تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق»

كۆپ دۆلەتنىڭ جۇڭگودىكى سودا ـ سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى −

«بىز شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق»

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىدىن 27 ـ كۈنىگىچە، تۈركىيە، فىرانسىيە، مالايسىيا، مېكسىكا، گېرمانىيە، رۇسىيە، كورېيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ جۇڭگودىكى سودا ـ سانائەت ساھەسىدىكى 19 ۋەكىل ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ تەشكىللىنىپ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولدى، كۆپچىلىك جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى ھەم «شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق» دېدى.

«خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق»

«مۇھىت دېمەك خەلق تۇرمۇشى دېمەكتۇر، يېشىل تاغ دېمەك گۈزەللىك دېمەكتۇر، كۆك ئاسمان دېمەك بەخت دېمەكتۇر.» ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كۆكيار خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق بۇ سۆزگە نىسبەتەن كونكرېت چۈشەنچىگە ئىگە بولدى.

كۆكيار خاتىرە سارىيىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى چۈشەندۈرگۈچىنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق، سۈرەت، يېزىق، سىن ماتېرىياللىرىدىن شۇنى ئىگىلىدىكى، 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىدىن بۈگۈنگىچە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پۈتۈن كۈچى بىلەن كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 700 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چۆل ـ جەزىرىدە «يېشىل دېڭىز» بەرپا قىلىپ، ئاقسۇنى شىنجاڭنىڭ باغ ـ ئورمانچىلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايلاندۇرۇپ، ئالما، ياڭاق ۋەكىللىكىدىكى قۇرۇق، ھۆل مېۋە ـ چېۋىلەرنى پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇتقان.

«ئاقسۇلۇقلار ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەپ، چۆلنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇپتۇ.» جۇڭگو مالايسىيا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كې جىرېن ماختاپ مۇنداق دېدى: كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى تۈزەش جەريانىدا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ. شىنجاڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولسا، جەزمەن پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلگەن خوتەن تۇەنچېڭدا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، ئۆزگىچە ئولتۇراق ئۆيلەر قاتار ـ قاتار كەتكەن بولۇپ، بالىلار كوچىلاردا يۈگۈرۈشۈپ ئويناپ يۈرەتتى، توپ ـ توپ كەپتەرلەر ئۆي ۋە دەرەخلەر ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرەتتى، ساياھەتچىلەر بىلەن ئاھالىلەر ئۇياق ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بەس ـ بەستە يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ سىن، سۈرەت تارتىپ، مىللىي خاسلىققا ئىگە ئىمارەتلەر ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلاردىن خاتىرە قالدۇردى. خوتەن تۇەنچېڭنىڭ ئىلگىرى مەينەت، قالايمىقان، ۋەيرانە كەپىلىك مەھەللە ئىكەنلىكىنى، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنىڭ خۇددى باغچىدەك تۈسكە كىرگەنلىكىنى بىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش جاسارىتى ۋە ئىقتىدارىنى ماختاپ، بەس ـ بەستە «خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردۇق» دېيىشتى.

«كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت گۈللىنىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغانلىقىنى كۆردۇق»

ئاقسۇدىن خوتەنگىچە، ئاندىن ئۈرۈمچىگىچە، ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇش يولىدا ھېس قىلغان ئۆرپ ـ ئادەت مەدەنىيەت مەنزىرىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنى مەپتۇن قىلدى.

خوتەن كەچلىك بازىرىغا كىرگەندە، خېرىدارلار تۆت ـ بەشتىن بولۇپ بىر جوزىدا ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، قاقلانغان غاز تۇخۇمى، قېتىقلىق زۇڭزا، ئۆپكە ـ ھېسىپ قاتارلىق مەززىلىك تائاملار كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئۇلار بۇ يەردە بىر مەيدان شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇل كاتتا زىياپىتىگە تاسادىپىي داخىل بولۇپ، دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى بولغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

«ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى بۇ يەردە يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىپتۇ، كىشىلەر مەدەنىيەت گۈللىنىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپتۇ.» رۇسىيەدىن كەلگەن بېيجىڭ بېيجىبېي پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى سۋېتلانا ئاموسۇۋا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپتۇ، خەنزۇ مىللىتى، ئۇيغۇر مىللىتى قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئىناق ئۆتۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل، تەسىرلىك كۆرۈنۈشنى ھاسىل قىپتۇ.

خوتەن شەھىرىدىكى جامە مەسچىتى ۋە شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى دىنىي زاتلار، دىنىي خادىملار بىلەن دىن ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. «بىز شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، يەنە دىن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى كۆردۇق» دېدى تۈركىيە جۇڭگو سودا ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ سودا تەرەققىيات باش نازارەتچىسى سەرچۇك ئېسوي.

«ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆردۇق»

شانلىق مەدەنىيەتتىن زوقلىنىش بىلەن بىللە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تومۇرىنى ھېس قىلدى.

ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى يېڭى ئاقئېرىق كەنتىدە، 3000 مودىن ئارتۇق يۇقىرى ئۆلچەملىك كېۋەزلىكتىكى كېۋەز غوزىسى ئېچىلىپ بولغان بولۇپ، پاختىكارلار پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان يىغىۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

«بۇ پاختا يىغىش ماشىنىسى GPS ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىدۇ، تېخنىكىسى ناھايىتى ئىلغار.» ئەنخۇي جياڭخۇەي ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئېغىر تىپتىكى سودا ئاپتوموبىلى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى بۇلاك مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پاختىسىنى تېرىشتىن تارتىپ يىغىۋېلىشقىچە كۆپ قىسمىدا ماشىنىلىشىش ئىشقا ئېشىپ، كېۋەز تېرىش تەننەرخى تۆۋەنلەش بىلەن بىللە، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئېشىپتۇ.

ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى شىركەتنىڭ ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەر كۈنى سەككىز سائەت خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇلتۇر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كارخانا بىر مەھەل زىيان تارتقان بولسىمۇ، خادىم قىسقارتماسلىقتا چىڭ تۇرغانلىقىنى ئىگىلىدى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە بۇ كارخانىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ماختىدى.

«شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، پاختىكارلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپتۇ.» تۈركىيە ـ جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەدنان ئەكفېرات مۇنداق دېدى: بىر قىسىم دۆلەتلەر شىنجاڭدىكى بۇ كەسىپلەردە «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دەپ بوھتان چاپلىدى، بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك.

ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر يىرىك پىلان كۆرگەزمە سارىيى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، جۇڭلياڭ كوكاكولا ئىچىملىكى (شىنجاڭ) چەكلىك شىركىتى، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. «مەن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆردۈم» دېدى جۇڭگو مېكسىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋىكتور كادېنا.

9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق يەرمەنكىسى ئېچىپ، ۋەكىللەر ئۆمىكىگە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا سىياسىتى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ چېگرا سودىسى ھەمكارلىقى ۋە سودىگەر چاقىرىپ، مەبلەغ جەلپ قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ ئېشىپ، ئالاقىدار ساھەلەردە ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.