تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بازارنى تەمىنلەش مول بولدى، ئىستېمال جانلاندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ شى خەۋەر قىلىدۇ: دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار تاۋار بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتتى، بازارنى تەمىنلەش مول بولدى، ئىستېمال جانلاندى.

10 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق شىمالىي يولىدىكى دوستلۇق سودا سارىيىدا، مال جازىسىنىڭ تاۋارلار بىلەن لىق تولغانلىقىنى، ھەممە نەرسىنىڭ تەل ئىكەنلىكىنى كۆردى. تاللا بازاردا گۆش، ئۆي قۇشلىرى، بېلىق، تۇخۇم، كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، خىزمەتچى خادىملار مال توشۇش، مال تولۇقلاش، مالنى خالتىغا قاچىلاش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. سودا ساراي پەسىل ئالماشقان تاۋارلار، ئىستىراھەت تاۋارلىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، ئېتىبار بېرىش، باھانى چۈشۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى كېلىپ مال سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر شىنجاڭ لىڭچىڭ كۆكتات، مېۋە توپ سېتىش بازىرىغا كېلىپ، كۆكتات، ئاشلىق ـ ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىك قاتارلىق مال مەنبەلىرىنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى كۆردى. تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن مېۋە ـ كۆكتاتلارنى ئېلىپ كەلگەن ئاپتوموبىللار قاتار ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئېغىرلىق ئۆلچەتتى. بازار كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مال مەنبەسىنى تەشكىللەپ، ئاشلىق ـ ياغ، كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە قاتارلىق تۇرمۇش زۆرۈر بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى مال مەنبەسىنى تەشكىللەش، بازاردا سېتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئاشلىق ـ ياغ، قۇرۇق مېۋە، پېچىنە ـ پىرەنىك، قوي ـ كالا گۆشى، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، بازارنى تەمىنلەشنىڭ تولۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئۈچ ۋىلايەتتىكى سودا سارايلار، تاللا بازارلار، ئاشخانىلار، توپ سېتىش بازارلىرى قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ سودا ئوبوروت كارخانىلىرىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭ جانلاندى. ئاۋات ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلار، تاللا بازارلار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىدا گۆش، ئۆي قۇشلىرى، تۇخۇم، سۈت، پېچىنە ـ پىرەنىك، كەمپۈت، چاي قاتارلىق تاۋارلار مال جازىسى ـ پوكەيلەرگە لىق تىزىلدى، ھەرقايسى سودا ئورۇنلىرى ئېلېكتىرونلۇق ئېكران، تەشۋىقات لوزۇنكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق بايراملىق ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى بەس ـ بەستە تەشۋىق قىلدى. «دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بىز مال كىرگۈزۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، قوي ـ كالا گۆشى، مېۋە، كۆكتات، پېچىنە ـ پىرەنىك قاتارلىقلارنىڭ زاپاس مىقدارىنى %30 ئاشۇردۇق» دېدى ئاۋات ناھىيەسى جىنچياۋ تاللا بازىرى يېمەكلىك بۆلۈمىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى لى رۈيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.