تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ» دەپ چوڭقۇر كۆرسىتىپ، «دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش»نى تەكىتلىدى ھەم ئېنىق نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلماقتا. پەن - تېخنىكا دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى، بەخت - سائادىتىگە ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ باقمىغان. جۇڭگو پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشى، ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش دەل ئىختىساسلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك توپلاپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىدىغان ئىختىساسلىقلار ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقى رىقابەت ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بىزنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2025 - يىلى، 2030 - يىلى، 2035 - يىلىدىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنىنى كۆزلەپ، ئېنىق قۇرۇلۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2025 - يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەتقىق قىلىش - ئېچىش خىراجەت سېلىنمىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي قوشۇن قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملارنىڭ توپلىنىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ساھەلىرىدە زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىغا ئىگە بولۇش؛ 2030 - يىلىغا بارغاندا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۇيغۇنلاشقان ئىختىساسلىقلار تۈزۈم سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش، مۇھىم پەن - تېخنىكا ساھەلىرىدە بىر تۈركۈم باشلامچىلار بولۇش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئالدىنقى سەپ گىرەلەشكەن ساھەلەردە بىر تۈركۈم يول ئاچقۇچىلار بولۇش؛ 2035 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە ئىختىساسلىقلار رىقابەت سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈش. بۇ ئۈچ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنى نىشانى دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن «ۋاقىت جەدۋىلى»، «يول خەرىتىسى» بېكىتىپ بەردى، بۇ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 2035 - يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنى يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقا ئېھتىياجلىق. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشقا بولىدۇ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار مەركەزلەشكەن بىر قىسىم مەركىزىي شەھەرلەردىمۇ ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ۋە توپلاش سۇپىسىنى كۈچەپ قۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۈركۈم دۆلەت تەجرىبىخانىسى ۋە يېڭىچە تەتقىق قىلىش - ئېچىش ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىلىق قوللاپ ۋە قۇرۇپ، خەلقئارا زور ئىلىم - پەن پىلانىنى باشلاپ، ئىختىساسلىقلارنى خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسى ۋە ياۋا غاز سېپى ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.» چىنار دەرىخى تىكىپ، ئالتۇن سۇمرۇغنى جەلپ قىلىش. جاھاندىكى تالانتلىقلارنى توپلاش، ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە پايدىلىق سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، ئىشلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ياخشى ئىشلىسەكلا، پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان پەن تەتقىقات يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، جاھاندىكى تالانتلىقلار جۇڭگوغا جەم بولىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى بەس - بەستە قوزغىتىپ، ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق ئۇرغۇتالايمىز.

ياراملىق ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلسە، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ؛ يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئىختىساسلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم. ھازىر دۆلىتىمىز سىياسىي ئەڭ مۇقىم، ئىقتىساد ئەڭ گۈللەنگەن، يېڭىلىق يارىتىش ئەڭ جانلانغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى بولغاچقا، ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئۇل تەتقىقاتتا مۇھىم، زور بۆسۈش ئىشقا ئېشىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقاتىدا مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان تەتقىقات ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىپ، بىزنىڭ دۇنيادىكى مۇھىم ئىختىساسلىقلار مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. قابىلىيەتلىكلەرنى كىرگۈزۈش يوللىرىنى كەڭ ئېچىپ، جاھاندىكى تالانتلىقلارنى كەڭ قوبۇل قىلىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارغا ئۆز ئورنىنى تاپالايدىغان، تۈرلۈك قابىلىيەتلىكلەرنى ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدىغان قىلساقلا، «جۇڭگو» ناملىق غايەت زور پاراخوت جەزمەن پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.