تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بىز شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى پۈتۈن دۇنياغا ئۇقتۇرۇشىمىز كېرەك»

− جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسى مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ جو

9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا، ئىتالىيە، ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا قاتارلىق 13 دۆلەتتىن ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن كەلگەن مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى شىنجاڭدىكى ئۈچ كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە، زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر ئىككى جايدا باش تېمىلىق كۆرگەزمە، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مەھەللە، دوختۇرخانا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، شۇ جايدىكى ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى.

ئۈچ كۈندە كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرى مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى، ئۇلار بىردەك: شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەممىگە ئايان، ئىناق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ قارىدى ھەم شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.

«خەلق بەختلىك تۇرمۇشىدىن مەمنۇن ئىكەن»

9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە ناخشا ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاھالە رېپېتىتسىيە ئۆيىدە نومۇر مەشىق قىلىۋاتاتتى. چياۋمىن قېرىنداشلار قىزىقىپ ئىشتىياق بىلەن كۆردى ھەم ئاھالىلەر بىلەن «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ناخشىنى بىرلىكتە ئېيتتى، خۇشال كۈلكە ساداسى مەھەللە پائالىيەت مەركىزىدە ياڭرىدى. ئارقىدىن، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا كەلدى. مول تاۋارلار، ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغان كوچىلار ۋە كىشىلەرنىڭ چېھرىدىكى خۇش تەبەسسۇم چياۋمىن قېرىنداشلاردا چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئامېرىكا قىتئەسى سۇيشېڭ سودا ـ سانائەتچىلەر باش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن جاۋجىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھازىرقى جەمئىيەت مۇقىم، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، ئۇنىڭدا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ».

«56 مىللەت 56 گۈل، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يولىدا، ھەرقانداق بىر مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ.» ماۋرىتانىيە خۇارېن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى جىن خاۋ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام خىزمىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا ئاساس ساپتۇ.

«شىنجاڭدا خەلق بەختلىك تۇرمۇشىدىن مەمنۇن ئىكەن، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىقىپتۇ.» ئىتالىيە مىلاندىكى رۇيئەن سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ پەخرىي ئۇيۇشما باشلىقى خۇاڭ گوچۈەن مۇنداق دېدى: چەت ئەلدە شىنجاڭ توغرىسىدىكى بەزى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان گەپ ـ سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدىم. نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، بىز بۇ يەردىكى خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقىنى كۆردۇق، مەسچىتلەردىكى ھەممە ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قوغدالغانلىقىنى كۆردۇق، ئايرىم چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىكىگە تامامەن ئوخشاش بولمىغان شىنجاڭنى كۆردۇق.

«شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن»

قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلغىنىدا پاكىز، رەتلىك كوچىلار، مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق بولغان ئىمارەتلەرنى كۆرۈپ، چياۋمىن قېرىنداشلار كۆز ئالدىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى كونا سۈرەتلەردىكى كونا ئۆيلەر بىلەن باغلىيالماي قالدى.

قەشقەر شەھىرى قەدىمىي شەھەر رايونىنى قوغداش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش خاتىرە سارىيىدا، چۈشەندۈرگۈچى قەدىمىي شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشتە «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە» قوللىنىلغانلىقى، ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغانلىقى، خاسلىقىنى ساقلاپ «ئەسلىدىكىسى بويىچە رېمونت قىلىنغان»لىقىنى تىلغا ئالغاندا، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى ئىنتايىن ھەيران قالدى.

«ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ئاھالىلەر ئۆزگەرتىش لايىھەسىنى ئەركىن تاللاپتۇ، ئۇلارنىڭ پىكرىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىپتۇ، بۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.» فىرانسىيە جېجياڭ خۇارېنلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى چېن شۈدۇڭ مۇنداق قارىدى: كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىش تەجرىبىسىنى كېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ، تەدبىر ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى قايىل قىلىدۇ.

قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازارلىق دوختۇرخانىدا، چياۋمىن قېرىنداشلار داۋالاش ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شۇ جاينىڭ داۋالاش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. ئاۋمېن چياۋمىنلار ساھەسى ياشلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى لياڭ جاۋجى دائىم ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك دورىلارنىڭ باھاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى، ئۇ بۇ دورىلارنىڭ باھاسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى، سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن دوختۇرخانىدىكى دورىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باھا پەرقى يوقلۇقىنى ھەم ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدى. بۇنىڭدىن ئۇ ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە ھېچكىمنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى مۇمكىن ئەمەس، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشىپتۇ.

