ نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئېكراندىن كۆزىنى ئۈزمەي، قورسىقى ئاچسا تاماقنى مەركىزىي كونترول ئۆيىگە ئەكەلدۈرۈپ يەپ، ئۇيقۇسى كەلسە كىيىمى بىلەنلا يېتىپ، توپتوغرا بەش كېچە ـ كۈندۈز سەرپ قىلىپ، ئاخىرى غەيرىي سىگنالنى بايقاپ، پىروگرامما بۆلىكىنى قايتىدىن بىر تەرەپ قىلىپ، كۆمۈر تەييارلاش سېخىنىڭ ئۇزاق دەۋرىيلىك مۇقىم ئايلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

ئەسلىي مەقسەت قەلبتە ساقلىنىدۇ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغىنى ھۈنەرگە بولغان ئىشتىياق. پۈتۈن زېھنى بىلەن بېرىلىش، تېخىمۇ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىشتەك ھۈنەرۋەن روھىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل ـ قىزلار جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك يۇقىرى، نازۇك، ئىلغار تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، «ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى قۇرۇلۇش»لارنى بىر ـ بىرلەپ تاماملىدى.

قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىق قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش

گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولى دۆلەت «ئون توغرا لىنىيە، ئون تىك لىنىيە» ئۇنىۋېرسال قاتناش ـ تىرانسپورت يولىنىڭ تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى پىلانلاپ قۇرغان «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۆمۈريول لىنىيەسىدىكى جەنۇبىي يولنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ تۆمۈريولنى ياساش جەريانىدا، قۇرغۇچىلار جۇشقۇن كۈرەش مارشىنى پۈتۈپ چىقتى.

قىلچە بىپەرۋالىق قىلماسلىق، ئىنچىكە ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش ھۈنەرۋەن روھىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتكە ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش ھۈنەرۋەنلەرنىڭ نورمال ھالىتى.

بىر بۇلاقنى قوغداش ئۈچۈن، گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولى 30 كىلومېتىر ئايلاندۇرۇپ ياسالدى. «بۇ بۇلاق سىمىر بۇلىقى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەلىرىنىڭ بىرى.» جۇڭگو تۆمۈريول 1 ـ چارلاش ـ لايىھەلەش يۇرتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تۆمۈريول چارلاش ـ لايىھەلەش يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى، گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولى شىنجاڭ بۆلىكى تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شىنشۈەننىڭ ئېيتىشىچە، ھايۋانلارنىڭ يەنىلا سۇ ئىچەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلار يەنە بىر قېتىم نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شۇ جايدىكى مۇھىت قوغداش تارماقلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا لايىھەلەش لايىھەسىنى ئۆزگەرتىپتۇ، تۆمۈريولنىڭ سىمىر بۇلىقىغا ئەڭ يېقىن بولغان جايىنىڭ ئارىلىقى 1.2 كىلومېتىردىن بەش كىلومېتىرغا كېڭەيتىلگەن بولۇپ، تۆمۈريول 30 كىلومېتىر ئايلاندۇرۇپ ياسىلىپتۇ، «بىزگە ھەم بايلىق كېرەك، شۇنداقلا سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغمۇ كېرەك».

زەررىچە چەتنەپ كەتسىمۇ خاتىرجەم بولالماسلىق، توختىماي بازغانلاپ ياساپ چىقىش. قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى سەۋىيە يارىتىش ھۈنەرۋەنلەرنىڭ توختاۋسىز ئىنتىلىشى. تەجرىبە تىپىدىن پەن ـ تېخنىكا تىپىغىچە، قول ھۈنەر تىپىدىن رەقەم تىپىغىچە، ئەنئەنىۋى ھۈنەرۋەندىن زامانىۋى ھۈنەرۋەنگىچە، ئۇلار تېخنىكا قىيىن ئۆتكىلىنى قېتىم ـ قېتىملاپ ھۇجۇم قىلىپ يېڭىپ، باشتىن ـ ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

يېقىندا، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى غەربىي رايون بۇرغىلاش ـ چارلاش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى نېفىت سىناش شىركىتىنىڭ ئالىي تېخنىكى تەن ۋېنبو دائىم نېفىت سىناش شىركىتى ئېلېكتىر كۆۋرۈكى ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنى باشلاپ نۇقتىلىق نېفىت سىناش قۇدۇقىغا بېرىپ تېخنىكا يېڭىلاش سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشخانا ئەزالىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە يېڭىلىق يارىتىش تېمىسىدىكى پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلىنى مۇزاكىرە قىلدى.

«چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى 2018 ـ يىللىق شەخس» بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەن ۋېنبو ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي ئېلېكتىرلىك سۇيۇق بېسىملىق يەر قاتلىمىنى ھىملاش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تېخنىكىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەر قاتلىمىنى ھىملاش ئۈسكۈنىسىنى چەت ئەلدىن كىرگۈزۈش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۇنيا نېفىت تېخنىكىسى ئۈچۈن بىر قېتىملىق مۇھىم، زور يېڭىلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياش تېخنىكا تايانچلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن، تەن ۋېنبو 2017 ـ يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ماھارەت ئۇستىسى ئىشخانىسى قۇردى. «تېخنىكا يېڭىلاش يولىدا، مەن قىلىدىغان ئىشلار يەنە ناھايىتى كۆپ. ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، قەدەمنى توختاتماي، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرمىسام بولمايدۇ» دېدى تەن ۋېنبو.

ھۈنەرگە بولغان ئىشتىياققا ۋارىسلىق قىلىش يۇرت ـ ماكاننى گۈللەندۈرۈش

9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، بورتالا شەھىرى ئەيشىيۈ يېمەكلىك ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، نانلارنى دوخۇپكىغا سېلىپ بولغاندىن كېيىن، شىركەت مەسئۇلى يۈسۈپجان شاگىرتلىرى بىلەن يېڭى نان تۈرلىرىنى تەتقىق قىلدى.

2016 ـ يىلى شىركەت قۇرغاندىن بۇيان، يۈسۈپجان شاگىرتلىرىنى باشلاپ ئۈزلۈكسىز يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر ـ سەنئىتىدە يېڭىلىق ياراتتى. ئۇ يەنە يۇرتداشلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىككىنە ناننى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇردى. 2020 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، يۈسۈپجان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «شىنجاڭ نان ئۇستىسى» يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھارەت ئىختىساسلىقى بولۇپ باھالاندى.

ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېتىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تەدبىر. يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى بىرلىشىپ «دۆلەت يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ـ يۆلەيدىغان رايونلاردا كەسپىي ماھارەتنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېزا ـ كەنت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، تەخمىنەن 50 مىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ماھارەت ئىختىساسلىقى ۋە يېزا ـ كەنت ھۈنەرۋىنى يېتىشتۈرۈلىدۇ.

يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان گۈزەل يۇرت ـ ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېزا ـ كەنت ھۈنەرۋەنلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ سىگنالنىڭ قويۇپ بېرىلىشى يۈسۈپجاننى كەلگۈسىگە تېخىمۇ تەلپۈندۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، يېزا ـ كەنت ھۈنەرۋەنلىرى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر ـ سەنئەت ئۇستىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن، بەلكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ـ كەنتلەرگە ئالاقىدار بىر تۈركۈم ھۈنەرۋەنلەر − يېزىلاردا يىلتىز تارتالايدىغان، يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزىلارنى سۆيىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ئىكەن.

كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تېخنىك ئىشچىلار مائارىپىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللىدى ھەم سېلىنما سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە تەسىس قىلىنغان كەسىپلەر يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ساياھەت مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەرنى قاپلىدى، شىنجاڭنىڭ ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى. ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى ھۈنەرۋەن روھىنىڭ ئاساسلىق ۋارىسلىرى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرى، يېڭىلىق ياراتقۇچىلىرىغا ئايلاندى.

9 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئەمەلىي مەشىق سىنىپىدىكى يېرىم قوپۇرۇلغان تام ئالدىدا، 17 ياشلىق نەسرۇللا تۇرسۇن خىشنى تامغا قويۇپ، ۋاداۋ بىلەن ئارتۇق سېمونتنى سۈرتۈپ ئېلىۋەتتى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى پىششىق ئىدى.

نەسرۇللا پەيزاۋات ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىنى قايتىدىن رېمونت قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بازار ئىستىقبالىنى كۆزلەپ، نەسرۇللا بىناكارلىق كەسپىنى تاللىدى. تام قوپۇرۇش، ئۆرۈش، قايتا قوپۇرۇش، يەنە ئۆرۈش، ئۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك مەشىق قىلىشقا سەرپ قىلدى. «مېنىڭ نىشانىم كەسپىي نەزەرىيە بىلىملىرى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات ماھارىتىگە ئىگە ھۈنەرۋەن بولۇش.» نەسرۇللانىڭ تەلەپپۇزى كەسكىن ئىدى.

ۋاقىت توختاپ قالمايدۇ، ھۈنەرگە بولغان ئىشتىياق ئۆلمەيدۇ. يېڭى دەۋرنىڭ كەلگۈسى مۇساپىسىگە نەزەر سالغاندا، ھۈنەرۋەن روھى بولمىسا، «جۇڭگودا ياسالغان» «جۇڭگودا ئىجاد قىلىنغان»دىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى يارىتىش مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىزىل گېنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھۈنەرۋەن روھى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۈنەرۋەن روھى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.