تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

تۈزۈلمە راۋان، مېخانىزم جانلىق بولسا، ئىختىساسلىقلار ئاندىن توپلىنىدۇ، ئىشلار گۈللىنىدۇ. مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىختىساسلىقلارنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى ھەم مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، باغلاقنى بوشىتىش»نى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش، ئىشلىتىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى تۈزۈلمە ـ مېخانىزم توسالغۇسىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، «ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» «تۈرلەرنى باھالاپ تەكشۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ئاپپاراتلارنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» «پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جۇڭگوچە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى 13 تەرەپتىن سىستېمىلىق يەكۈنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر تەرەپ «ئەخلاقلىق ھەم ئىقتىدارلىق بولۇش، ئاقىللار ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇش، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش روشەن ئەۋزەللىكى»دىن ئىبارەت.

باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى تېگى ـ تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى. ئىختىساسلىقلار بىر دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ. دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش كېرەك.» ھازىر، پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى گۈللەپ ياشنىماقتا، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر پۇرسەتنى تالاشماقتا، خەلقئارادا ئىختىساسلىقلارنى تالىشىش كۈنسېرى كەسكىن بولماقتا. ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش، ئىختىساسلىقلارنى ياخشى ئىشلىتىشتىكى ئەڭ ياخشى مۇھىت ياخشى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدىن ئىبارەت. پەقەت يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باھالاش، يۆتكەش، رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە ـ مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەندىلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى توپلاپ ئىشلىتىپ، ھەر خىلدىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى بەس ـ بەستە ئۇرغۇتۇپ، ئەقىل ـ پاراسىتىنى تولۇق قوزغاتقىلى بولىدۇ.

ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى قانداق قىلىپ ياخشى ئىشلىتىشتە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئېھتىياج ۋە ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلارغا تولۇق ھوقۇق بېرىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ئىشلىتىش داۋامىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى سۇبيېكتلار سۇبيېكتلىق پائالىيەتچانلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت ئېڭى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك بولغان ئۆزىنى ئۆزى چەكلەش ۋە تاشقى جەھەتتىن نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تۆۋەنگە بېرىلگەن ھوقۇق چېكىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا، ياخشى ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى، بېرىلگەن ھوقۇقنى ياخشى ئىشلەتمىگەنلەر، مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئادا قىلمىغانلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن باغلاقنى بوشاتقاندىلا، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ، ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن باغلاقنى پائال بوشىتىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئاساس قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا ئىشىنىش، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش، ئىختىساسلىقلارغا ئوبدان مۇئامىلە قىلىش، ئىختىساسلىقلارغا كەڭ قورساق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئالىملارغا تېخىمۇ چوڭ بولغان تېخنىكا لۇشيەنىنى قارار قىلىش ھوقۇقى، تېخىمۇ چوڭ بولغان خىراجەتنى باشقۇرۇش ھوقۇقى، تېخىمۇ چوڭ بولغان بايلىقنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھەربىي بۇيرۇق ۋەدىنامىسى تۈزۈمى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات تۈرلىرىدە نەتىجە ـ ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ پەن تەتقىقات خىراجىتىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار پىلانىنى بىرىكتۈرۈشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى خاتىرجەم ئىلىم تەھسىل قىلىش، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، كۆپرەك نەتىجە يارىتىش، ياخشى نەتىجە يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى باھالاشتىن ئىبارەت بۇ «دىرىژورلۇق كالتىكى»دىن ياخشى پايدىلانغاندىلا، ئاندىن ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوزغىتىشقا پايدىلىق ئېكولوگىيەلىك سىستېما بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش قىممىتى، ئىقتىدارى، تۆھپىسىنى يېتەكچى قىلغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسى ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ قېتىرقىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىغا پايدىلىق باھالاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەم يولغا قويۇش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىختىساسلىقلار قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، قابىلىيىتى قانچە كۈچلۈك بولسا شۇنچە ياخشى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىدە، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى، ھەر كىم ئۆز تالانتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىشلىتىش مېخانىزمى، بەس ـ بەستە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىشقا پايدىلىق رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە پايدىلىق رىقابەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا توپلاپ، ھەممە كىشى ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھەممە كىشى ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ھەممە كىشى ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدىغان، ھەممە كىشى ئۆز تالانتىنى نامايان قىلالايدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەندىلا، بىز چوقۇم 2035 ـ يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، 2050 ـ يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياخشى ئىختىساسلىقلار ئاساسى سالالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.