«غەربىي ياۋروپادا 30 نەچچە يىل تۇردۇم، تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىزمەتلەرنى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان ياۋروپادىمۇ قىلىش ناھايىتى تەس. شىنجاڭنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن.» خۇاڭ گوچۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق ـ مەنپەئەتلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپتۇ.

«ھەقىقىي ئەھۋالغا قارا چاپلاشقا يول قويۇلمايدۇ، شىنجاڭغا بوھتان چاپلاشقا يول قويۇلمايدۇ»

قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسى يۇقارقى قاقۇللا كەنتىدە، تەلىم ـ تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچى قادىر تۇرسۇننىڭ كەچۈرمىشى لياڭ جاۋجىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. «بۇ يىگىت تەلىم ـ تەربىيە مەركىزىنى مەكتەپ دېدى ھەم بىزگە ئۇ يەردىكى تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەسۋىرلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەربىيەلەنگۈچىلەر ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيىگە قايتسا بولىدىكەن، ئىشى بولسا رۇخسەت سورىسا بولىدىكەن، بۇ مەملىكەت سىرتىدا تارقىلىپ يۈرگەن <تەلىم ـ تەربىيە مەركىزى جازا لاگېرى> دېگەن قاراش بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇقارشى ئىكەن، ھەقىقىي ئەھۋالغا قارا چاپلاشقا يول قويۇلمايدۇ، شىنجاڭغا بوھتان چاپلاشقا يول قويۇلمايدۇ.» لياڭ جاۋجى ھازىر قادىر ئائىلىسىنىڭ بەختلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى، ھۆكۈمەت ئۆي سېلىشىغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ ئۇنىڭ پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشىغا ياردەم قىلىپتۇ، بۇنىڭغا توپا قېزىش ماشىنىسى ھەيدەپ تاپقان كىرىمىنى قوشقاندا، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپتۇ.

شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى ۋە ھېيتگاھ مەسچىتىدە، چياۋمىن قېرىنداشلار دىن ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئىگىلىدى، ئۇلار بەس ـ بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتى ۋە دىنىي ئېھتىياجىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرگەنلىكىنى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغانلىقىنى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا زور قولايلىق يارىتىلغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.

«بۇ قېتىمقى شىنجاڭ سەپىرىمىزنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور.» كانادا خۇارېن سودا ـ سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جۇ شياۋسېن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ تەسىرىدە، كېلىشتىن بۇرۇن شىنجاڭغا بىر تەرەپلىمە قاراشتا بولغانىدىم، بۇ يەردە بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرى بار دەپ قارىغانىدىم، لېكىن پاكىت بىلەن تارقىلىپ يۈرگەن گەپ ـ سۆزلەر پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس ئىكەن. «بىز كېچىدە كەچلىك بازارغا باردۇق، ئۇ يەر ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، كىشىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھاراق ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىۋېتىپتۇ.» جۇ شياۋسېننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ھازىر ئىلگىرىكى ئەندىشىسى پۈتۈنلەي تۈگەپتۇ، ئۇ قايتقاندىن كېيىن، شىنجاڭدا كۆرگەن ھەقىقىي ئەھۋاللارنى كانادادىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىدىكەن.

«بىز بىۋاسىتە كۆرگەن ـ ئاڭلىغانلىرىمىز ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ پىتنە ـ ئىغۋا توقۇپ تۆھمەت قىلىشىغا ۋە ئاق ـ قارىنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىشىغا رەددىيە بېرىشىمىز ھەم مەملىكەت سىرتىدىكى ئاساسىي ئېقىم جەمئىيىتىگە شىنجاڭدا كۆرگەن ھەممە ئىشلارنى بايان قىلىشىمىز كېرەك.» جۇڭگو چياۋمىن قېرىنداشلار بىرلەشمىسىنىڭ مەملىكەت سىرتىدىكى مەسلىھەتچىسى شۈ سۇڭخۇا مۇنداق دېدى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، مەملىكەت سىرتىدا شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان ـ ياۋىداق سۆزلەر ئەۋج ئالدى، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇارېنلار بۇنىڭدىن غەزەپلەندى، تىت ـ تىت بولدى، بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق، ئېجىل ـ ئىناق ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. «مەملىكەت سىرتىدىكى خۇارېن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز دۇنياغا جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىمىز، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىمىز كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.