تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمنى كۆڭلىگە پۈكۈش، سەمىمىيەت بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش

​− ئالىملار روھى توغرىسىدا بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋېن جىڭخۇا

«ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»دىن ئادەملىك ئالەم قاتنىشىغىچە، «تيەنيەن»نىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىن 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈشكىچە ... دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى شانلىق داستاننىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتمەكتە.

بىر ئىلىم - پەن تارىخى دەل ئالىملارنىڭ مەنىۋى تارىخىدۇر. چيەن شۆسېن، دېڭ جياشيەن، خۇاڭ شۈخۇادىن خۇاڭ دانيەن، نەن رېندۇڭ، ليۇ يۇڭتەنگىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىل، ئوخشاش بولمىغان ساھەدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئورتاق مەنىۋى ئىچكى يادرو − ۋەتەننى قەلبكە پۈكۈش، ئىرادىسىدىن يانماي يېڭىلىق يارىتىشقا ئىگە.

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، «ئالىملار روھى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۇزاق مەزگىللىك ئىلىم - پەن ئەمەلىيىتى داۋامىدا جۇغلىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق» دەپ كۆرسەتتى، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلىم - پەننىڭ ئېگىز چوققىسىغا ئۈزلۈكسىز چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا ئىنتايىن زور ئىلھام ۋە رىغبەت بولدى.

ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىرادە باغلاش

«ۋەتەن مېنىڭ قېنىمنى بىر قېتىمدىلا تۆكۈپ بولۇشۇمغا موھتاج بولسا، مەن بىر قېتىمدىلا تۆكۈپ بولىمەن؛ ۋەتەن مېنىڭ قېنىمنى بىر تامچە، بىر تامچىدىن تۆكۈشۈمگە موھتاج بولغان چاغدا، بىر تامچە، بىر تامچىدىن تۆكىمەن!»

بۇ، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى ئەۋلاد يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى خۇاڭ شۈخۇانىڭ جاراڭلىق قەسىمى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان كىشىلىك ھايات كارتىنىسى.

يۇرتىدىن ئايرىلىپ، قاقاس ئاراللاردا ئىزدىنىپ، نام - شەرىپىنى 30 يىل يوشۇرۇش؛ نامرات، قالاقلىق ئىچىدە «بېشى يەرگە ئېگىلىپ، پۇتى ئاسمانغا قاراپ قالسىمۇ، يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنى ياساپ چىقىش» ... بۇ «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»، دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ چوڭ پەخرى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ سۇغا چۈشۈرۈلۈشى بولۇپ، بۇنى «بىز ئۆزىمىز ياساپ چىقتۇق» دېگەنىدى.

«ئائىلە دۆلەتنىڭ ئەمىن تاپالماسلىقىدىن قورقىمەن! خەلقنىڭ جاپا تارتىشىدىن قورقىمەن! باشقىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراشتىن قورقىمەن!» دېڭىز مۇداپىئە لىنىيەسىدىكى نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قازىنىدىغان «ئۆتكۈر كۆز»نى تاۋلاش ئۈچۈن، ئالىم ليۇ يۇڭتەن پۈتۈن ئۆمرىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى − يېڭى تۈزۈلمىدىكى رادارنى تەتقىق قىلىشقا قارىتىپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ قاقاس دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىدە كۆپ يىل كۈرەش قىلىپ، ئاخىر دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تۈزۈلمىدىكى رادار تەجرىبە سىستېمىسىدا نىشاننى تەكشۈرۈشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى.

جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن − بۇ، دۆلىتىمىزدىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالىملارنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدى، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشى.

داشۆنى پۈتكۈزگەندە، ياش خۇاڭ دانيەن ساۋاقداشلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش خاتىرە قوللانمىسىغا كەسكىنلىك بىلەن «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش بىز بىر ئەۋلادلارنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» دەپ يازغان. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئالىم خۇددى پىرقىرىغۇچتەك ھاردىم - تالدىم دېمەي ئىشلەپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، چەت ئەلنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەكشۈرۈش جابدۇقلىرى تېخنىكىسى قامىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، جۇڭگونىڭ «چوڭقۇر يەر دەۋرى»گە ھەقىقىي كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. بىراق ئۇنىڭ ھاياتى 58 يېشىدا توختاپ قالدى.

«ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆزگەرمەس كۈرەش قىلىش ئاساسىي رېڭى.

«تەيخاڭشەن تېغىدىكى يېڭى يۈ گۇڭ» لى باۋگو 35 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، تەيخاڭشەن تېغىدا يىلتىز تارتىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق كەڭ دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بەردى؛ «كۇمىلاچ بوۋا» گۇ فاڭجوۋ ئۆمۈر بويى يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تەتقىق قىلىش، نەچچە ئەۋلاد خەلقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى؛ ئۆسۈملۈكشۇناس جۇڭ ياڭ ئۇزاقتىن بۇيان جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوغداشقا كۈچ چىقىرىپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنى 16 يىل كېزىپ، نەچچە ئون مىليون تال ئۇرۇق يىغدى ... ئۇلار دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىسسىق قېنىنى، تەرىنى ۋەتەننىڭ كەڭ زېمىنىغا تۆكتى.

2021 - يىلى 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئالىملار ۋەتەن ۋە خەلققە رىشتە باغلاپ، جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، خالىس تۆھپە قوشۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. يېڭى دەۋر دۆلەت، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ موھتاج، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئاساسىي رەڭ قىلغان ئالىملار روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ موھتاج».

دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش

بەلگە خاراكتېرلىك شالاڭ بۇرۇت، بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆز ... ئەسلىدىكى «جۇڭگو تيەنيەن»ىنىڭ باش ئالىمى، قوشۇمچە باش ئىنژېنېرى نەن رېندۇڭنىڭ ھەيكىلى گۈيجوۋدىكى داۋوداڭدا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ، پۈتۈن ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ بارلىققا كەلتۈرگەن «تيەنيەن»نى قوغداپ تۇراتتى.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، نەن رېندۇڭ دىيامېتىرى 500 مېتىر كېلىدىغان شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپ(FAST) قۇرۇلۇشى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەينى چاغدا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ رادىيو تېلېسكوپىنىڭ دىيامېتىرى 30 مېتىرغىمۇ يەتمەيتتى.

ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى رەت قىلىش، ئورۇن تاللاش كەچۈرمىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈش، دەلىللەش، تۈر تۇرغۇزۇش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە بىر قاتار تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ... نەن رېندۇڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 20 نەچچە يىلىنى جۇڭگو «تيەنيەن»گە بېغىشلىدى.

دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بۇ مۇھىم، زور پەن تەتقىقات ئۇل ئەسلىھەسى پۈتكەندىن بۇيان، 400گە يېقىن پۇلسار يۇلتۇزنى بايقىدى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكى خەلقئارادىكى باشقا تېلېسكوپلار بايقىغان پۇلسار يۇلتۇز ئومۇمىي سانىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئارتۇق.

باتۇرلۇق بىلەن ئېگىز چوققىغا چىقىشتەك يېڭىلىق يارىتىش روھى، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئىشەنچ ۋە قەيسەرلىك بىلەن، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى دادىللىق بىلەن يېڭى نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى ساھەنى ئېچىپ، يېڭى يول ئېچىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خاس ئىجادىيەت، ئۆزگىچە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «گالنى بوغىدىغان» بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى گوجىبېيفاڭ 3 - ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكا كوللېكتىپى دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، بېيدوۋ يول باشلاش، 5G خەۋەرلىشىش قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇش يادرولۇق ئۆزەكلىرىنى ئۆز ئالدىغا كاپالەتلەندۈرۈش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان.

پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تەجرىبىخانىدىن چىقىرىپ كەسىپلەشتۈرۈشكىچە ئارىلىقتا نۇرغۇنلىغان قۇرۇلۇش قىيىن مەسىلىلىرى بار ئىدى. دەسلەپكى تەجرىبىدە تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بىر كىچىك داۋالغۇش كەسىپلىشىش باسقۇچىدا گېئومېتىرىيەلىك ھەسسىسىلىك سان بويىچە چوڭىياتتى. كوللېكتىپ كېچە - كۈندۈز دېمەي، بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىلغار بىرىكمە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنولوگىيە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ھەر يىلى تۈرلۈك مۇھىم، زور جابدۇقلارنى نەچچە مىليون يادرولۇق ئۆزەك بىلەن تەمىنلەپ، جابدۇقلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

«چاڭئې بەشىنچى نومۇر»نىڭ ئاينى تەكشۈرۈشى، «تيەنۋېن بىرىنچى نومۇر»نىڭ مارسقا قونۇشىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش تەجرىبە دورىسى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋاكسىنىنى تېز سۈرئەتتە تەتقىق قىلىپ ياساشقىچە؛ سائەتلىك سۈرئىتى 600 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە قاتناش سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساشتىن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدتىن كىراخمالنى سۈنئىي سىنتېزلاش تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقىچە ... جۇڭگو پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.

مەنىۋى مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش

بۇ يىل 5 - ئايدا، «شالغۇت شال ئاتىسى» يۈەن لۇڭپىڭ ۋاپات بولدى.

باشاق ئاستىدا سايىداش ئارزۇسىنى ئۆمۈربويى قوغلىشىش. ۋاپات بولۇشتىن ئىككى ئاي بۇرۇن، 90 ياشتىن ئاشقان يۈەن لۇڭپىڭ تېخى خەينەن سەنيادىكى نەنفەن بازىسىدا پەن تەتقىقاتنى قانات يايدۇرغانىدى؛ كېسىلى خەتەرلىك پەيتتە، ئۇ شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ھەممىدىن بەك ئويلىدى.

مەنىۋى مەشئەل يەتكۈزۈلسىلا، ئۇنى كۆتۈرۈپ ماڭىدىغانلار ھامان بار.

نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن پەن تەتقىقات خادىملىرى شالغۇت شال تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، دۆلەتنىڭ شال كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىدىكى ئالىملارلا 100دىن ئاشىدىغان بولۇپ، زور بىر تۈركۈم سورت يېتىشتۈرۈش ماتېرىياللىرىنى ئىجاد قىلىپ ياساپ، زور بىر تۈركۈم ھوسۇلى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى، تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىر ئەۋلاد ياش پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى سەھنىگە چىقىپ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى قولىغا ئېلىپ، ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئەستايىدىللىق ھەم ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆگىنىش، نام - مەنپەئەت قوغلاشماي، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھىي پەزىلىتى بىلەن، ئىلىم - پەن ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭراتتى −

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ «80 - يىللاردا تۇغۇلغان» تەتقىقاتچىسى فۇ چياۋمېي «سوغۇق ئورۇندۇق»تا ئولتۇرۇشقا رازى بولۇپ، قەدىمكى گېن گۇرۇپپىسى تەجرىبە تېخنىكىسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىنسانلار توپىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەدرىجىي تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدەندى؛ «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» يې سۇڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «جياۋلۇڭ»نىڭ مۇدىر لايىھەلىگۈچىسى ۋە باش غەۋۋاسى، «شېڭخەي يۇڭشى»نىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى، «فىندوۋجې»نىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى بولۇپ، دۆلىتىمىز ئادەملىك چوڭقۇر چۆككۈسىنىڭ ھەربىر قېتىملىق ھالقىشىغا چوڭقۇر قاتناشتى ھەم گۇۋاھ بولدى ...

پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجەت سېلىنمىسى يىلمۇيىل ئاشتى، «قابىللار باشلامچى بولۇش» «بەيگە تۈزۈمى» «ھۆددە تۈزۈمى» يولغا قويۇلدى ... بىر قاتار ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ئاستا - ئاستا قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىلىم - پەندە يىلتىز تارتقان، قېتىرقىنىپ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى كاپالەتكە ئىگە بولدى.

«دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىش، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىش، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى شۇنداق ئىلھاملاندۇردى.

ئىلىم - پەن ئېنىقسىزلىققا تولغان، ئىزدىنىشنىڭ مەڭگۈ چېكى يوق. ئالىملار روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلىتىمىز پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت ۋە كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، دۇنيادىكى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا ئاتلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش ھېكايىلىرىنى يېزىش ئىشەنچى بار، ئىرادىسى بار، ئىقتىدارى بار.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگىراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.